باش شۇجى شىجىنپىڭ تۆمۈر داۋامەتنى يوقلىدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ سابىق رەئىسى ، يازغۇچى ،شائىر يولداش تۆمۈر داۋامەت ئاساسى قاتلامدىن كېلىپ چىققان خەلقنىڭ ياخشى كادىرى بولۇپ ،ئۇ خىزمەت ھاياتىدا مەيلى ناھىيە-ۋىلايەت رەھبەرلىك خىزمىتىدە ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى بولغان مەزگىللىرىدە بولسۇن پارتىيىنىڭ يوليورۇق ۋە سىياسەتلىرىنى توغرا ھەم ئەمەلىي ئىجرا قىلىشىنى ئۆزىنىڭ خىزمەت مىزانى قىلغان . خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن مەركەزگە يۆتكەلگەندىن كېيىنمۇ دىيارىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى . مىللىي مەدەنىيەت ئىشلىرىنى ئالاھىدە قوللاپ بۇ ساھەدە نۇرغۇن تۆھپىلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى . ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى كەڭ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشتە زور رول ئوينىدى .
ئۇزۇن يىللىق ئالدىراش خىزمەت تەسىرىدىن سابىق رەھبىرىمىزنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانماقتا ،پىشقەدەم رەھبەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە سالامەتلىكىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن دۆلەت رەھبىرى باش شۇجى شىجىنپىڭ ئۇنى كېسەلخانىغا كېلىپ يوقلىدى . بىز پىشقەدەم رەھبىرىمىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز .
تۆمۈر داۋامەتنىڭ ھاياتىدىن كۆرۈنۈشلەر
.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : مەزكۇر خەۋەرنى ۋە سۈرەتلەرنى ھەرقانداق ئورۇندا ئىشلتىشكە ۋە تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ . |