- تىزىملاتقان
- 2011-1-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-9
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 6568
- نادىر
- 3
- يازما
- 178
  
ئۆسۈش
  100%
|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم باغداش تورىنىڭ ئەزىز قوللىغۇچىلىرى ، تورداشلار :
نەچچە كۈن بۇرۇن مۇنبىرىمىزدە ئېلان قىلىنغان <گۈلەن ۋە ئۆزباش ئېقىمى > نامىدىكى تېمىدا نەچچە كۈن ئىچىدە ناھايىتى ئەپسوسلانغىدەك ئىنكاسلار چۈشۈپ كەتكەن ،ھەتتا مەلۇم بىر ئىنكاستا زۇلپىقار ئۆز باش ئەپەندىنى ھادىسىگە ئۇچراپ ئامىرىكىدا دوختۇرغا كىرىپ قاپتۇ دىگەندەك ھېچقانداق ئىسپاتسىز ئىنكاسلار چۈشكەن ،
تور بېكىتىمىز جىددى ئەھۋال ئىگەللەپ زۇلپىقار ئۆز باش ئەپەندىمنىڭ ساق -سالامەت ئىكەنلىكىنى ، ئۆگۈنۈش ۋە يېزىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئۆتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق ، تورداشلارنىڭ بۇ خىل ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىكىنى ۋە قالايمىقان تارقاتماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز .
ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك يەنە بىر ئىش بولسا تور بېكىتىمىز ئەركىن پىكىر ۋە ئەركىن مۇنازىرە قىلىشنى ئالاھىدە شەرت قىلغان ، لېكىن باشقىلارنىڭ ئىسپاتسىز ھاقارەتلەيدىغان ، ئىسپاتسىز سۆزلەيدىغان ئىنكاسلارغا ھەرگىز ئورۇن بەرمەيدۇ . ئەگەر ئىلمىي يوسۇندىكى رەدىيە ياكى تەنقىد پىكىرلەر بولسا تور بېكىتىمىز ۋە قارىتىلغان شەخسلەرمۇ ئەلۋەتتە قىزغىن قوبۇل قىلىدۇ ، لېكىن ھاقارەت تۈسىنى ئالغان ئىنكاسلار بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ ، تورداشلارنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، مەزكور تېمىغا يەنە قالايمىقان ئىنكاس يازغۇچىلار بىردەك چەكلىنىدۇ ، مىللىتىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان كىشىلىرىمىزنى قەدرلەيلى ، ئاسرايلى ،
ھۆرمەت بىلەن :
باغداش تور بېكىتى |
|