پەزىلەتلىك ئاياللار پەزىلەتلىك ئاياللار تاپشۇرغان ئىشلارنى ئىخلاس بىلەن قوبۇل قىلىپ ئورۇندايدۇ . ئەرلىرى سەپەردە بولسا ، ئۆزىنى ، ئۆينىڭ مال- مۈلكىنى ئوبدان ساقلايدۇ ، ساداقەتسىزلىك ۋە ئەدەپسىزلىكتىن ئۆزىنى پاك تۇتىدۇ . قىلغان ئىشلىرىنى پەش قىلىپ ، مىننەت قىلمايدۇ .ئەرلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا غىزالاندۇرۇپ، پاكىز كىيىندۇرىدۇ ، ئائىلىدىكى خىراجەتتە ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىگە غەم سالمايدۇ . ئەرلىرىگە مۇلايىم ، ئوچۇق چىراي ، لاتاپەتلىك سۆزلەيدۇ . ئۆينى تاشلاپ چىقىپ كەتمەيدۇ . پۇلنى ئەرزىمەس نەرسىلەرگە ئىسراپ قىلمايدۇ . ئوسال ئاياللار ئوسال ئاياللارنىڭ بەلگىسى شۇكى ، ئۇلار يوق نەرسىلەر ئۈچۈن ئەرلىرى بىلەن ئۇرۇش - جېدەل قىلىدۇ . ئەرلىرى بىرەر ئىشنى بېجىرەلمىسە ،ئۇزاققىچە جېدەل - ماجرا قىلىپ ئارام بەرمەيدۇ . ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلدۇرۇش ئۈچۈن جېنىنىڭ بارىچە كۈچەيدۇ . ئەرلىرى گەپتىن قالمىغۇچە ياكى ئۆيدىن چىقىپ كەتمىگۈچە قۇلاق - مېڭىسىنى يەپ ئارام بەرمەيدۇ . ھە دېسىلا قىلغان ئىشلىرىنى پەش قىلىپ ، ئۆلگىچە مىننەت قىلىدۇ . ئەرلىرىدىن كۆرگەن ياخشىلىقلارنى ئىنكار قىلىدۇ . ھالبۇكى ، بۇنداق ئاياللار ئۆزلىرىنى بەختسىز قىلغاننى ئاز دەپ ، ئەرلىرىنىمۇ ھەسرەتتە قالدۇرىدۇ ، بالىلىرىنى يېتىم قىلىدۇ . قىلىقى سەت ئاياللار ** ئاۋاز چىقىرىپ تاماق يەيدىغان ئاياللار . ** باشقىلارنىڭ گېپىنى تارتىۋېلىپ ، توختىماي سۆزلەيدىغان ئاياللار . ** ئاممىۋى سورۇنلاردا يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلىدىغان ۋە قاقاقلاپ كۈلىدىغان ئاياللار . ** ئېرىنىڭ كەمچىلىكلىرى ۋە ئاجىزلىقلىرىنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا سۆزلەپ يۈرۈيدىغان ئاياللار . ** باشقىلارنى ئەپۇ قىلىشنى بىلمەيدىغان ۋە باشقىلارغا يارىدەم بېرىشنى خالىمايدىغان سەخسىيەتچى ئاياللار . ** ئۆزىنىڭ يېشىغا ۋە سالاپىتىگە ماس كەلمەيدىغان كىيىملەرنى كىيىدىغان ئاياللار . ** مىجەزى چۇس ، غەيۋەتخور ، ھەركىتى قوپال ئاياللار .
|