- تىزىملاتقان
- 2012-9-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 351
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
  25.5%
|
كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاغدىكى ئورمانلار ئۆز پادىشاھىغا ئەرز ئېيتىپ كەپتۇ؛-داد ،پادىشاھىئالەم! ئىشىمىز چاتاق بولدى!بىزنى قېرى-ياش دېمەي،قىلچە رەھىم-شەپقەت قىلماي خالىغانچە كېسىپ ۋەيران قىلىشىۋاتىدۇ!
-كىم ئىكەن ئۇ بىزنى خالىغانچە كېسىپ ۋەيران قىلىۋاتقان؟-دەپ سوراپتۇ پادىشاھ ھەيران بولۇپ.
-يېقىندىن بۇيان پالتا دەيدىغان بىر نېمە پەيدا بولۇپ قالدى،بىزنى شۇ كېسىۋاتىدۇ.
-پالتا دېدىڭلارمۇ؟-پادىشاھ بىرئاز خىيالغا چۆكۈپ سوراپتۇ،-پالتا دېگەن قانداق نېمىكەن ئۇ؟
-تۆمۈردىن ياسالغان،ناھايىتى ئۆتكۈر بىر قورال ئىكەن.
-پالتىنىڭ تەپ تارتماي بىزنى كېسىدىغان جېنى ئونمىكەن؟ئۇنى ئوبدانراق كۆزىتىپ باقتىڭلارمۇ؟
-يوقسۇ.
-ئۇنداق بولسا ئوبدانراق تەكشۈرۈپ كېلىڭلار،-دەپتۇ پادىشاھ كۆپچىلىككە قاراپ،-مېنىڭچە،تۆمۈر ئۆزى يالغۇز بىزنى بۇنداق خالىغانچە كېسىپ ۋەيران قىلالمايدۇ.بەلكىم ئۆز ئىچىمىزدىن ئۇنىڭغا ياردەم بېرىۋاتقانلار بولىشى مۇمكىن.
ئورمانلار قايتىپ كېتىپ پالتىنى ئوبدان كۆزىتىشكە باشلاپتۇ.قارىسا ئۇنىڭ سېپى ياغاچ ئىكەن.ئۇلار بۇ ئەھۋالدىن چۆچۈپ كېتىپ،ئالدىراپ پادىشاھقا يەنە خەۋەر قىلىپ كەپتۇ.
-ئەي پادىشاھ ئالىيلىرى،پالتا دېگەن بۇ نېمىنىڭ سېپى ياغاچ ئىكەن!
-دېمىدىممۇ!-دەپتۇ پادىشاھ،-ئۆزىمىز ئۇنىڭغا ساپ بولۇپ بەرمىسەك،ئۇ ھېچنىمە قىلالمايتتى.ئەيىب ئۆزىمىزدە.بىلىپ قويۇڭلار،<يېغا ياندىن كېلەر،بالا قېرىنداشتىن>دېگەن مۇشۇ!!!
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئۇچراپ كېلىۋاتقان پىشكەللىكلىرىمىزگە بىزنىڭ كاتتىلىرىمىزمۇ مەسئۇل بولىشى كېرەك.سۇئال-سورىقى بار جاھان بۇ .
|
|