بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qeyser-mijit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-15 12:43
ئالى مەكتەپ ھاياتىمنى ئەسلىسەم -ماڭا كۈچ ۋە ئىلھام بەرگەن، ستودىنتلىق ھاياتىمنى بىيىتقان ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنى، ئۇلار ئىلىپ بارغان پاالىيەتلەرنى ھەمدە بۇ پاالىيەتلەرنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىدا جان پىدالىق بىلەن ئىشلىگەن كىشىلەرنى ئەسلىمەي تۇرالمايمەن. ئۇنىۋىرىسىتىتقا كىلىپلا بىرىنجى مەۋسۈمدە ئەدەبىياتقا بولغان دەسلەپكى ھەۋىسىم تۈپەيلى غەيرەت غوپۇر ۋە ساۋۇتجان ھىدايەتلەرنىڭ دالالىتى بىلەن بىرلەشمە قارمىغىدىكى "تەڭرىتاغ ئىجادىيەت ئۇيۇشمىسى" غا ئەزا بولدۇم. (ئۇيۇشمىنىڭ ئىسمى ئاشۇنداققۇ دەيمەن) ئۇيۇشمىنىڭ مەسۇللىرى كورلىدىن كەلگەن بويى ئۇزۇن كەلگەن ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئەسقەر ياسىن بىلەن غۇلجىدىن كەلگەن يارىشىملىق بۇرۇتى بار قانۇن فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى تۇرسۇنجان ھاشىم ئىدى. شۇ مەزگىللەردە ئۇيۇشمىنىڭ يىغىنىغا بىر نەچچە قىتىم قاتناشقىنىم ئىسىمدە. ئىككىنچى مەۋسۈم باھار ئايلىرىنىڭ بىرىدە ئىگىىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتىتىمىز ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى - ئۇيۇشما رەئىسى كەلپىندىن كەلگەن ئىبراھىم ئەمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن فاكۇلتىتىمىزدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. مەن بۇ مۇسابىقىدە چىمپىيون بولدۇم ۋە مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە فاكۇلتىتىمىزگە ۋاكالىتەن قاتنىشنىشقا بەلگىلەندىم. مۇسابىقە ماي ئېيىنىڭ بىشىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى. مۇسابىقىغا ئاز قالغاندا فاكۇلتىتنىڭ يىتەكچىسى لى يوڭ شېڭ(ھازىر ئۇنىۋىرسىتىت مۇئاۋىن مۇدىرى ئىكەن دەپ ئاڭلىدىم) مىنىڭ نىمە توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغانلىغىمنى سۈرۈشتە قىلىپ سىنىپقا ئىزدەپ كىرىپتۇ. :"سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدا " دىدىم ئۇنىڭغا ۋە قىسقىچە مەزمۇنىنى ئەپلەپ-سەپلەپ يومزىلاپ چۈشەندۈردۈم. شۇنىڭ بىلەن نىمە سۆزلىمەكچى بولغىنىمنى فاكۇلتىت تەستىقلىغان بولدى. مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىنىڭ باھالىغۇچىلىرى - چوڭ زىيالى ۋە مۇتەخەسىسلەردىن تەركىپ تاپقان بولسا كىرەك. ئۇلار باھالاش ئۆلچەملىرى بويىچە نومۇر قويۇپ قالماستىن بەلكى يەنە ئاڭالىغۇچىلارنىڭ چاۋاكلىرىغىمۇ ئەھمىيەت بەرسە كىرەك. سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ھەققىدە سۆزلىگەن نۇتۇغىم - ئىقتىساد كەسپىدە ئوقۇغان بالىلارغا چۇشۈنۈشلۈك بولغىنى بىلەن باشقىلارغا چۈشۈنۈكسىز، تولىمۇ ئابىسىتراكىت تۇيۇلدىمۇ ۋە ياكى كاستىيۇم بۇرۇلكا كىيىپ چىقىشنىڭ ئورنىغا ئورمانلىقتەك بوپ ئۆسۈپ كەتكەن بۈدۈر چىچىم بىلەن كىيىپ چىققان شۇ زامانلاردا جەنۇپتا مودا ھەربىچە سىرىق شىم-پەشمەتنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سىغمىغانلىغىدىنمۇ ئەيتاۋۇر، ئاۋازىمنىڭ ياڭراقلىغى، سۆزۈمنىڭ راۋانلىقىغا باقماي، دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشەلمەي، ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشىتىم. تارىخ فاكۇلتىتىغا ئاتۇشتىن 85-يىللىرى كەلگەن بىر بالا "ئۇيغۇر مۇئارىپىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى" تىمىسىدا سۆز قىلىپ كۆپ ئالقىشقا ئىرىشتى، شۇ يىگىت ئىككىنجى دەرىجىگە ئىرىشتى.(كىيىن بۇ يىگىت تۈركىيىگە ئوقۇشقا كىتىپ ئولتۇراقلىشىپ قالدى بولغاي) ئىسىمدە قىلىشىچە نەتىجىگە ئىرىشكەنلەرنىڭ ھەممىسى خەلقىمىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە سۆزلىگەن يۇقۇرى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولدى، دىمەك "ئىككى ئىشتاننى بۇرۇن يىرتقاننىڭ پايدىسى كۆپ" ئىكەن. ئۇ ۋاقىتتىكى بىرلەشمىنىڭ رەئىسى چەرچەندىن كەلگەن ئەركىن روزى(ئادۋوكات، ھەم ئەدەبى ئاخباراتچى) بولۇپ، مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ، قىزىقىش دائىرىسى كەڭ، شۇنىڭغا ماس ھالدا پائالىيەتلەر مول ئىدى. ئوقۇغۇچىلاربىرلەشمىسى كورلىدىن كەلگەن بۈدۈر چاچلىق تۇرسۇنجان باقىر،(سىياسى كىڭەشتە خىزمەتتىغۇ دەيمەن) خوتەندىن كەلگەن غالىپ مۇھەممەت (ھۆكۈمەتتە تەرجىمان ئىدى) قاتارلىق قابىليەتلىك ئوقۇغۇچى كادىرلارنىڭ قول سىلىپ ئىشلىشى بىلەن ھەر خىل پاالىيەتلەرنى ئىلىپ باراتتى، مەسىلەن، بىرلەشمە قەرەللىك ھالدا داڭلىق ئالىملارنى، چەتئەللەردە ئوقۇپ كىرگەنلەرنى سۆزگە تەكلىپ قىلاتتى، ھەمدە نورۇز بايرىمىمىزنى مۇبارەكلەپ ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ پاالىيەتلەرنى ئىلىپ باراتتى. مۇنداق پائالىيەتلەرنى ئىلىپ بىرىشنىڭ پايدىسى كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە ئىدى. بىرىنجىدىن ئۇ مەكتەپتە قىزغىن ئۈگۈنۈش مۇھىتىنى پەيدا قىلاتتى، ئىككىنجىدىن، بىر تۈركۈم تالانتلىق ، قابىل بالىلارنىڭ بايقىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بىرەتتى. باشقىلار ئۇلارنى ئۈگۈنۈش ئۈلگىسى قىلاتتى ئۇچىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىغىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە ئۈمىت بىغىشلاىيتتى. تۆتىنجىدىن جەمىيەتتە ياخشى تەسر پەيدا قىلىپ مەكتەپنىڭ ئىناۋىتى ۋە ھۆرمىتىنى ئاشۇراتتى. مەن ئىككىنجى يىللىققا چىققاندا يەنى 1990-يىلى مەكتەپتە فاكۇلتىتلار ئارا مۇنازىرە مۇسابىقىسى قىزغىن قانات يىيىپ كەتتى. بىزنىڭ فاكۇلتىتقا ۋاكالىتەن يۇقۇرى يىللىقتىن ئىبراھىم ئەمەت باش مۇنازىرىچى مەن ۋە مىنىڭ ساۋاقدىشىم-قاغىلىقتىن كەلگەن ئادىل مامۇت (ھازىر قاغىلىق ناھىيىسىدە مۇئاۋىن ھاكىم ئوخشايدۇ) ياردەمچى مۇنازىرىچى بولۇپ جۇغراپىيە فاكۇلتىتى بىلەن شۇلارنىڭ فاكۇلتىتىدا مۇنازىرىگە چۈشتۇق. بىز ياقىلايدىغان كۆزقاراش "كوللىكتىىپ مەنپەئەت شەخسى مەنپەئتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ" بولسا قارشى تەرەپنىڭ ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىدى. مۇنازىرە ئىنتايىن شىددەتلىك ئىلىپ بىرىلدى. ئىبراھىمنىڭ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان ياپۇنلارنىڭ "داخې روھى -كوللىكتىۋىزىملىق روھى"نىڭ كۈچى بىلەن دۇنيادا ئىقتىسادى كۈچلۈك، تەرەققى تاپقان دۆلەتكە ئايلىنالىغىنىنى جانلىق مىساللار، ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بىلەن دەللىلىشى ئادىلنىڭ ۋە مىنىڭ قارشى تەرەپنىڭ مۇنازىرىچىلىرىنىڭ بايانلىرىدىكى خاتا كۆز قاراشلارنى كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ نەزەرىيىسىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنىشمىزغا باقماي، مۇنازىرە ئاخىرىدا ئىنتايىن تۆۋەن بولغان نومۇر پەرقى بىلەن قارشى تەرەپكە ئۇتتۇرۇپ قويدۇق. قارشى تەرەپنىڭ باش مۇنازىرىچىسى -ئابلەت ئىسىملىك 87-يىللىقتا ئوقۇيدىغان غۇلجىدىن كەلگەن بالا بولۇپ، كۆز قاراشلىرىنى ئاممىباپ ئۇسۇلدا بايان قىلىپلا قالماي، بىزنىڭ سۆزلىرىمىزگە جاۋاپ قايتۇرۇشقا توغرا كەلگەندە چاقچاق بىلەنلا جاۋاپ ياندۇرۇپ، ساۋاقداشلارنىڭ كۈلكە ۋە چاۋاكلىرىغا كۆپ رەت ئىرىشتى. بىز مۇنازىرىدە يىڭىلگەندىن كىيىن سەۋەپنى ئۆزىمىزدىن كۆرمەي مۇسابىقىنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتىتىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن ئۇلارنىڭ چاۋاك چالىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپلىگىدىن، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ چاۋاكنى بىز شەرھىلىگەن نۇقتىنەزەردىكى ئىلمىلىككە ئەمەس، بەلكى قارشى تەرەپنىڭ چاقچاقلىرىغا مەس بولغانلىغىدىن دەپ ئۆزىمىزگە تەسەللى بىرىشتۇق ھەتتا تىخى "دەرتنى تەڭ تاتىشىپ ، سەبداشلىق روھىمىزنى نامايەن قىلىپ ئىسنى قويۇق چىقىرىپ بىر نەچچەدىن تاماكۇمۇ چىكىشتۇق. "رەقىپلەر تار يولدا ئۇچرۇشۇپتۇ" دىگەندەك ئارىدىن بىرەر يىلچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىنكى مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە، ئابلەت مىنىڭ كۈچلۈك رىقابەتچىم بولۇپ ئۇ بىرىنجىلىكنى مەن ئىككىنجىلىكنى ئالدىم. ئابلەت ھەقىقەتەن ئۆتكۈر، ناتىق بالا ئىكەن. ئۇنىڭ كۆز ئەينەك تاقاپ ئۆرە تۇرۇپ سۆزلىگەن قىياپىتى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا. (ئەگەر باغداش ئوقۇرمەنلىرىدىن ئابلەتنى توۇنيدىغانلار بولساڭلار مىنىڭ ئابلەتكە بولغان ھۆرمەت سالاملىرىمنى يەتكۈزۈپ قويغايسىزلەر، ئۇنىڭغا بارلىق ياخشىلىقلارنى تىلەيمەن، ئالدىن رەھمەت!) دىمەك ئۇ چاغلار، ئالى مەكتەپ ھاياتىمىز ئاشۇنداق قىزغىن ئىدى. نەركىن روزى ئەپەندى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەتكەندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىگە رەئىس بولغان ئەنۋەر راخمانمۇ تەشكىللەش قابىلىيىتى كۈچلۈك ئوقۇغۇچى كادىر بولۇپ چىقتى (بۇ ھەقتە مۇشۇ ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ ئىككىنچىسىگە قارالسۇن) ئۇنىڭ يىتەكچىلىگىدە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمە پائالىيىتىمىز بۇرۇنقىدەك داۋاملاشتى. بىرلەشمىنىڭ ئىجتىماى ئەمەلىيەت بۆلۈمىگە مەسۇل بولغان ماتىماتىكا فاكۇلتىتىنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى غۇلجىدىن كەلگەن ئىليار ئۆمەر، ۋە قارامايدىن كەلگەن ئەسقەر، ئاتۇشتىن كەلگەن ئابدۇقادىر بەكرى باشقا بۆلۇملەرگە مەسئۇل بولغان بالىلاردىن قانۇن فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن نەبى ئىبراھىم، كورلىدىن كەلگەن ھېزىمجان، ئاقسۇ بايدىن كەلگەن مىنىڭ ساۋاقدىشىم تۇرسۇن ئەلى، ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇيدىغان غۇلجىدىن كەلگەن نىجات ئەخمەت، ئۈرۈمچىدىن كەلگەن فىزىكا فاكۇلتىتىدا ئوقۇيدىغان مەمەتەلى، قەشقەردىن كەلگەن ئېلى تۇراق، ئاتۇشتىن كەلگەن سىياسى فاكۇلتىتتا ئوقۇيدىغان قىزلار بۆلۈمىنىڭ مەسۇلى گۈلنۇر ۋە ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ھازىر ئۈرۈمچى تىلىۋىزىيەسىدە رىياسەتچىلىك قىلىدغان ئېلنۇر ئىبراھىم قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن، ھەر ھەپتىدە دىگۈدەك پائالىيەتلەر ئىلىپ بىرىلاتتى. ئوقۇغۇچى كادىرلار تالانتلىق ئوقۇغۇچىلارنى بايقاپ ئۇلار ئۈچۈن ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرىدىغان سەھنە ھازىرلايتتۇق. مەسىلەن، قاراشەھەردىن كەلگەن سىياسى فاكۇلتىتىدا ئوقۇيدىغان بىر مۇنازىرىچى بالا بولىدىغان، ئۆز كۆز قارىشىنى ئىسپاتلاشتا كەلتۈرگەن دەلىلىنىڭ ئوقۇغان كىتاۋىنىڭ بەتلىرىدىكى ئورنىدىن تارتىپ دەپ بىرىدىغان. تارىخ فاكۇلتىتىدا ئوقۇيدىغان خوتەندىن كەلگەن غەيرەتجان ئىسىملىك قىزغىن مۇنازىرىچى يىگىت ۋە ئاتۇشتىن كەلگەن ئەدەبىياتتا ئوقۇيدىغان نۇرمۇھەممەت ئىسىملىك بالا بولىدىغان، ئىغىر بىسىق، ئەمما گىپىنىڭ تورى بار. ئۆز تالانتىنى مۇنازىرە مەيدانلىرىدا، نورۇز سەھنىلىرىدە چاقنىتىپ تۇرىدىغان ئادىلجان تۇنىياز، سىتىۋالدى كىرىمگە ئوخشاش سۆيۈملۈك ياش شائىرلىرىمىز شۇ چاغدىلا مەكتەپتە چاڭ چىقىرىپ بالىلارنىڭ ھۆرمەت ۋە سۆيگۈسىنى قوزغىغان ئىدى. ئۇ چاغلار ئاجايىپ چاغلار ئىدى. ئوقۇغۇچىلاردا بىز "مۇشۇ زىمىننىڭ ئىگىسى، بىز تىرىشمىساق، ئالغا باسمىساق كەينىدە قالىمىز ، بۇ زىمىننىڭ گۈللىنىشى بىزگە باغلىق " دەيدىغان قاراش ھۆكۈمران ئىدى. نورۇز پائالىيەتلىرىدە مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىنگە ئوخشاش ئەسىرلىك يىتۈك ئالىملىرىمىزنى تەكلىپ قىلىپ سۆزلىتەتتۇق، تۇرسۇن قۇربان مۇەللىمگە ئوخشاش ھۆرمەتكە سازاۋەر شائىر ئۇستازلارنى شىئېر ئوقۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلاتتۇق. مىجىت خۇدابەردىگە ئوخشاش مۇتەخەسىس ئالىملىرىمىزنى نۇتۇققا تەكلىپ قىلاتتۇق. مەن ئۈگۈنۈش بۆلۈمگە مەسۇل بولغاندىن كىيىن بىر تەرەپتىن ئوقۇش، فاكۇلتىت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنى تۇتۇش، يەنە بىر تەرەپتىن ئېنگىلىزچە دەرس ئۆتۈش ۋە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈشىگە پايدىلىق مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن مۇئاۋىنىم ئابدۇقادىر بەكرىنىڭ جان پىدالىق كۆرسىتىشى بىلەن بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە ئاتلاندىم. ئالدى بىلەن يىڭى قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئۈگۈنۈش ئىكەنلىگىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ، مىللەتنىڭ ئۇلاردىن زور ئۈمىد كۈتىدىغانلىغىنى سەمىگە سىلىپ قويۇش ئۈچۈن، ئۆزۈم ئەدەبى ئاخباراتلىرىمدا يازغان بئولوگىيە فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى -قەشقەردىن كەلگەن نىجات ئىمىن(ھازىر ئاۋستىرالىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالدى) فىزىكا فاكۇلتىتىدىن دىلشات ھېىزۇللا (ھازىر ئەنگىلىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالدى) قاتارلىقلارنى ھەمدە قىزلاردىن بىئولوگىيە فاكۇلتىتىنڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىسى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن پەزىلەت بەختىنى (ھازىر شۇ ئونىۋىرىستىتتا پروففىسور) شائىر ئادىلجان تۇنىيازنى ۋە مۇشۇلارغا ئوخشاش ئەلاچى بالىلارنى يىڭى ئوقۇغۇچىلارغا ئۈگۈنۈش تەجىربىسىنى سۆزلەپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدىم. ئاندىن فاكۇلتىتلار ئارا زېھن سىناش مۇسابىقىسى ئىلىپ باردۇق. ئابدۇقادىر بەكرى ئىككىمىز نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسىنى كۆتۈرە ئىلىۋالغۇدەك بولۇپ ھەر خىل كىتاپلاردىن ئۇنۋىرسال خاراكتىرغا ئىگە سوئال چىقاردۇق. ئىسىمدە قىلىشىچە مۇسابىقىنىڭ ھەر بىر كوماندىنىڭ ئەزاسى مەجبۇرى جاۋاپ بىرىدىغان ۋە شەخسلەر تالىشىپ جاۋاپ بىرىدىغان قسملىرى بار ئىدى جاۋاپ بىرىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلار كۇنۇپكىنى تىز بىسىشى كىرەك ئىدى. بۇ پائالىيەت بەك قىزىپ كىتەتتى. مەسىلەن، "دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت قايسى؟" دىگەن سۇئالغا چەتئەل تىللىرى فاكۇلتىتى كوماندىسىدىن بىر قىز "ئامىرىكا" دەپ تاماشىبىنلارنى كۈلدۈرىۋەتكەن ئىدى. دىمەك سۇاللارغا جاۋاپ توغرا بىرىلسە، بالىلار بىلىم ئالاتتى، خاتا جاۋاپ بىرىلسە، بالىلار ھەم كۈلۈپ ھوزۇرلىناتتى ھەم رىياسەتچى بولغان مەن توغرا جاۋاپنى ئىيتىپ بەرگەندىن كىيىن تاماشىبىنلار ئۆزىنىڭ قانچىلىك بىلىدىغىىنىنى دەڭسەپ كۆرەتتى. بىز قىلغان يەنە بىر مۇھىم خىزمەت - ھەر تۈرلۈك چەتئەل تىللىرى كۇرسىنى ئىچىش بولدى. (بۇ ھەقتە مۇشۇ ماۋزۇلۇق تىمىنىڭ ئىككىجىسىگە قارالسۇن) نۇرغۇن بالىلار چەتئەل تىلى ئۈگۈنۈشنى بىر خىل ۋەزىپە سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى مەكتەپتە شۇ چاغدا ئىقىپ يۈرگەن مودا سۈپىتىدە قوبۇل قلىشقان ئىدى. مۇنداقچە ئىيتقاندا "زىبا قىزنىڭ ئەتىۋارى بار" ئىدى. بىز بۇ كەيپىياتنى يەنىمۇ يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن، چەتئەل تىلى فاكۇلتىتىغا دەرس ئۆتكىلى كەلگەن ئىككى ئامىرىكىلىق ئوقۇتقۇچىنى ۋە ئامىرىكىدا ئوقۇپ قايتىپ كەتكەن تارخ فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ھۆرمەتلىك ئەنۋەر مۇئەللىمنى باھالاش ھەيئىتىگە تەكلىپ قىزلار ئاشخانىسىنىڭ ئاستىدىكى ئوقۇغۇچىلار پاالىيەت مەرگىزىدە چەتئەل تىللىرى بويىچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئىلىپ باردۇق. كەسكىن رىقابەت ئارقىلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتىتى 90-يىللىق ئىككىنجى سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى گۈلنۈر يۈسۈپ چىمپىيون بولدى. (گۈلنۈر كىيىن ئەنگىلىيىدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەتتى، ھازىر شۇ فاكۇلتىتا پروففىسور) ئاشۇ جەريانلارنى ئەسلىسەم، ئابدۇقادىر بەكرىنىڭ قوشۇمسىنى تۈرۈپ جىددى قىياپەتتە نومۇر ھىساپلاۋاتقان سەمىمى ۋە سۆيۈملۈك قىياپىتى كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ. مەن ئۇنى ياردەمچىلىككە تاللاپ توغرا قىپتىكەنمەن. كىيىن مەن 5-يىللىققا چىقىپ ئاسپىرانتلىققا تەييارلىق قىلغاندا ئۇمۇ ماڭا كۆپ ھەمدەمدە بولدى. يەنى كۇرسقا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملىتىشتىن تارتىپ كۇرسنىڭ راۋان ۋە ئوڭۇشلۇق مىڭىشىغۇچە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىدى. مەن ئىمتىھاىننى بىرىپ بولغاندىن كىيىن بۆلىمىمىزنىڭ خىزمىتىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى نۇقتىغا كۆتەردۇق، يەنى دىلشات ھىۋزۇللانى تەكلىپ قىلىپ ئۇنىۋىرسىتىتتىن ۋە جەمىيەتتىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىنىدىغان تۇنجى كومپىيۇتىر بىلەن تەربىيىلەش كۇرسىنى ئورۇنلاشتۇردۇق. ھازىرقى ئۇيغۇرسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەخەت ئەنە شۇ بىز ئۇيۇشتۇرغان كۇرسنىڭ بىرىنجى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىسىدۇر. بۈگۈن مەن ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى كۆرگىنىمدە ھەم ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمەن، ھەم ئەينى چاغدا چەككەن جاپالىرىمنىڭ ھاردۇقى چىققاندەك ھىس قىلىمەن. ھەم شۇ كۇرستا يۈز بەرگەن مۇنۇ ئىشنى ئويلاپ كۈلۈپ كىتىمەن. مەن بۇ تۇنجى كۇرسنى جۇغراپىيە فاكۇلتىتىدىن سىنىپ ئىلىپ ئاچقان بولۇپ، دەرس باشلانغان كۈنى، دىلشات كۇنۇپكا تاختىسى ھەققىدە سۆزلىدى، مىنىڭ ئادەتتە كۇرس باشلانغاندا دەسلەپكى سائەتلەردە تەشكىللەش، يىتەكچىلىك قىلىش ، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ رىشتىنى باغلاش نۇقتىسىدىن سنىپتا ئۇلار بىلەن بىللە دەرس ئاڭلايدىغان ئادىتىم بار ئىدى. قارىسام دىلشات كۇنۇپكىنىڭ كوپىي قىلىنغان نۇسخىسىدىن ئون نەچچە تال ئىلىپ كەپتۇ. كاللامدىن بىر ئوي كەچتى : مۇشۇنى سىتىپ باقساق ئوقۇغۇچىلار ئالارمۇ؟ ئويۇمنى سىناق قىلىپ باققۇم كەلدى ۋە دەرس ئاخىرلىشىشى بىلەن بالىلارغا قاراپ: -"سىلەر ھازىر كۆرگەن كۇنۇپكىنىڭ نۇسخىسى مۇشۇ "دىدىم مەن ئۇنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، "باھاسى ئۈچ يۈەن. سانى چەكلىك، ئالىدىغانلار يىنىمغا كىلىڭلار".
شۇنداق دىيىشىم بىلەن ئۇنىڭغا ئوت كەتتى. ( ئەينى چاغدا ئۈچ يۈەنگە بىر تەخسە لەغمەن كىلەتتى،ئەلۋەتتە پۇلنى ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىگە تاپشۇرىدىغان گەپ) ئۇنى سىتىپ ئالالمىغانلار مىنىڭ ئۇنى كىلەر قىتىم ئىلىپ كىلىشىمنى تاپىلاشتى. بۇنىڭدىن ھەيران قالغان دىلشات "سەن راست ئاتۇشلۇق ئىكەنسەن، ئىككى موچەنگە يارىمايدىغان نەرسىنى 3 يۈەندىن ساتالىدىڭ" دەپ چاقچاق قىلدى. دىمەك ئىھتىياجلا بار يەردە قىممەت ياراتقىلى بولىدۇ. (گەرچە مەن ئىقتىساد، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئوقۇغان بولساممۇ، بىرەر قىتىم سودا-تىجارەت ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقماپتىمەن، بۇ ھەقتە ئايرىم توختالغۇم بار) مەن ئەنە شۇنداق يالقۇنلۇق يىللاردا يەنى بۈيۈك غايىلەرگە، رومانتىك ھىسلارغا، تۈگۈمەس ئىشەنچ ۋە جاسارەتكە شۇنداقلا ئالدىراشچىلىققا تولغان ئالى مەكتەپ ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى يىللىردا نۇرغۇن سۆيۈملۈك ئوقۇغۇچىلار بىلەن تونۇشۇش، بەزىلەرنىڭ ئاتا -ئانىسى بىلەن ئۇچرۇشۇش ئانا يۇرتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر كەسپتىكى بالىلار بىلەن دوستلۇشۇشتەك ئادەمگە كۆپ نىسىپ بولمايدىغان ھىسسىيات، سۆيگۈ ۋە مۇھەببەت، سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش، ئاسراش ۋە ھۆرمەتلىنىش ئىچىدە ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتىتىدىن ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە ماگىستىرلىققا ئۆتكەن تۇنجى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بولۇپ، شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كىتىپ قالغان ئۇيۇلتاشتەك ئېجىل ساۋاقداشلىرىم، ۋە باشقا كەسپتىكى دوستلىرىمغا قىيماي كۆز يىشى ئىچىدە يىڭى ھايات مۇساپەمنى باشلىدىم. مىنىڭ چەتئەلدىكى ھاياتىمدا ئاشۇ تاتلىق كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىمدىن نۇرغۇن قىتىم ئۆتتى. شۇنداق چاغلاردا ئاشۇ قاينام تاشقىنلىق ھاياتىمنى سىغىنمەن، ماڭا كۈچ ۋە جاسارەت بەرگەن بىللە ئوقۇغان، بىللە خىزمەت قىلغان دوست-بۇرادەرلىرىمنى ياد ئىتىمەن، ھەمد ئۇلارنىڭ تىنىگە ساقلىق، ئاىئلىسىگە خاتىرجەملىك ۋە ياخسى كۈنلەر تىلەيمەن! ئۆزى تىرىشچان، مۇنەۋۋەر شائىرە قىرىندىشىمىز رىسالەت مەردان يەنى ئايتاراتى بىلەن بىللە ئۈرۈمچىدە ئىنگلىزچە ئۈگەنگەن ئەسقەر ئىسىملىك بوي-تۇرقى، گەپ-سۆزى، مىڭىشلىرى ماڭا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان ئىنىم ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىدۇ. ئىنىم كىتىپ كىتىپ كىملەرنىڭدۇرئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا ئۆزىگە زەڭ سىلىپ قاراپ كەتكەنلىگىنى بەزىلەرنىڭ، "ۋاي قەيسەر مۇئەلىممۇ بۇ" ۋە ياكى "قەيسەر قاچان قايتىپ كەلدىڭ؟" ۋە ياكى "سىز قەيسەر مىجىتنىڭ تۇققىنى بولامسىز؟" دەپ سورايدىغابلىقلىرىنى ۋە ئۇلارغا چۈشەنچە بەرگەندىن كىيىن ئۇلارنىڭ مىنىڭ ئەھۋالىمنى سوراپ سالام ئىيتىشقانلىرىنى دەپ تۇرىدۇ. دىمەك، ئۇلار ئاشۇ ياخشىلىقلىرى بىلەن مىنىڭ ئىسىمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ۋە قەلبىمگە ئورنايدۇ. بۇ يەردە مەن ئاشۇ سۆيۈملۈك كىشىلەرگە ھەم كۆپ تەشەككۈربىلدۈرىمەن، بەخت سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن، قىرىنداشلىرىم! ئۇنۇتمىغانلار- ئۇنتۇلمايدۇ!
|