قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2070|ئىنكاس: 21

بىدئەت ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

7

دوست

5244

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1163
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 19:20:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەنۋەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-25 17:21  

                                        بىدئەت ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر

بىدئەت دىگەن نىمە؟
جاۋاپ: بىدئەت-لۇغەت ئېتبارى بىلەن،يېڭلىقلارنى ئىجاد،ئىختىرا ۋە پەيدا قىلىش دېمەكتۇر.
يېڭلىق ئىككى تۇرلۇك بولىدۇ:
1.زامانىمىزدىكى پەن-تېخنىكا يېڭلىقلىرىغا ئوخشاش،دۇنيا ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭلىقلار بولۇپ،ئۇلارنى ئىجاد ۋە ئىختىرا قىلىش ئىسلام دىنىدا تەشەببۇس قىلىنغان ياخشى ئىشلاردىندۇر.
2.دىندا يېڭىلىق پەيدا قىلىش بولۇپ،ئۇ قەتتى چەكلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.چۇنكى، دىن ئوز ۋاقتىدىلا تاكاموللىشىپ بولغانلىقى ئۇچۇن،ئۇ ھىچقانداق يېڭىلىق ۋە ئوزگەرتىشنى قۇبۇل قىلمايدىغان بىر كامالەتتۇر.چۇنكى كامالىغا يەتكەن نەرسە زىيادىنى قۇبۇل قىلمايدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام كىشلەرنى بىدئەت پەيدا قىلىشتىن مەنئى قىلىپ:‹‹كىمكى بىزنىڭ بۇ دىنىمىزغا،ئۇنىڭدا بولمىغان نەرسىلەرنى پەيدا قىلۋالىدىكەن،ئۇ قەتتى رەت قىلىندۇ!››(1)دەپ كورسەتكەن.
                                                 دىندا پەيدا قىلىنغان بىدئەتلەر
دىندا پەيدا قىلىنغان بىدئەتلەر قايسلار؟
جاۋاپ:دىندا پەيدا قىلىنغان بىدئەتلەر ئىككى تۇرلۇك بولۇپ:
1.سوز ۋە ئېتىقادتىكى بىدئەتلەر بولۇپ،ئىسلامدىكى ئازغۇن مەزھەبلەردىن:باھائىيە،جەھەمىيە،رافىزە،خاۋارىج قاتارلىق ئازغۇن مەزھەبلەرنىڭ،شۇنداقلا بەزى شىئەلەرنىڭ ئېتقاد سىستېمىلىرىدىكى بىدئەتلەردۇر.
2.ئىسلام دىنىدا بەلگىلەنگەن ئەمەل-ئىبادەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىدئەتلەر بولۇپ،ئەمەل-ئىبادەتلەرنى ئاللاھ كورسەتكەن يۇسۇندا ئادا قىلماسلىق ياكى يېڭى ئىبادەت سىستېمىلىرىنى بەلگىلىۋېلىشقا ئوخشىغان بىدئەتلەردۇر.بىزنىڭ توختىلىدىغىنىمىز ئىبادەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بىدئەتلەر بولۇپ،بۇ خىلدىكى بىدئەتلەرنىڭ تۇرلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.ئەسلى بۇيرۇلغان مەلۇم بىر ئىبادەتكە،شەرىئەتتىن دەلىلسىز ھالدا،يېڭى ئىبادەت شەكىلىرىنى بەلگىلىۋېلىش.مەسلەن:پەيغەمبەر ئەلەيھسالامنى چۇشىدە كۆرۇش نامىزى ۋە باشقىمۇ شەرىئەتتە بۇيرۇلغانلقىغا دەلىلى بولمىغان نامازلاردۇر.
2.بۇيرۇلغان ئەسلى ئىبادەتلەرگە بىر نەرسىلەرنى زىيادە قىلىپ قوشۇۋېلىش.
3.ئەمەل-ئىبادەتلەرنى شەرىئەتتە بۇيرۇلغان شەكىل ۋە قائىدە-سىستېمسى بويىچە ئادا قىلماستىن،يېڭچە شەكىل ۋە قائىدە-تەرتىبلەرنى بەلگىلىۋېلىش.
4.بۇيرۇلغان ئەسلى ئىبادەتلەرگە شەرىئەتتىن دەلىلسىز ھالدا،ۋاقىت،كەيپىيات بەلگىلۋېلىش.
يۇقىرىقى بىدئەت تۇرلىرىنىڭ ھەممىسى شەرىئەت ھۆكۇمى بىلەن ھارامدۇر.بىدئەتلەرنى سادىر قىلغۇچىلار گۇناھكار بولىدۇ.
                                        بىدئەتلەرنى مەنئى قىلىشنىڭ سەۋەبى
ئىسلام دىنىنىڭ بىدئەتلەرنى قەتىيلىك بىلەن مەنئى قىلىشنىڭ ھېكىمىتى نىمە؟
جاۋاپ:ئىسلام دىنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بەلگىلمىگەن قائىدە-قانۇنلارنى كىشلەرنىڭ بۇ دىنىغا بەلگىلىۋېلىشىنى ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىش نىيىتى بىلەن بولسىمۇ دىندا بۇيرۇلمىغان ئىشلارنى ئىبادەت دەپ ئاتاپ بۇ دىنغا كىرگۇزۇۋېلىشىنى قەتىيلىك بىلەن،كەسكىن مەنئى قىلىشتا ناھايىتى ھېكمەتلىك ئىدى.ھەتتا ناھايتى ئۇچۇق ۋە كەسكىن ھالدا‹‹بىدئەتنىڭ ھەر قاندىقى زالالەتتۇر››دوپ ئېلان قىلدى.دىنىلار تارىخىدىن ئازىراق بولسمۇ خەۋىرى بولغان ھەر قانداق ئادەم،ئىسلام دىنىنىڭ بىدئەتلەرنى قەتئىي تۇردە مەنئى قىلغانلقىدىكى ھېكمەتلەرنى ئوچۇق ۋە ئاشكارا كۆرەلەيدۇ.
تارختىن بېرى پۇتۇن دىنلارنىڭ بۇزۇلىشىغا ۋە ئاخىرى بېرىپ زاۋاللىققا يۇز تۇتۇشىغا بىردىنبىر سەۋەپ بولۇپ كەلگەن نەرسە-بىدئەت بولۇپ بۇ مۇنداق:
1.بىدئەت-دىن دۇشمەنلىرىنىڭ دىندارلارنى ئوز غايىلىرىدىن ئاداشتۇرۇش ۋە دىندىن يىراقلاشتۇرۇش ئۇچۇن قولانغان قۇرالى بولۇپ كەلدى.دىن دۇشمەنلىرى دىندارلار سىپىگە كىرىۋېلىپ،دىندارلاردىن بەزى نادانلارغا ئوزلىرىنىڭ كۆرۇنۇشتە ئاللاھقا يېقىلىشىش،ئەممە غايىسى ئۇلارنى دىنىنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن چىقىرىشتىن ئىبارەت ھىيلە-مكىرلىرىگە قايىل قىلۋالغاندىن كىيىن،ئۇلارنىڭ دىنىنى،بەخت-سائادىتىنى بۇزۇپ تاشلىدى،ئېتقاد ۋە ئىبادەتلىرىنى بولسا خاراب قىلدى.ئۇلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشىدا ئۆز شەرىئەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشلىرىغا قەتئىي پۇرسەت بەرمەستىن،ھەدەپ تۇرلۇك خۇراپاتلارنى ئىبادەت نامى بىلەن دىنغا ئېلىپ كىرىشكە باشلىدى.بارلىق خۇراپات ۋە پاساتچىلىقلارنىڭ ئىشكىنى شۇ بىدئەت ئېچىۋەتتى.كېيىنچە ئۇلار بىدئەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالالمايدىغان ھالغا چۇشۇپ قالدى.نەتىجىدە،مەزكۇر دىنىلار تۇپ ئاساسىدىن بۇزۇلدى.
2.بىدئەت يولى بىلەن،ساماۋىي دىنلارغا شېرىك،بۇددىسىتلىق ئەقىدىلىرى ھەدەپ كىرىپ كەلدى،نەتىجىدە دىندارلار ئوزلىرىنىڭ ھەق دىنىلىرىدىن ئېزىپ،ئاللاھقا شېرىك كەلتۇرۇش يوللىرىغا كىرىپ كەتتى ۋە ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلارغا چوقۇنۇش بىلەن تۇگەشتى.ئەسلى ساماۋىي دىن بولغان خرىستىئان دىنىنى مىسال قىلىدىغان بولساق،خرىستئانلار ئىسا ئەلەيھسسالامنى ئاللاھنىڭ ئوغلى ۋە ئۇچ ئىلاھنىڭ بىرى،دەپ ئېتقاد قىلىدۇ.ھالبۇكى،ئىسا ئەلەيھسسالام ئوزىنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئېيتقان ئەمەس،بەلكى ئوزىنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى دەپ ئېلان قىلغان.ئىسا ئەلەيھسسالام ئۆزى توغرىلىق مۇنداق دىگەن:‹‹ئەمما ئىنسان ئوغلىنىڭ(يەنى مېنىڭ)بېشىنى قويىدىغان يېرى يوق››(2)دېگەن.ھەتتا ئىنجىلدە يەنە ئىسا ئەلەيھسسالامنىڭ مۇنۇ سوزى قەيىت قىلىنغان:‹‹ئىسا‹‹مەن ھازىردىن باشلاپ سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى،سىلەر كورۇپ تۇرغان كىشى ئىنسان ئوغلىدۇر›› دېدى.››(3)
بۇرۇنقى خرىستىئانلار ئىسا ئەلەيھسسالامنى‹‹كىرېسىت››قا باغلىنىپ ئۆلتۇرۇلگەن دېگەن ئېتقاد بىلەن،‹‹كرېسىت››نى ئۇلۇغلغان بولسا،ھازىرقىلىرى ئۆزلىرى ئىلاھ دەپ بىلىدىغان ئىسا ئەلەيھسسالامنى قويۇپ،‹‹كرېست››نىڭ ئوزىگە چوقۇنماقتا.
3.بىدئەت يولى بىلەن دىندا چىكىدىن ئېشىش،دىندارلارغا ئۇلار تاقەت قىلالغۇسىز،ئېغىر تەلەپلەرنى قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنى دىندىن زىرىكتۇرۇش قاتارلىق سەلبى نەتىجىلەر كىلىپ چىقتى.
4.بىدئەت يولى بىلەن كىشىلەر دىنلاردا خالىغانچە شەرىئەت ۋە ئىبادەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقتى.دىن ئادەملىرى ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھ ھالال قىلغان دۇنيا زىننەتلىرى ۋە خۇشبۇيلارنى دىندارلارغا ھارام قىلدى.ئۇلار‹‹دىن››نامى بىلەن دۇنيا ئىشلىرىغا سەلبى نەزەردە قارىدى.ئىمان دەۋاسى بىلەن كىشىلەرنىڭ بەخىت-سائادەتلىرىنى بوغدى .ئاللاھقا يېتىمىز دېگەن گۇمان بىلەن بەندىلەرنى ئازابلىدى.نەتىجىدە ئاللاھنى رازى قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن،ئۆزلىرىنى خاراپ قىلدى.بۇ ئورۇندا خرىستئان دىن ئادەملىرىنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىش دەۋاسى بىلەن،ئىسا ئەلەيھسسالامىنىڭ دىىنغا خىلاپ ھالدا،ئىنسان تەبئىتىگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان‹‹تەركىيىدۇنيالىق››تەرغىباتىنى ئەۋجىگە چىقىرىشى ئارقىلىق پۇتۇن ياۋرۇپا خەلىقىنى دىندىن زىركتۇرگەنلىكى،ئاخىردا ياۋرۇپادا   SECULARISM ‹‹دىننى سىياسەتتىن ئايرىش››ئېقىمىنىڭ چىقىشىغا سەۋەپ بولغانلىقىنى بايان قىلىش يىتەرلىك.
5.بىدئەت يولى بىلەن-دىنلاردا تەرەققياتقا ،ئىلىم-پەنگە ۋە ھەر قانداق كەشپىياتلارغا قارشى يېڭى نىزاملار ئويدۇرۇپ چىقىلدى.ھەتتا ياۋرۇپا خەلقى خرىستئان دىن ئادەملىرىنىڭ بېسىمدارلىقىدىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھالغا كەلدى.چۇنكى دىن ئادەملىرى ئىلىم-پەن خادىملىرىنى،كەسپىياتچىلارنى كاپىرلىققا ھوكۇم قىلىپ ئۆلتۇرۇپلا تۇردى.زېمىننىڭ شار شەكىللىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان ئالىم گالېلى گالېليونى خرىستئان چىركاۋىدىن كاپىرلىققا ھوكۇم قىلىپ ئۇنىڭغا ئولۇم جازاسى ئىجىرا قىلىنغانلىقىمۇ بۇنىڭ تىپىك مىسالى.
                                  بىدئەتلەرنى مەنئى قىلغانلىقنىڭ نەتىجىلىرى

ئىسلام دىنىنىڭ بىدئەتلەرنى مەنئى قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىلىرى قايسىلار؟
جاۋاپ:ئىسلام دىنىنىڭ بىدئەتلەرنى قەتئىي مەنئى قىلىپ كەلگەنلىكى نەتىجىسىدە،دىنى ئەقىدىلىرىمىز،ئىبادەتلىرىمىز ۋە پۇتۇن پائالىيەتلىرىمىز،پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ تا مۇشۇ كۇنگىچە ھىچ قانداق ئوزگەرتىش ۋە بۇزۇلۇشلارغا ئۇچۇرىماستىن،كەم-زىيادە قىلىنماستىن داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
ئىسلام دىنىنىڭ جەۋھىرى مەسىلىلىرىدە-ئېتقاد،ئەخلاق،ئىبادەت،ھالال-ھارام،مۇئامىلە ۋە قانۇن-پىرىنسىپ مەسىلىلىرىدە-ئىسلام مەزھەبلىرى ئوتتۇرىسىدا  ئىختىلاپ يوق.ئىختىلاپ پەقەت شاخچە مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن.مانا بۇ،ئىسلام دىنىغا خاس بىر ئىمتىيازدۇر.يەر يۇزىدىكى ھىچقانداق بىر دىن ئىسلام دىنى ئېرىشكەن بۇ ئمتىيازغا ئېرشەلىگەن  ئەمەس.باشقا ھەر قانداق بىر دىندا ئىبادەتلەر ھەتتا ئېتقادلار يىللار بىلەن ئوزگۇرۇپ،ئەسىرلەر بىلەن بۇزۇلۇپ كەلگەن.چۇنكى ئىسلام دىنىدىن باشقا دىندا،بىدئەتلەرنى مەنئى قىلىشتا قاتتىق تەلەپ قويۇلمىغان.ئەمما ئىسلام دىنى ئىشنىڭ بېشىدىلا ئىنسانلار تەرىپىدىن بۇ دىنغا قائىدە-نىزام ۋە ھەر خىل دىنىي يېڭىلىقلارنى،دىندا بۇيرۇلمىغان ئىبادەت شەكىللىرىنى كىرگۇزۇشكە قەتئىي يول بەرمەي كەلدى.ئىسلام دىنىدا ئەزەلدىن تا ھازىرغىچە خرىستئان دىنىدا بولغىنىغا ئوخشاش‹‹دىن ئادەملىرى››دەپ ئاتىلىدىغان دىنىي بېسىمدارلار مەۋجۇت ئەمەس.
ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ دىننى ئوزگەرتىش ۋە كىشلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئاللاھ نامىدىن كەچۇرۇم قىلىش،ئاللاھ ھالال قىلغان نىمەتلەردىن دىندارلارنى مەنئى قىلىش ھۇقۇقى يوقتۇر.ئىسلام دىنىدا ئىبادەتلەر بىۋاستە ئاللاھقا قىلىنىدۇ،ئۇنى پەقەت ئاللاھ ئوزىلا قۇبۇل قىلىدۇ.گۇناھلارنى پەقەت ئاللاھ ئوزى خالىسا كەچۇرىدۇ.بۇ ماۋزۇدا خرىستئان دىنىنىڭ ھازىرقى شەرىئتگە قارايدىغان بولساق:ئۇنىڭ خرىستئان دىن ئادەملىرى تەرپىدىن ئوزگەرتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىنجىلدىكى نۇرغۇن  ئەھكاملارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى،ھەمدە ئىسا ئەلەيھسسالامنىڭ‹‹مەن دىننى كېمەيتىش ئۇچۇن ئەمەس،تۇلۇقلاش ئۇچۇن كەلدىم.››دەپ ئېلان قىلغان دەستۇرىغا خىلاپلىق قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق كۆرىمىز.
توغرا،بەزى دەۋرلەردە مۇسۇلمانلاردىن قىسمەن كىشىلەر قۇرئان ۋە ھەدىسلاردا بۇيرۇلمىغان بىر قىسىم بىدئەتلەرنى ئىبادەت نامى بىلەن دىنغا كىرگۇزۇشكە ئۇرۇنغان بولسمۇ،ھەر دەۋردە ئىسلام دىىننى تۇرلۇك بۇرمىلاشلاردىن قوغداپ تۇرىدىغان ھەقىقەتپەرۋەرلەر كەم بولمىغاچقا،بۇنداق بىدئەتلەر ئوز ۋاقتىدىلا رەت قىلىنىپ كەلدى.چۇنكى بۇ دىننى تا قىيامەتكىچە ھەر قانداق بىر ئوزگەرتىش ۋە كەم-زىيادە قىلىشلاردىن ساپ قىلىپ،ساقلىغان ھالدا ئاخىرغىچە داۋام قىلدۇرۇش ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئىدى.ئالاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق بۇ ۋەدىسىنى مۇنداق دەپ ئېلان قىلغان.‹‹بۇ ئۇممەتكە ئاللا تائالا ھەر يۇز يىلنىڭ بېشىدا ئۇلارنىڭ دىنىنى يېڭلايدىغان(يەنى بىدئەتلەرنى تازلايدىغان)بىرىنى چوقۇم ئەۋەتىپ تۇرىدۇ.››(5)
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:‹‹قۇرئاننى بىز نازىل قىلدۇق،ئۇنى چۇقۇم قوغدايمىز››(6)دەپ ۋەدە قىلغان.مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان قۇرئان قوغدالغان ئىكەن،ئۇلارنىڭ دىنى،ئېتىقادى،ئىبادەتلىرى ۋە پۇتۇن ئىشلىرى قوغدۇلىدۇ دېمەكتۇر.ئاللاھنىڭ بۇ ۋەدىسى ئەمەلىيەتتە ئەمەلگە ئېشىپ كەلمەكتە.

پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دىگەن‹‹سىلەرگە ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن سۇننەتلىرىمنى قويۇپ كەتتىم،سىلەر بۇ ئىككىسىنى چىڭ تۇتساڭلار،مەندىن كىيىن ھەرگىزمۇ ئېزىپ كەتمەيسىلەر.››(7)
مۇسۇلمانلار مۇشۇ پىرىنسىپقا چىن ئەمەل قىلىپ كەلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامدىن باشلاپ پۇتۇن ساھابىلار،خەلپىلەر،تابىئىنلار(ساھابىلاردىن كىيىنىكى ئەۋلادلار)ۋە مەزھەب ئالىملىرى بىدئەتنى مەنئى قىلىشتا ئىنتايىن ھۇشىيارلىق بىلەن ئىش كوردى،ئاددى بىر بىدئەتنىمۇ ۋاقتىدا رەت قىلىپ كەلدى.چۇنكى ھەر قانداق چوڭ ئىشلار كىچكىدىن باشلىنىدۇ.
ئىمام مالىك بىدئەت توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن:‹‹بۇرۇنقىلاردا(يەنى ساھابىلار ۋە تابىئىنلار دەۋرلىرىدە)بولمىغان بىرەر ئىشنى مۇشۇ ئۇممەتنىڭ دىنىغا كىرگۇزمەكچى بولغان كىشى،ھەقىقەتتەن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنى دىنىغا خىيانەت قىلغان(يەنى دىننى تۇلۇق يەتكۇزمىگەن)دەپ تۆھمەت قىلغان بولىدۇ.چۇنكى ئاللاھ تائالا(بۇگۇن سىلەرنىڭ دىنىنىڭلارنى پۇتۇن قىلدىم)(8)دېگەن ئىدى.دىن ئوز ۋاقتىدا كامالىغا يەتكەن،شۇ ۋاقىتتا دىندىن سانالمىغان نەرسە ھازىرمۇ دىندىن سانالمايدۇ››.
(1)بۇخارىي رىۋايىتى
(2)مەتتا ئىنجىلى18-بۆلۇم20-تېكسىت
(3)مەتتا ئىنجىلى18-بۆلۇم64-تېكسىت
(5)ئىمام ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى
(6)ھىجىر سۇرىسى9-ئايەت
(7)بۇخارىي رىۋايىتى
(8)مائىدە سۇرىسى5-ئايەت
                                                                                                                                           مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم

                                                                                                مەنبە:خاتىرەمدىن ئۇنچىلەر


2

تېما

0

دوست

2935

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11648
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 418
تۆھپە : 634
توردىكى ۋاقتى: 191
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 21:20:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بىدىئەت چوڭ ئازغۇنلۇقتۇر رەببىم بىزنى ئۇنىڭدىن يىراق قىلىپ بەرسىلە
قۇتلان تېلفۇنلىرى

كىتابخۇمار-kitabhumar

9

تېما

30

دوست

9516

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   90.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8579
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1001
تۆھپە : 1826
توردىكى ۋاقتى: 649
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 22:51:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىنىمىز ئىسلامنىڭ نۇرى  بارغانچە چاقنىغۇسى ...

0

تېما

4

دوست

5115

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6282
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 731
تۆھپە : 1089
توردىكى ۋاقتى: 457
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 23:38:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم...بۇ تېمىدىن بىدئەت توغرىسىدا خېلى ياخشى چۈشەنچىگە
ئىگە بولدۇم...تېمىنى يوللغۇچىغا تەشەككۈر...ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن...

0

تېما

0

دوست

3323

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13559
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 313
تۆھپە : 793
توردىكى ۋاقتى: 148
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 00:10:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا رەھمەت .ھەممىمىز ئاللاھنىڭ دىنىنى توغرا شەكىلدە ئۆگىنىشكە تىرىشايلى.

http://www.maxrapbiz.com/

0

تېما

0

دوست

450

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   75%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14460
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 51
تۆھپە : 111
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 01:02:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۇر   تېمىڭىزغا .  2 رەت  قايتا ئۇقۇدۇم  . كوپ  ئەجىر  قىلىپسىز  .ئۇلۇشكىنكى   تەكلىماكاندىكى  سوپى دەرۋىشلەر  دىگەن  تېمىىدكى   ئىنكاس  تالاش  تاتىشلارغا   ياخشى  پاكىت  ئاساس  بوپتۇ .  ھەزرىتى  ئومەر  ئىنى خەتتاپ  رەزيەللاھۇ  ئەنھۇ  بىر توپ كىشىلەر   پەيغەمبەر  ئەلەيھىسالام   جىھاد  سەپىرى  جەريانىدا  ئارام  ئالغان   بىر تۇپ  دەرەخنىڭ  قېشىغا  بېرىپ  دەرەخنى  چورىدەپ  يىغا  زارە  قىلىشقاندا   ئومەر   خەلىپە  دەرھال  شۇ دەرەخنى  كىسىپ تاشلاپ  ساھابىلەرگە   بۇ ئىشنىڭ  بىدئەتكە  كىردىغانلىقىنى  شەرھىلىگەن . ئىي ئاللا  ئىگەم  ئەقلىمىزنى   رۇشەن قىلىپ  بىدەتتىن  يىراق  قىلغايسەن  .  بىدئەت  سەۋەپلىك  ساڭا  شىرىك  كەلتۇرۇپ  دوزاق ئەھلى  بولۇپ  قېلىشتىن  ئوز پاناھىڭدا  ساقلىغايسەن   ،ئامىن   !

0

تېما

0

دوست

2293

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6285
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 427
تۆھپە : 429
توردىكى ۋاقتى: 309
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 01:11:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا!ھازىرئۇيغۇرخىرستىيانلىرىمۇ« ھايات نۇرى» دىگەن توربەتتىن بىرنى قۇرۇپتۇ.ئەمدى ئۇيغۇرمىللىتى ئىككى خىل ئېدقادقابۈلۈنۈپ نىمەكۈنلەرنى كۆرە.

0

تېما

0

دوست

127

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13509
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 44
تۆھپە : 15
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 10:02:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم مۇشۇ بىدئەت دىگەن ھارام شاخنى ھازىرقى ئىماملىرىمىز بۇ دىگەن ‹بىدئەتى ھەسەنە› دەپ چىرايلىق نام بىلەن قوغدايدىكەن ئەمەسمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )