- تىزىملاتقان
- 2012-4-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2039
- نادىر
- 0
- يازما
- 73
ئۆسۈش
  1.3%
|
-نېمە دەيسەن....
-نېمە دەپتىمەن؟!
-نېمە كارىڭ، قانداق گەپ قىلسام؟
-نېمىشقا كارىم بولمىغۇدەك ئانا تىلىمنى بۇزۇپ گەپ قىلساڭ...
-سېنىڭ ئاناڭنىڭ تىلىمىتى؟!
-كىمنىڭ تىلىدەك قىلىدۇ؟!
-ئاناڭنىڭ!!!-زەردە بىلەن ئېيتىلغان سۆز ئۇنىڭ يۈرىكىگە تىغدەك "گاچچىدە!"تەگدى.
-ئېغىزىڭغا بېقىپ سۆزلىسەك قانداق؟
-قانداق سۆزلىسەم ئۆزەمنىڭ ئىشى. سەن مېنىڭ دادامدىن بولمىغاندىن كېيىن....
مۇشۇ گەپ بىلەنلا ياقىلىشىپ، جېدەل باشلاندى....
-مانا،كارىڭ بولسا....-پىچاق ئۇنىڭ قولىدا قان تامدۇرۇپ تۇراتتى...
ئەتراپتىكىلەر نېمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە، يەنە بىرەيلەن جان ئۈزۈپ بولغان ئىدى...
-ئەسلىدە،ماۋۇ قاتىل ئاداش ئەبجەش تىلدا سۆزلەپتىكەن.ماۋۇ رەھمەتلىك "-ئانا تىلدا سۆزلە!"دەپ، ياخشى نىيىتى بىلەن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى.ھەي........
-توۋا!....
-.....
مەنبە: ئۆزۈم |
|