- تىزىملاتقان
- 2013-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1164
- نادىر
- 0
- يازما
- 102
ئۆسۈش
  16.4%
|
كۆپ كېچىككەن مەرسىيە
‹مۇتەپەككۇر ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن›
توختىدى سوقۇشتىن يۈرىكى شۇ كۈن،
ئايرىلدى خەلقىدىن ئەبەدىلئەبەد.
ئاتەشىن پاك روھى ياشار كۈنۇ-تۈن،
ئايرىلدى جىسمىلا بىزلەردىن پەقەت .
توختىدى يېزىشتىن ئوتلۇق بىر قەلەم،
مەرىپەت بېغىغا جۇدالىق يەتتى.
بىلىندى ئۇيغۇرغا مىسلىسىز ئەلەم،
ئەلەمنى قالدۇرۇپ، ئۇ ئۆزى كەتتى...
ئۇ كەتتى ھەممىنى ھەسرەتتە قويۇپ،
يىغلىدى ئالەممۇ ئالىمغا ئۈنسىز.
ئۇ ئىزگۈ ئارماننى مىراس قالدۇرۇپ،
ياراتتى ئۆمرىدىن مەڭگۈ ئۆچمەس ئىز.
بېغىشلاپ ياشىغان ئوتلۇق مۇھەببەت،
ۋەتەنگە، مىللەتكە ئۇ چىن يۈرەكتىن.
ئۇ تارتقان بۇ يولدا سانسىز مۇشەققەت،
شۇندىمۇ كەچمىگەن ئارزۇ-تىلەكتىن.
ئۇ كەتكەن شۇ كۈنى ئۆكسۈدى ئالەم،
ئۆكۈندى قەدرىگە يەتمىگەن ئۇيغۇر!
ئاز ئىدى ئالەمدە بۇنىڭدەك ماتەم،
چۆمدۈردى بارچىنى سۈكۈتكە چوڭقۇر.
كۆزى يوق ئىكەنغۇ ئۆلۈم دېگەننىڭ،
ئەجەلگە نە ئامال؟ ئېپ كەتتى ئۇنى.
ئۇ قەيسەر پەرزەنتى ئىدى ۋەتەننىڭ،
ئۇنىڭدەك بىر ئىنسان چىقتىمۇ قېنى!؟
ئۇ كەتكەن، توختاتقان بولسىمۇ نەپەس،
ۋە لېكىن چىققۇسى ئاڭا ئىز باسار.
ئۇ باسقان پارلاق ئىز قوزغىتىپ ھەۋەس،
ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈ نۇر چاچار!
2011-يىل 27-فېۋرال. پەيزاۋات |
|