- تىزىملاتقان
- 2013-2-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 91
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
  30.33%
|

ئاناتىل كۈنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، 2-ئاينىڭ 21-كۈنى”ئاناتىل كۈنى “بىرلەشكەن دۆلەتلەرتەشكىلاتى پەن-مۇئارىپ ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن بېكىتىلىپ ، 2000-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى خاتىرىلەنگەن.ئاساسلىق مەقسىدى پۈتۈن دۇنياغا تىلنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تەشۋىق قىلىش ھەم ئاناتىلنى تارقىتىش ھەركىتى بولۇپ، يەرشارىدىكى نۇرغۇن تىللارنىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر.
ھازىرقى ۋەزىيەتتە بۇ كۈننى خاتىرىلەشنىڭ بىز ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىملىقى ھەممىمىزگە مەلۇم،شۇڭلاشقا قېرىنداشلارغا تەكلىپىمىز:ھەربىرىمىز بىر ئۈلۈش كۈچ چىقىرىپ ، ئىمكانىمىزنىڭ بارىچەئەتىراپىمىزدىكىلەرگە بۇ كۈننى كەڭ تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە، شۇ كۇنى مۇنداق بىر پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشساق، يەنى شۇ كۈنى پۈتۈن بىركۈن ھەرقانداق جاي، ھەرقانداق شارائىتتا ھەممىمىز تولۇق ئاناتىلىمىزدا سۆزلىسەك، ھەتتا باشقا مىللەت قېرىنداشلارغىمۇ ساپ ئۇيغۇرچىداسۆزلەش ئارقىلىق ئاناتىلىمىزغا بولغان مۇھەببىتىمىزنى ئىپادىلىسەك، (ئەلۋەتتە تىل توسالغۇسى سەۋەبلىك چۈشىنىشمەسلىك كېلىپ چىقسا تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ ).بۇ پائالىيەتنىڭ بىزنىڭ ئاناتىل ئىپتىخارلىق تۇيغۇمىزنى ھەم ئۇيۇشۇش كۈچىمىزنى ئاشۇرۇشقازور پايدىسى بار.
كېلىڭلار قېرىنداشلار،بۇكۈننى ھەممىمىز بىرلىكتە ئەھمىيەتلىك،مەنالىق ھەم قىزىقارلىق خاتىرىلەپ ئانا تىلىمىزنىڭ مەڭگۈ روناق تاپىدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغاجاكارلايلى!
قوشۇلغۇچىلار تارقىتىڭلار، ئۈندىدار سالونى www-uyghur-biz گە قوشۇلىڭلار.
رەھمەت
2013-يىل 2-ئاينىڭ 14- كۈن
ى |
|