قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2111|ئىنكاس: 31

نورۇز بايرىمى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

2

دوست

2376

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15570
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 59
تۆھپە : 728
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 15:21:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
)نورۇز بايرىمى توغرىسىدا زور كۆپچىلىك تورداشلار چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولسىمۇ يەنە بىر قىسىم تورداشلارنى كۆزدە تۇتۇپ ۋە كىلىش ئالدىدا تۇرغان مۇبارەك نورۇز نى تەبرىكلەش مەقسىدىدە بۇ يوللانمىنى تەييارلىدىم(

نورۇز بايرىمى –تۈركى مىللەتلەر ۋە پارىس كىشىللىرىنىڭ ئەڭ  قۇتلۇق ،ئەڭ چوڭ ،ئەڭ زور تەنتەنە  بىلەن ئۆتكۈزلىدىغان قەدىمى يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ ،شەمسىيە كالىندارى بويىچە كونا يىل ئاخىرلىشىپ يېڭى يىل كىرگەن كۈنى،  مىلادىيە كالىندارى بويىچە كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن  كۈنىنى نۇقتا قىلىپ ھەريىلى 3.ئاينىڭ 21. 22 .23.كۈنلىرى ئۆتكۈزىلىدۇ.

دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە تۈرلۈك ۋەقە ھادىسىلەرنىڭ خاسىيەتىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئۈزنىڭ ‹‹يېڭى يىلىنى››ئوخشىمىغان ۋاقىتلارغا ئۇرۇنلاشتۇرغان.  نۇرغۇن دۆلەتلەر مىلادى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىنى يېڭى يىل دەپ، بۇ كۈننىڭ خاسىيىتىنى خاتىرلەش بىلەن بىرگە تەبىيەتتىن تۈرلۈك تىلەكلەرنى تىلەپ،شۇ يىل ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ باياشات ۋە خاتىرجەم ئۈتۈشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. بىر قىسىم مىللەتلەر ئاي كالىندارى ۋە قوياش كالىندارىدىكى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىنى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى يىل باشلىنىش كۈنى قىلىپ بىكىتكەن .  
بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزمۇ باشقا مىللەت خەلىقلىرىگە ئوخشاشلا يېڭى يىلنى ئۇلۇغلاشنى،يېڭى يىلدا ئۈزنىڭ ئاسىيىشلىققا تولغان تۇرمىشىنى قەدىرلەشنى بىلگەن . ۋاقىتنى ئېنىق ھىساپلايدىغان ئاستۇرنۇمىيەلىك يازما كالىندار يوق ئەھۋال ئاستىدىمۇ باھاردا ئوت-گىيانىڭ ياشىرىشى، يۇلتۇزلار ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ يىل بېشىنى پەرقلەندۈرگەن.ھەمدە بۇ كۈننى دەسلەپتە  ‹‹ياشلانغان يىل»،›› ياشارغان كۈن››،‹‹كۈن تۇغدى››  ‹‹كۈنتۇغدى بايرىمى››.‹‹كۆكلەم بايرىمى››،‹‹تەبىئەت بايرىمى››،‹‹يېڭى كۈن بايرىمى››،‹‹باھار بايرىمى››،‹‹ئەمگەك بايرىمى›› دەپ ئاتىغان بولسا 10-ئەسىرلەردىن كىيىن، ئىرانلىقلارنىڭ‹‹نەۋرۇز››سوزىنى قۇبۇل قىلىپ،باھار بايرىمىنى‹‹‹نەۋرۇز ›› دەپ ئاتايدىغان بولغان.نورۇزدىكى ‹‹نەۋ›› ‹‹ يېڭى ،ئېرىغ،پاكىز،تازا» دىگەنلىكتۇر.‹‹رۇز››نىڭ مەنىسى ئاپتاپ(قۇياش) تۇغۇلۇپ-پاتقۇچە يۇرۇق بۇلۇپ تۇردىغان چاغ دىگەنلىكتۇر.دىمەك ‹‹نورۇز››-‹‹يېڭى كۈن››،‹‹يىل  بېشى››،‹‹يېڭى يىل›› ، ‹‹ياشارغان كۈن›،دىگەندىن ئىبارەت.
نورۇزنىڭ خاسىيەتلىرى
ئەجداتلار يېڭى بىر يىلدا تەبىئەتتىن زور نىممەتلەرنى كۈتۈش بىلەن بىللە يەنە،كىشىلەر ئارىسىدىكى كۈيۈنۈش ۋە مىھرىۋانلىقنىڭ يېڭى باسقۇچقا كۈتۈرۈلۈپ،تەبىيەتتىكى ئادەم،جان- جانۋارلار ۋە ئوسۈملۈكلەرنىڭ كەڭ زىمنىدا ئۈزىنىڭ بەرىكىتىنى ياغدۇرۇپ،زىمىنىڭ ئاسىيىشلىقىنى ،گۈزەللىكىنى تېخمۇ نامايەن قىلىشىنى تىلەشكەن.بۇنىڭدىن تەبىيەت بىلەن ئادەم ئوترىسىدىكى گارمۇنىيەلىك مۇناسىۋەتنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەس ،شۇنداقلا  بۇ بايرامنىڭ خاسىيىتىنى ھىس قىلىشمۇ تەس ئەمەس.
خەلقىمىز نورۇزنى قۇتلۇق-خاسىيەتلىك بايرام دەپ قارايدۇ.نورۇز ئالدىدا ۋە نورۇز مەزگىلىدە ھەرقانداق كىشى ياخشى ،ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرشىدۇ ۋە باشقىلارنىمۇ  رىغبەتلەندۈرۈدۇ.ئۇلا نورۇز مەزگىلىدە كىمكى ياخشى،ساۋاپلىق ئىشلارنى  كۆپ قىلسا شۇ كىشىگە يىل بۇيى ياخشىلىق نىسىپ بولىدۇ دەپ قارايدۇ.شۇڭاناھايىتى  قەدىمى دەۋىرلەردىن  تارتىپلا يىلدا ئامان ئېسەن ۋە مەنپئەتلىك بولۇشىنى ئارزۇلاپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى ئۇمۇمى ئادەتكە ئايلاندۇرغان.
ئادەتتە نورۇز ئېيىدا تۇغۇلغان بالىلارغا،قۇتلۇق كۈننىڭ ناملىرى ۋە قۇتلۇق كۈنگە مۇناسىپ،كېلىدىغان گۈل-چىچەك،گۈل-گىياھلارنىڭ ئىسىمىنى قۇيۇشۇپ،پەرزەنتىلىرنىڭ ئۆمۈرلۈك خۇشال-خۇرام ئۈتىشىنى تىلىشەتتى.بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە يەنە ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىرگە،بىرى-بىرگە ياخشىلىق تىلىشەتتى.ئۆز-ئارا يوقلۇشۇپ يۇرتتا قانداق ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېنىقلاپ،ئاجىز ئاغرىق،غېرىپ-مۇساپىرلارنىڭ مۇشكۈلىنى ئاسان قىلاتتى.مەشرەپ سورۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ،ئۈزىنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرىنى تەبىئەت بىلىملىرى ۋە جەمىيەتنىڭ ئەخلاق-يۇسۇنلىرى ئارقىلىق تەربىيلەپ.ئۇلارغا بىر خىل مەسئۇليەتچانلىقنىنىڭ ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرۋاتقانلىغىنى ھىس قىلدۇراتتى.
نورۇز ئېشى تەييارلاپ،ئەۋلاتلارغا ئەمگەكنى،ئەمگەكچىلەرنى ۋە ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەشنى،جاپاغا چىداپ،ئەمگەك قىلىپ،باشقىلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالماسلىقنى ئۈگىتىش بىلەن بىرگە ئەمگەك بىلەن ھەم ئەرنىڭ ھەم يەرنىڭ كۆكىردىغانلىغىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى بىلدۈرەتتى.شۇنداقلا نورۇز ئېشى يىگەندە باشقىلارغا خۇشاللىق،ئامانلىق-ياخشىلىق ئېلىپ كىلىشنى تىلىگەن ناخشا مۇزىكىلارنى ،بىيىت- قوشاقلارنى ئېيتىشىپ،كوڭلىنى ئىزھار قىلىپ،خۇشاللىقتىن ھەممىنىڭ تەڭ بەھرىمان بۇلىشىنى تىلەيتتى.
نورۇزنىڭ يەنە بىر مۇھىم خاسىيىتى شۇكى-بۇ بىرلىك،ئىناقلىق بايرىمى،ئۆچ-ئاداۋىتى بار كىشىلەر ئۆتكەنگە سالاۋات قىلىپ،قايتا ئەپلىشىپ بىرلىكتە ياشاش،بىرى-بىرىگە يار-يۈلەكتە بۇلۇشتەك ئىسىل پەزىلەتلىرىنى نامايەن قىلاتتى.
نورۇزنىڭ رەسمىيەتلىرى
نورۇزنىڭ يۇقارقىدەك خاسىيەتلىرى بۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ كەلگەن ،ئىسىل قائىدىلىرى(رەسمىيەتلىرى)مۇ بار بۇلۇپ.ھەرقانداق بىر نورۇز ئەھلى نورۇز بايرىمىنىڭ مۇشۇنداق تۈزۈملەشكەن قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ،نورۇز كۈنلىرى بولدىغان ئۇمۇمى خەلىق سەيلىسىنى يۇقىرى سۈپەت بىلەن ئۆتكۈزىشكە ھەسسە قۇشۇش كېرەك.
نورۇزدا ئېلىپ بېرلىدىغان ئۇمۇمى خەلقپائالىيىتىنىڭ  شەكىللىرى ئىنتايىن كۆپ بۇلۇپ،بۇلارنى يىغىنچاقلىغاندا ‹‹توققۇز توقۇ››(توققۇز مەركە-مۇراسىم) دىيىلىدۇ.بۇلار تۈۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻧﺎﻏﺮﯨﺴﻰ، ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻘﻰ، ﺳﻮﻏﯘﻕﻗﻮﻏﻼﺵپائالىيىتى، ﻳﻮﻗﻼﺵ، ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺋﯧﺸﻰ ئىتىش، ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺳﻪﻳﻠﯩﺴﻰ، ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻳﺎﺭﯨﺸﻰ، ﻧﻮﺭﯗﺯﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ، ﻧﻮﺭﯗﺯﻟﯘﻕ ﺗﯩﻠﻪﻙ  قاتارلىقلار
1. ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻧﺎﻏﺮﯨﺴﻰ: ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﺎﺭﭘﯩﺴﯩﺪﺍ ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻪﻧﺖ ، ﻗﯩﺮ-ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﺍ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ، ﻧﺎﻏﺮﺍ-ﺳﯘﻧﺎﻱﭼﯧﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻝ-ﻳﯘﺭﺕ ﻧﻮﺭﯗﺯﻏﺎ ﺟﺎﺑﺪﯗﻧﺎﺗﺘﻰ، ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﯧﻴﺖ - ﺑﺎﻳﺮﺍﻡﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ.   بۇ سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئىدى
2. ﻧﻮﺭﯗﺯﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻘﻰ:  ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺋﺎﺭﯨﻎ ﺗﻮﻗﯘ (ﺋﯧﺮﯨﻐﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ – ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻖﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ) ﺎﺭﭘﺎ ﻛﯜﻧﻰﺋﻪﯞﺟﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯘﺭﯛﻟﻪﺗﺘﻰ، ئۆزلىرىنىڭ شەخسى تازىلىغىنى قىلغاندىن سىرىت  ﺋﯧﺮﯨﻖ -ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ، ﻛﯚﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ ، ﺋﯧﻐﯩﻞ - ﺋﺎﺭﺍﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﺮﯨﻐﺪﺍﺵ ، ﻛﻮﺯﺍ -ﺋﯩﺪﯨﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺗﺎﺯﯨﻼﭖ ، پاكىز ﺑﺎﺎﺭ ﺳﯘﻳﻰﺑﯩﻠﻪﻥﺗﻮﺷﻘﯘﺯﯗﺵ ، ﻮﻳﻼ ﺋﺎﺭﺍﻡ ، ﻳﻮﻝلارنى  ﺳﯜﭘﯜﺭﯛﺵقاتارلىقلار.   بۇ يېڭى يىلدا  يېڭىچە ئىش باشلاشنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدىكى ھەركەت ئىدى
3. ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻗﻮﻏﻼﺵ: ﺎﺭﭘﺎﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺗﻮﭖ - ﺗﻮﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﭖ ، ﺳﺎﻏﺎﻧﻐﯘ (ﻳﺎﻍ ﻗﺎﭼﯩﻼﭖ ﭘﯩﻠﯩﻚ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥﻗﺎﭘﺎﻕ) ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﭖ، ﻳﯘﺭﺕ - ﻣﻪﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﯩﭽﻪ ، ﻗﯩﺮ-ﺳﻪﺮﺍﻏﺎﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ، ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻗﻮﻏﻼﻳﺪﯗ، ﺳﻮﻏﯘﻗﻨﻰ ﻪﺟﯟﻯﻗﯩﻠﯩﭗﻗﻮﺷﺎﻕ - ﺑﯧﻴﯩﺖ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﺪﯗ. ﻧﻮﺭﯗﺯﻏﺎ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯚﻟﻪﻥ ﻛﯜﻳﻠﻪﻳﺪﯗ . ﮔﯜﻟﺨﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍﻗﯘﻳﯘﻥ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﭼﯚﺭﮔﯩﻠﻪﻳﺪﯗ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﯕﻜﻪﺵ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩﺍﭖﭼﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺑﺎﺎﺭﻗﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﻭﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ، ﺳﻮﻏﯘﻕﻗﻮﻏﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﻳﯘﺭﺕ-ﻣﻪﻪﻟﻠﯩﮕﻪﻳﺎﻧﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ، ﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﻠﯜﻙ ﺋﻮﺯ ﺎﻟﯩﻐﺎﻳﺎﺭﯨﺸﺎ ﻪﺭﺧﯩﻞﻏﯩﺰﺍﻻﺭﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ، ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺷﯩﺮﻩﮔﻪﺗﯩﺰﯨﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺳﻮﻏﯘﻕﻗﻮﻏﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺎﺭﺩﯗﻕﺋﯧﺸﻰ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺎﺭﭘﯩﺴﻰ ﺳﻮﻏﯘﻗﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﺗﯘﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺳﻮﻏﯘﻕﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻳﯧﻴﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕﻳﻮﺳﯘﻧﻨﻰ ﻗﺎﯕﺴﯩﻖ ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ.
4. ﻳﻮﻗﻼﺵ: ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﻜﯩﭽﻪ ﻳﻮﻗﻼﺵﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ: ﺋﯚﻱ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼﺵ؛ ﻗﻪﺑﺮﻩ ﻳﻮﻗﻼﺵ ( ﺳﯩﻴﺮﯨﭗ - ﺳﯜﭘﯜﺭﯛﭖ ، ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎﺵ، ﺩﯗﺋﺎﻗﯩﻠﯩﺶ ) ؛ ﺋﯩﮕﻪ - ﭼﺎﻗﯩﺴﯩﺰ  ﻗﯧﺮﻯ- ﭼﯘﺭﻯ، ﻳﯧﺘﯩﻢ-ﻳﯧﺴﯩﺮ، ﻣﯧﻴﯩﭙﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﺵ ( ﻣﺎﺩﺩﻯ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯﺟﻪﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﻪﺩﻩﺕ ﺑﯩﺮﯨﺶ ) .
5. ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺋﯧﺸﻰ: ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯘﺭﺑﻰ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﭖ، (قۇتلۇق) ﺗﺎﯞﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻳﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﻗﺎﻳﻤﺎﻕ، ﻗﯧﺘﯩﻖ، ﻗﯘﺭﺕ، ﻗﯘﻳﻤﺎﻕ، ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﺎ، ﻗﯘﻳﺮﯗﻕ-ﺑﯧﻐﯩﺮ، ﻗﻮﺯﺍ ﮔﯚﺷﻰ (ﺗﻮﻧﯘﺭ ﻛﺎﯞﺍﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﺭﺩﺍﻕ) ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻏﯩﺰﺍﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻯ ﺗﻪﻝﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﺘﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، (ساۋۇنىش) ﺗﺎﯞﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ، ﺳﯩﺮﺍﻕ - ﺑﺎﺵ (ﻛﺎﻟﻼ - ﭘﺎﻗﺎﻟﭽﺎﻕ)، ﺳﯘﺕ، ﺳﯧﺮﯨﻖ ﻳﺎﻍ، ﺳﯘ ﻳﺎﻏﻰ، ﺳﻮﻙ-ﺗﯧﺮﯨﻖ، ﺳﺎﻏﯘﻥ، ﺳﯩﺮﻛﻪ، ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺯ ﺧﯘﺭﯗﭼﯩﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻏﯩﺰﺍﻻﺭﻧﻰﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻳﺘﺘﻰ.
ﻧﻮﺭﯗﺯﺋﯧﺸﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻤﺎﭺ ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﯘﺗﻤﺎ ﺋﺎﭺ (ﺋﺎﭺ ﺗﯘﺗﻤﺎ) ﺩﻩﭖ ﺗﻪﯕﺮﯨﺪﯨﻦﺋﯜﻣﯩﺪ ﻛﯜﺗﯜﭖ، ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺳﺎﻏﻼﻡ-ﺗﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﺘﺘﻰ.
ﻧﻮﺭﯗﺯﻟﯘﻕﺋﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﻰ – ﺧﯧﻠﯩﺴﻪ. ﺑﯘ ﺋﺎﺵ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕﺋﯧﺘﯩﻠﻪﺗﺘﻰ: ﻛﺎﻻ-ﻗﻮﻱ ﮔﯚﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ (ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ) ﺩﺍﺷﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﻳﺎﺭﻣﯩﺴﻰﻗﻮﺷﯘﻻﺗﺘﻰ. ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﯩﮕﻪﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ، ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ﻣﯘﺷﺘﺘﻪﻙ ﺗﺎﺷﻼﺭ ﺳﯧﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺵ – ﺳﯘﻣﯘﻟﻪﻙ(ھازىرقى زامان ئۆزبىكلىرىدە كەڭرى ئومۇملاشقان بىر تۈرلۈك تائام )، ﻪﺭﺧﯩﻞ ﺩﺍﻧﻼﺭ (ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﻣﺎﻳﺴﯩﻠﯩﺮﻯ) ﺑﯩﻠﻪﻥﺋﯧﺘﯩﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺧﯩﻞ ﺩﺍﻥ ﯞﻩ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﭼﺎﻣﻐﯘﺭ، ﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﭖﺑﯩﻠﻪﻥﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﺎﺗﺘﻰ.
6. ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺳﻪﻳﻠﯩﺴﻰ: ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰﻳﻮﻗﻼﺵ ﺗﻮﻗﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦﺋﯘﻟﯘﻍ – ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ، سىرىتلارغا  ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺳﻪﻳﻠﻪ – ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﻳﯩﮕﯩﺖ – ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ-ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﻮﺷﺎﻕ ﻳﺎﺭﯨﺸﻰ (مۇسابىقىسى )ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻩﺗﺘﻰ. ﻗﻮﺷﺎﻗﺘﺎ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻼﺭﺟﺎﺯﺍﻟﯩﻨﺎﺗﺘﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻟﻪﺗﯩﭙﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺋﯘﺳﺴﯘﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ، ﺩﻭﺭﺍﺵ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﯘﺗﻘﯘﭼﻰﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺷﯘ ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺑﻪﺯﻣﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ. ﻗﯩﺰ-ﭼﻮﻛﺎﻧﻼﺭﺑﻮﺳﺘﺎﻥ–ﭼﯩﻤﻪﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ، ﺋﯘﭼﺎﺭ ﺗﯩﻠﮕﻪﻥ (ﭼﺎﻗﻰ ﭘﻪﻟﻪﻙ)، ﻳﺎﻟﯖﯘ (ﻳﺎﻟﯖﯘﭺ – ﺋﯩﻠﻪﯕﮕﯜﭺ)، ﺗﻪﭘﯜﻙ (ﺗﻪﭘﻜﯜﭺ)، ﺋﻮﻗﺘﺎﺵ، ﺋﺎﺗﻼﻣﭽﯘﻕ، ﺋﻮﺭﺩﯨﻜﺎﻡ (ﻳﺎﯕﺎﻕ ﺗﺎﺷﻼﺵ ) ، ﻛﯜﭼﯜﯓ ﻳﻪﺗﺴﻪ ﺋﺎﻝ ﻳﺎﻛﻰﻗﺎﺭﺍ-ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﺷﻨﺎﭼﯩﻢ ، ﻣﯚﻛﯜﺷﻤﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭﻧﻰﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻧﻮﺭﯗﺯﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺑﺎﻧﺪﺍﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ، ﺳﻮﻏﯘﻗﻨﯩﯔ ﭼﯘﭘﺮﻩﻧﺪﯨﻠﯩﺮﻯ ﻧﻰ ﻗﻮﻏﻼﻳﺘﺘﻰ (ﺑﺎﻧﺪﺍﻝ – ﺗﺎﺭﻏﺎﻕ ﺳﯚﯕﻪﻙﻳﺎﻛﻰ ﺗﺎﺭﻏﺎﻗﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵﺗﺎﺭﯨﺸﺎ ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﺋﻮﺕ ﻳﯧﻘﯩﭗ ، ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﺘﯩﺸﯩﭗﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻳﯘﻥ).
7. ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻳﺎﺭﯨﺸﻰ: ﻧﻮﺭﯗﺯﻧﯩﯔ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﻗﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﺭﯨﺶ (ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ) ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﻪﻧﻪﺭﯨﻜﻪﺕﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﭼﯧﻠﯩﺶ ، ﺑﻪﻳﮕﻪ ، ﺋﻮﻏﻼﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﯩﺶ ، ﺩﺍﺭﯞﺍﺯﻟﯩﻖ، ﻗﻮﭼﻘﺎﺭ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ، ﺧﻮﺭﺍﺯﯞﻩ ﻛﻪﻛﻠﯩﻚ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ، ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﺵ ، ﺳﻪﻛﺮﻩﺵ ، ﺳﺎﻟﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﺵ ، ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﯧﺘﯩﺶقاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ جاسارىتىنى ئىپادە قىلغان.
8. ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻣﻪﺷﺮﯨﭙﻰ: ﻧﻮﺭﯗﺯﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰﻳﯘﺭﺕ - ﻣﻪﻪﻟﻠﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭼﻮﯓﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻨﻰ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ مەھەللىلەر ئۆزلىرىنىڭ  ﻗﯘﺭﺑﻰ ﻳﻪﺗﻜﯩﻨﯩﭽﻪ، ﻳﯩﻐﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ (ﻪﺭﻛﯩﻢ ﺋﻮﺯ ﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﯨﺸﺎ ، ﻗﻮﻱ ، ﺗﻮﺭﭘﺎﻕ ، ﺗﻮﺧﯘ ، ﺋﯘﻥ-ﮔﯜﺭﯛﭺ ، ﻧﺎﻥ ، ﻳﺎﻍ ، ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ، ﻗﻪﻧﺖ -ﮔﯧﺰﻩﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ) ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﺎﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻳﺘﺘﻰ. ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﻧﺎﺎﻳﯩﺘﻰﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﻚ، ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﻪﺗﺘﻰ. نورۇز ئۇسۇلى ئوينىلاتتى.نورۇز ئۇسۇللىرى : ساما ئۇسۇلى ،ئارغىماق ئۇسۇلى،سالما تاشلاش ئۇسۇلى ،سۇ-مۇز ئۇسۇلى،قۇيۇن ئۇسۇلى ...قاتارلىقلار.
ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻨﯩﯔﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﻛﻮﻧﯩﻼﺭ: ﺑﺎﻻﯕﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﻪﺭ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻜﻪﺑﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰﻳﯜﺭﯛﺵ - ﺗﯘﺭﯗﺵ ، ﺋﻪﺩﻩﭖ-ﺳﯜﻟﻜﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥﺩﻩﻳﺘﺘﻰ.
9. ﻧﻮﺭﯗﺯﻟﯘﻕ ﺗﯩﻠﻪﻙ: ﻧﻮﺭﯗﺯﻧﯩﯔ 4- ﻛﯜﻧﻰ جامائەت ئاقساقاللىرىنىڭ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺯﺍﺭﺍﺧﻪﺗﻤﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﻧﻮﺭﯗﺯﻧﯩﯔﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻨﯩﯔ ﺷﺎﺩ-ﺧﯘﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻘﻰﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﯜﻛﺮﺍﻧﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻥ-ﺋﯧﺴﻪﻥ، ﺗﻮﻗﭽﯩﻠﯩﻖﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﯜﺷﯩﻨﻰ، ﻳﻪﻧﻰ ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺕ - ﺋﯧﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻣﻮﻝ ﻮﺳﯘﻟﻠﯘﻕﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﺵ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﺩﯗﺋﺎ-ﺗﯩﻼﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﻣﯘﻧﺎﺟﺎﺕ ﺋﻮﻗﯘﻻﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﻮﻝ-ﻳﯧﻐﯩﻨﻨﯩﯔﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰﺗﯩﻠﻪﭖ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﻧﻮﺭﯗﺯﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﯩﻢ ﺧﺎﺳﯩﻴﯩﺘﻰﺷﯘﻛﻰ، ﺑﯘ – ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ-ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻖﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯚﭺ -ﺋﺎﺩﺍﯞﻩﺗﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎﺳﻮﻏﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﻪﺭ-ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﮕﻪ ﺳﺎﻻﯞﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﯨﺸﺎﺗﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰﻳﺎﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﻻﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ، ﻳﻮﻗﻼﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ - ﺳﻪﻳﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ، ﻳﺎﻛﻰﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ، ﺯﺍﺭﺍﺧﻪﺗﻤﻪ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ.
قىسقىسى، ﻧﻮﺭﯗﺯ – ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ، ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ-ﺋﯩﻨﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، ﺳﺎﯞﺍﺑﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، ﺷﺎﺩﻟﯩﻖ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﺪﯗﺭ.
قوشۇمچە:
ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇننىڭ 2012-يىللىق نەۋرۇزغا ئاتىغان تەبرىك سۆزى

   ئۈچ مىڭ يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 300مىليۇن خەلق ئارىسدا نەۋرۇز بايرىمى ھەر خىل  رايون ،ھەرخىل مىللەت،ھەر خىل دىن  ھەر خىل تىل مۇھىتىدىكى كىشلەرنىڭ ئالاقىسنى كۈچەيتىپ، باھارنىڭ تۇنجى قەدىمىنى يەنى ،يېڭى بىر ھاياتلىقىنىڭ باشلىنىشنى كۈتۈۋالدى .
نەۋرۇز بايرىمى -ئۇرۇق -تۇغقان يارۇ دوسىت بۇرادەرلەر ئۆز ئارا جەم بولىدىغان خۇشاللىق تەنتەنە قىلىشىدىغان ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىشدىغان بايرام  
.
نەۋرۇز كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆز ئارا ھۆرمەت  ۋە ئىناقلىق مارشىنى ياڭرىتىپ بۇ بايرامنى خاتىرلىشدۇ .يېڭى بىركۈن يېڭى بىر ھايات باشلانغان  بىغۇبار دەقىقىلەردە  
ئۆزئارا دوسىتلۇق ۋە تىنىچلىق ئارزۇسىنى نامايەن قىلىشىدۇ .
ھەر يىلقى نەۋرۇز بايرىمى دۇنيانىڭ كۆپ خىللىقىنى نامايەن قىلىىپ  
پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنى بىر بىرىگە مەھكەم باغلايدۇ .
شۇڭلاشقا نەۋرۇز بايرىمى مەدەنيەت ،پەن مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن <<ئىنسانيەتنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنيەت مىراسلىرى >>تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى . ھەريىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى خەلىقئارالىق نەۋرۇز بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى.
ھازىر دۇنيا تۇراقسىز ھالەتتە تۇرۋاتىدۇ .نەۋرۇز بايرىمى ئۆتكۈزدىغان رايونلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
نەۋرۇز بايرىمى تىنىچلىقنى ،ئىتتىپاقلىقىنى ،ئۆملۈكنى تەشەببۇس قىلىدىغان بايرام بولغانلىقى ئۈچۈن ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە .
مەن جاپالىق رايونلاردا نەۋرۇز ئۆتكۈزۋاتقان كىشلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمەن .
بۇ بايرام بىزگە ئورتاق تەقدىرىمىزنىڭ بارلىقىنى ،چوقۇم ھەممەيلەن تىرىشىپ گۈزەل كەلگۈسى بەرپا قىلىشمىزنىڭ لازىملىقىنى بىلدۈردى .
ھەممىمىز قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ،بۇ بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلەپ ،تېخىمۇ بىخەتەر ،تېخىمۇ تىنىچ ،تېخىمۇ باراۋەر بولغان خەلىقئارالىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ ئۈچۈن تىرىشايلى .
مانا بۇ نەۋرۇز بايرىمنىڭ بىزگە ئالدىن بەرگەن بىشارىتى . شۇنداقلا كۆپچىلىك ھەممەيلەنگە يۈكلىگەن  ئورتاق ۋەزىپىسى ..
-----پايدىلانغان ماتېرياللار
ئۇيغۇر ئىتنوگىرافىيىسى، قەدىمقى زامان ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى، ئىتېنېرنېت تورى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى

0

تېما

0

دوست

2382

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6285
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 427
تۆھپە : 457
توردىكى ۋاقتى: 313
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 22:37:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئىسىل يازمىدىن بىرنى يېزىپسىز،ئاڭلاشلارغاقارغاندا دىيارىمىزدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىرى ،نۇرۇز بايرامنى قانۇنلۇق بايرام قىلىپ بېرىش توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغاتەكلىپ بېرىپتۇدەك،بۇراسمۇ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

54

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15807
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 23:23:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تەكلىپ بېرىپتۇ دەپ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئاڭلىغان، لېكىن ھىچبىر قانۇنلۇق بولۇپ بولالمايۋاتىدىغۇ بۇ بايرام. ياكى ئۇلار «ئۇيغۇر دىگەن مۇسۇلمان، نەۋرۇز دىگەن مۇسۇلماننىڭ بايرىمى ئەمەس»دەپ ئىككىلىنىپ قالدىمىكىن.

4

تېما

0

دوست

983

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   96.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  601
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 193
توردىكى ۋاقتى: 117
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 23:24:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسز، بۇنى ئۆزىمىز ئوقۇپلا قالماي يەنە بالىلىرىمىزغا، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىمىز بار. بولسا بۇ مەزمۇننى چۈشۈرۈپ ساقلىۋالايلى! رەھمەت سىزگە!

نارات

1

تېما

0

دوست

4984

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   99.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14180
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 302
تۆھپە : 1320
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 23:57:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يازمىدىن بىرنى يوللاپسىز رەھمەت .نەۋرۇز بىزنىڭ مىللى بايرىمىمىز ،بۇنى بېدەت دىيىش تولىمۇ كەم ئەقىللىق. ئۆزىنى تونىمىغانلىق.

0

تېما

1

دوست

5463

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12698
يازما سانى: 583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 558
تۆھپە : 1258
توردىكى ۋاقتى: 341
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 00:12:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«نورۇز» ئاتالمىسىنى  ''دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك''تە قانداق چۈشەندۈرگەن بولغىيدى؟ نورۇز  تۈركىي ئاتالغۇمۇ تاكى پارسىي ئاتالغۇمۇ؟ تۈرك،پارس قەۋملىرىگە خوشنا بولغان ئەرەپلەر ياكى مانجۇ-موڭغۇللاردىمۇ بارمۇ؟ دىگەن جەھەتلەردە تازا ئېنىق بىر چۈشەنچەم يوق . ب د ت نىڭ باش كاتىپى بانكىمون ''ئۈچمىڭ يىللاردىن بۇيان ئۈچيۈز مىليون خەلق كۈتۈۋېلىۋاتقان بايرام بۇ''دىگىنىگە قارىغاندا بۇ ھەقتە ئېنىق چۈشەندۈرۈشلەر بولۇشى مۈمكىن، دەپ قارىدىم.  بىلگۈچىلەر مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار ، ھەممەيلەن بىلىپ قالساق دىگەن ئۈمىدتەمەن.

1

تېما

0

دوست

852

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   70.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12784
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 213
تۆھپە : 116
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 00:30:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر بايرامنىڭ تېگىدە بىر ئېتىقات يۇشۇرۇنغان................

Never give up , just do it

0

تېما

0

دوست

432

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14475
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 115
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 01:02:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )