- تىزىملاتقان
- 2012-12-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1919
- نادىر
- 0
- يازما
- 125
ئۆسۈش
  91.9%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ باشلىدىم سۆزۈمنى،
قەلبىمدىكى گەپنى دەپ يورۇق قىلاي يۈزۈمنى،
"ئۇنداق ئەمەس مۇنداق "دەپ چوقۇمىغىن كۆزۈمنى،
مۇسۇلمانمۇ كاپىرمۇ؟ تونۇشتۇراي ئۆزۈمنى.
مەن بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان،جاھان خەلقى بىلىڭلار.
بىرى دىدى "سەن ئاشقۇن"بىرى دىدى"ۋاھابى"
بىزگە ئۆرنەك بولغانتى ئەسلى پاكدىل ساھابى،
كوچىلاردىن يانغانتۇق،ئەۋرەتلەرنى ياپقانتۇق،
ھايا قىلغان سىڭلىڭغا شۇ بولدىمۇ جاۋابى؟
مەن بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان ،جاھان خەلىقى بىلىڭلار.
ئۇيغۇرۇم دەپ يانىدۇ بۇ يۈرىكىم ئوت بولۇپ،
كەتسە قانداق چىدايمەن قەۋمىم "قەۋمى لۇت" بولۇپ،
بوسوغىلار تۆر بولدى،ئەبجەش بولدى ھەممىسى،
باھار كەتتى قېشىمدىن بارچە جاھان جۇت بولۇپ.
مەن بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان،جاھان خەلقى بىلىڭلار.
قىش بەك سوغۇق تومۇز يوق،قالايدىغان كۆمۈر يوق،
پۇرسەت كەلسە خەق ئالار،بىزگە پەقەت نومۇر يوق،
كاپلا قىلىپ نەخ گالدىن تۇتىۋالدى ئاكاڭزا،
گۆشنى تېپىپ ئەكىلىپ قازان ئاسساق خېمىر يوق.
مەن بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان جاھان خەلقى بىلىڭلار.
مىللىتىمدىن تانمايمەن دىنىمدىن ھەم چانمايمەن،
مىللىتمگە دەرت كەلسە تەڭ تارتىمەن يانمايمەن.
سۈننەت پەرىز تەڭ ئېلىپ تەۋھىدىمنى يەتكۈزۈپ،
قېرىندىشىم قۇتقۇزسام چارچىمايمەن ھارمايمەن.
مەن بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان جاھان خەلقى بىلىڭلار.
ياۋنى كۆرسەم يىقىتىپ،دۈشمىنىمگە مۇش ئېتپ،
ھەر قاچان تەق تۇرىمەن،ئۇخلىمايمەن دۈم يېتىپ.
ئىلىم ئېلىپ پاك ئانا بولسام دىگەن نىيەت بار،
پەرزەنتىمنى چوڭ قىلسام گۈل ئۈستىگە گۈل قېتىپ،
مەن بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان جاھان خەلىقى بىلىڭلار.
سەنمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمان،مەنمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمان،
"بۇۋىم "دىمە تىللىما ،تىل ئىشىتكەن بەك يامان،
ھۆكۈم قىلما بىراۋغا تون پىچمىغىن ئىمانغا،
ئۆلۈم كەلسە بىلىسەن كىم كاپىر كىم مۇسۇلمان،
مەن بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان جاھان خەلقى بىلىڭلار.
ئاپتورى:يامغۇر.2013-2-18-كۈنى |
|