- تىزىملاتقان
- 2012-1-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 372
- نادىر
- 0
- يازما
- 14
ئۆسۈش
36%
|
anwarkapak يوللىغان ۋاقتى 2013-2-28 18:49
ھەر قانداق ئوپىراتسىيەنى قىلىشنىڭ ئالدىدا دەۋايىم ي ...
مەنمۇ بىر دوختۇر، خىزمەت جەريانىدا نۇرغۇن دوختۇرخانىلارغا بارغان، شۇنداقلا كەسىپداشلىرىمىز بىلەن دائىم پىكىرلىشىپ تۇرىمىز. ھۆددە قىلالەيمەنكى ‹ئوپىراتسىيە ياكى داۋالاش جەريانىدامەسىلە چىقسا داۋايىم يوق›دەپ ئىمزا قويدۇرىدىغان ئىش مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارنىڭ ھىچقايسىسىدا يوق.پەقەت ئوپىراتسىيە ياكى داۋالاش جەريانىدا كۆرىلىش ئېھتىماللىغى بولغان ئەھۋاللارنى بىمار ياكى ئائىلىسىدىكىلەرگە چۈشۈندۈرۈپ ئىمزا قويدۇرىدىغان ئىش بار. بۇ ئەمىلىيەتتە سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ‹ بىمارلارنىڭ ئۆز كېسەللىك ئەھۋالىنى دە داۋالاش جەريانىنى بىلىش ھوقۇقى بار› دىگەن تەلىپىنىڭ روھىغا ئاساسەن ،ىبمارلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارغان تەرتىپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋالاش ماجىراسى كۆرۈلگەندە ھەرگىزمۇ ‹سەن قول قويۇپسەن › دەپلا دەۋانى رەت قىلىدىغان ئىش يوق،بەلكى ‹بۇ زادى داۋالاش ھادىسىسىمۇ ئەمەسمۇ؟›دىگەننى چۆرىدەپ مۇتەخەسىسلەر مۇزاكىرىسى ئېلىپ بېرىلىپ، ھەقىقەتەن داۋالاش ھادىسىسى بولسا داۋالاش ئاپپاراتى مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.شۇڭا بۇ جەھەتتە ئەمىلى ئەھۋالنى تولۇق چۈشەنمەيدىغانلار ئالدىراپ ئىپەدە بىلدۈرمەسلىگى، باشقىلارنى خاتا يۆنىلىشكە يىتەكلىمەسلىگى كېرەك.
يەنە بىر گەپ، دوختۇرخانا دىگەن داۋالاش ئورگىنى، بىراق ھەممىلا كېسەلنىڭ ساقىيىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس،بىر قىسىم كېسەللەرنىڭ ئەڭ ياخشى داۋالاش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى، يەنە بىر قىسىم كېسەللەر ھەقىقەتەن ئەسلىدىنلا ئېغىر ياكى خەتەرلىك بولۇشى مۇمكىن.
ئەمدى ‹بۇرۇنقى تىۋىپلار تومۇر تۇتۇپ ياكى كېسەللىك ئەھۋالىنى سوراپلا كېسىلىنى تاپالايتتى› دىگەن بىلەن ھازىرقى زامان مېدىتسىناسى ۋە سەھىيە مەمۇرى تارماقلىرى، تەپتىش، سوت دىگەنلەر بۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا ئىلمىلىك بولغان بىلەن ئەمىلى، كونكىرت ئىسپات يوق.شۇنداقلا دۆلەت ياكى خەلقارادا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم تېخى روياپقا چىقمىدى(بۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى بىر چوڭ بوشلۇق).ھازىرقى داۋالاش ماجرالىرى بىمارلار توپى ھەر جەھەتتىن ئاجىز ئورۇنغا قويۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىنىپ تىببى خادىملار پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان بولغاچقا ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ۋە بىمارلارغا كېسىلى توغرىلىق ئېنىق جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن ھەر خىل تەكشۈرۈشلەر كۆپىيىپ كەتتى. (ئەلۋەتتە، بۇنى ھەر خىل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كىچىك ئىشنى چوڭايتىپ دوختۇرخانا - بىمار مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ
يىرىكلەشتۈرىۋەتكەنلىگىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ ).
مەن بۇلارنى يېزىپ ‹دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى ياخشى› دىمەكچى ئەمەس، ئەلۋەتتە ھەر قانداق بىر ساھەدە ياخشى ۋە ناچار ئادەملەر بار.بىر قىسىم ناپسانىيەتچى، لاياقەتسىز دوختۇرلار بارلىق تىببى خادىملارنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزمەكتە،بىزمۇ بۇلاردىن نەپرەتلىنىمىز.كۆپچىلىك قىسمەن ئىشلارنى كۆپتۈرۈپ (بىزنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىمىزدەك)ئومۇمىلىققا كۆتەرمەسلىگىنى سورايمەن.چۈنكى ئەتراپىڭلارغا ياخشى قاراپ بېقىڭلار. داۋالىنىپ ياخشى بولغان ياكى ساقايغانلار يەنىلا ئۆلگەن ياكى مېيىپ بولۇپ قالغانلاردىن نەچچە ئون ياكى نەچچە يۈز ھەسسە كۆپ.
بەزىلەر ‹ كېسەللەر ھەرگىزمۇ بىكارغا داۋالانمايدۇ، نۇرغۇن پۇل خەجلەيدۇ› دىيىشىڭلار مۇمكىن. بىراق يادىڭلاردا بولسۇن، باھانى دوختۇر ئەمەس بەلكى مال باھا ئىدارىسى بېكىتىدۇ. دوختۇر پەقەت يوقۇرىقى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تەكشۈرۈشلەرنى كۆپرەك قىلىدۇ خالاس. |
|