- تىزىملاتقان
- 2012-7-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3778
- نادىر
- 0
- يازما
- 185
ئۆسۈش
  59.27%
|

ئېسىمدە قىلىشىچە 80-يىللاردىن باشلاپ مەكتەپلەرنىڭ مۇنچە يىللىق تويىنى ئۆتكۈزۈش،ساۋاقداشلار يىغىلىشى ئۆتكۈزۈش دېگەندەك ئىشلار دىيارىمىزدا پەيدا بولۇپ، "ئانا مەكتىپىمنىڭ مۇنچە يىللىق تويىنى ئۆتكۈزدۇق"،"ئانا مەكتىپىمدە مۇنچە يىللىق ساۋاقداشلار يىغىلىشى ئۆتكۈزدۇق" دېگەندەك سۆزلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان بولدۇق،شۇنىڭ بىلەن مەندە زادى قايسى مەكتەپنى "ئانا مەكتەپ"دېيىشىمىز كېرەك؟ دېگەن ئوي پەيدا بولۇپ قالدى.چۈنكى،بەزىلەر ئۆزى ئوقۇغان باشلانغۇچ مەكتەپنى دېسە،بەزىلەر ئوتتۇرا مەكتەپنى،يەنە بەزىلەر ئالى مەكتەپ"ياكى ئوتتۇرا تېخنىكوم"نى دەپ كەلدى،بولۇپمۇ مەن ئاڭلىغان سۆزلەر ئىچىدە ئۆزى ئوقۇغان ئالى مەكتەپنى"ئانا مەكتىپىم" دېگۈچىلەر كۆپ بولدى.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى،ئانا دېگەن پەقەت بىرلا بولىدۇ.ئۆزىمىزنىڭ تۇغۇلۇپ،ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىنى مىسالغا ئالساق، بىز ئانىمىزنىڭ تېنىدە ئاپىرىدە بولۇپ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن،ئانىمىزنىڭ ئاسراپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن ئاستا-ئاستا چوڭۇيۇپ،ئۆمۈلىيەلەيدىغان،ماڭالايدىغان بولۇمىز،ئانا تىلىمىزمۇ شۇ ئانىمىزنىڭ ئىللىق قوينىدا چىقىدۇ،بۇ ھەممىمىزگە ئايان.ئەمدى ئوقۇش جەريانىمىزنى ئەسلەپ ئۆتسەك،بىز ئوقۇش يېشىغا توشقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ ،باشلانغۇچ مەكتەپتە "ئا"دىن باشلاپ ئانا تىل يېزىقىمىزنى ئۈگىنىپ ساۋادىمىزنى چىقىرىمىز، رەقەملەرنى ئۈگىنىپ ئاندىن تۆت ئەمەلنى ئۈگىنىپ،ئاندىن ئادەتتىكى ھېسابلاشلارنى ئۈگىنىمىز،ئاندىن يېشىمىزنىڭ چوڭېيىشىغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا مەكتەپ،ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇيمىز.شۇڭا مېنىڭ بۇيەردە دېمەكچى بولغىنىم بىز ئانا مەكتەپ دېگەندە ئۆزىمىز تۇنجى قېتىم ئوقۇغان،تۇنجى قېتىم ئاغزىمىزغا ئىلىم سالغان مەكتەپ _باشلانغۇچ مەكتەپنى "ئانا مەكتەپ" دېسەك ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ،دەپ قارايمەن.
بۇ پەقەت مېنىڭ ئويلۇغىنىم،ئىنكاس يازساڭلار ئىنكاسنىڭ تىغ ئۇچىنى ماڭا قاراتماي،تېمىدىكى مەزمۇنغا قارىتارسىلەر. |
|