باغداش مۇنبىرىدىكى چوڭ يېڭىلىقلار- ئىككىنچى: «يانفۇن تور نۇسخىسى»
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم باغداش تورىنىڭ قىزغىن كۆرۈررمەنلىرى :
باغداش تور گۇرۇپپىمىزنىڭ 2013 -يىللىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئىشلەنمەكتە ، دەسلەپكى مەزگىللىك زور تىرىشچانلىق ۋە ئىزدىنىشتىن كېيىن مۇنبەرنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى سىناق ھالەتتە ئېلان قىلدۇق ، يېڭى مۇنبەر نەشرىنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارلىىرى داۋاملىق سىناق قىلىنۋاتىدۇ ، تورداشلارنىڭ بىزگە ماسلىشىپ يېڭى مۇنبەردىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
2013-يىللىق دەسلەپكى خىزمتىمنىزدىكى ئىككىنچى يېڭىلىق بولسا . باغداش مۇنبىرىمىزنىڭ يانفۇن تور نۇسخىىسى 1.0 ئالفا سىناق نەشرى(تور نۇسخىسى، يانفۇندىكى تور كۆرگۈچلەر ئارقىلىق كۆرىسىز) .
بۇ نەشرىدە پەقەت تېما كۆرۈش ئىقتىدارى ئاساس قىلىندى. ئەزا كىرىش، ئىنكاس يېزىش قاتارلىق ئىقتىدارلار تەمىنلەنمىدى، ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا تېلفۇنغا قاچىلىندىغان ئەپ دتالى ياسىلۋاتىدۇ . مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن تورداشلار يانفۇنىغا باغداش مۇنبىرى ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ ئەپنى چكىىش ئارقىلىقلار بىۋاستە مۇنبەرنى زىيارەت قىلالايدۇ ، تورداشلارغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن يانفۇن نۇسخىسى ئازادە ۋە سىپتا ئىشلەندى .
بۇ پەقەت سىناق نۇسخىسى بولۇپ نۇرغۇن كەمچىلەكلەردىن خالىي بولالمايمىز. شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
باغداش مۇنبىرى يانفۇن تور نۇسخىسىنى كۆرۈش ئادىرسى:
http://m.bbs.bagdax.cn
ئەسكەرتىش: بۇ يانفۇن تور نۇسخىسى، لېكىن ئادەتتىكى كومپىيوتىر كۆرگۈچلەردە نورمال چىقماسلىقى مۇمكىن. چوقۇم تېلفۇندا سىناپ خاتالىق چىققاندا ئاندىن بىز بىلەن ئورتاقلاشقايسىز.
ھۈرمەت بىلەن:
باغداش تور گۇرۇپپىسى
|