- تىزىملاتقان
- 2011-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6332
- نادىر
- 0
- يازما
- 243
ئۆسۈش
  26.64%
|
نادان قىز
ئاھ نادان قىز. مەن ساڭا نېمىمۇ دېيەلەيمەن - ھە!
سەن ئەسلى مۇكەممەل ئىلىم تەھسىل قىلغان بىلىملىك،ئەقىللىق شتۇدېنت ئىدىڭغۇ ئاخىر!
بىراق.سەن پارلاق ئىستىقبالىڭنى،كەلگۈسى بەختىڭنى تاشلاپ كەتتىڭ،ئۆز بەختىڭنى پۇل،ھوقۇق ۋە ئۆزۈڭ ئىشەنگەن ئايدەك گۈزەل چىرايىڭنىڭ قۇربانى قىلىۋەتتىڭ ئەمەسمۇ!
مەن سېنىڭ بەختنى ھەقىقي مەنسى بىلەن توغرا چۈشەنمەيدىغان قانچىلىغان نادان قىزلارغا ئوخشاشلا يول تۇتىدىغانلىقىڭنى ئەسلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن،ئەپسۇس!مىڭ ئەپسۇس!
بىلسەڭ ئەي نادان قىز،سېنىڭ ئىنتىلگىنىڭ،ئىزدىگىنىڭ بەخت ئەمەس،بەلكى بەختسىزلىكتۇر.
ئاپتۇرى:سەمەن مۇھەممەت رامىزان
مەنبە:ھايات تامچىلىرىدىن
|
|