- تىزىملاتقان
- 2013-2-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4890
- نادىر
- 0
- يازما
- 677
ئۆسۈش
96.33%
|
جۇڭگولۇق بايلار ئامېرىكىدىن «بالىياتقۇ ئىجارىگە ئېلىپ» بالىلىق بولماقتا؛
2013- يىلى 9- ئاينىڭ 22- كۈنىدىكى خەۋەر، نۇر تورى تەرجىمىسى: جۇڭگولۇق بايلار ئامېرىكىلىق ئاياللارنى ياللاپ، ئۆزلىرىگە بالا تۇغدۇرماقتا، بۇنىڭ بىلەن كۆلىمى كىچىك، ئەمما تېز ئېشىۋاتقان «جۇڭگولۇق سەر خىللارغا ئامېرىكىلىق بوۋاق لايىھەلەش» تىن ئىبارەت بىر تىجارەت پەيدا بولماقتا. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو ۋە ئامېرىكىدىكى ۋاكالىتەن ھامىلىدار بولۇش ئاپپاراتلىرى جۇڭگولۇق بايلارنىڭ «جۇڭگونىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، يەنە بىر بالىلىق بولۇشتىن ئىبارەت» ئېھتىياجىغا ماسلاشماقتا، ئۇلار بەلكىم ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشى مۇمكىن. ئائىلە بويىچە كۆچمەن بولۇش جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە يەنە بىر خىل ئۇسۇل ـــ ئامېرىكا پۇقرالىرى 21 ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئاتا- ئانىلىرىغا ئامېرىكا يېشىل كارتىسى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
|
|