- تىزىملاتقان
- 2012-12-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7251
- نادىر
- 0
- يازما
- 631
ئۆسۈش
  45.02%
|
قەدىرلىك ئۇيغۇر ئوغلانى، ئۇيغۇر ئاقارتىش ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلغان قەھرىمان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتمەيدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئەسەرنىڭ بەدئىلىكىنىڭ يۇقىرىلىقى، مەزمۇنىنىڭ ئۆتكۈرلىكى شائىرنىڭ شېئىرىنى ئوقۇغان ھەرقانداق ئادەمدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. بەلكىم ئۇيغۇرلارنىڭ 20- ئەسىردىكى ھەرقانداق شائىرلىرىنىڭ يازغان شېئىرلىرىنىڭ بەدئىلىكى ئادبدۇخالىق ئويغۇرنىڭ شېئىرلىرىگە يەتمەسلىكى مۇمكىن. 1993-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا تىل ئەدىبىيات دەرسلىكىمىزدە مەرھۇم شائىرىمىزنىڭ «غەزەپ ۋە زار» ناملىق شېئىرى بار ئىدى. بۇ شېئىرنى ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە مەجبۇرى يادقا ئالغۇزغان ئىدى. مەخسۇس مۇھاكىمە ئۇرۇنلاشتۇرغان ئىدى. ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ چۈشەندۈرىشىچە ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۇرۋازلىق بىر قەدەر ئېغىر بۇلۇپ، شائىر بۇ يۇرۋازلىقتىن تولىمۇ بىزار بولغانلىقتىن ئۆزىگە ئۇيغۇر دەپ تەخەللۇس قويغان ئىكەن. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى شۇ دەۋردىكى ئەڭ ئىلغار پىكىر ئېقىمىغا ئىگە ئۇلۇغ ئادەم دىيىشكە تامامەن بۇلىدىكەن. مەن بۇلارنى كىيىچە تېخىمۇ تۇلۇق ھىس قىلدى.
مىنىڭ نەزىرىمدە ئابدۇخالق ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ بەدئىلىكى لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرىنىڭ بەدئىلىكىدىنمۇ يۇقۇرى تۇرىدۇ. (بۇ ئۆزەمنىڭ شەخسى كۆز قارىشى، سېلىشتۇرۇش ئانچە ياخشى ئىش بولمىسا كېرەك.). ئابدۇخالق ئۇيغۇر لۇتپۇللا مۇتەللىپتىن 12يىل بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن. بۇ ئىككى شائىرىمىز زامانداش بولسىمۇ ئۆز ئارا تۇنۇشۇپ ئۆتۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان. ئەگەردە بۇ ئىككەيلەن تۇنۇشقان بولسا ئىدى بەلكىم يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالىغان بۇلاتتى.
ئابدۇخالق ئۇيغۇر........ يازغىنى بىلەن قىلغىنى بىردەك بولغان ھەقىقى ئۇلۇغ شائىر. ھازىرقى ئوردا شائىرلىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغاندا يۈزى چوقۇم قىزىرىشى كېرەك. شائىر دىگەن ئىشىنى، يازغان ئىشىنى قىلالىدى. جېنىدىنمۇ ۋاز كىچەلىگەن. لىكىن بىزنىڭ ھازىرقى دەبدەبىلىك يازغۇچىللىرىمىز كىچىككىنە ئەمىلى ياكى خىزمىتىدىنمۇ ۋاز كىچىشكە رازى ئەمەس. |
|