- تىزىملاتقان
- 2012-7-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10929
- نادىر
- 0
- يازما
- 613
ئۆسۈش
  2.32%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم باغداش ئەھلى! مەسلىھەت- بىلىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر!
مېنىڭ ئىككى دۇكىنىم بار، ھەر ئىككىسىدە باشقىلارنى ئىشلىتىمەن، ئۆزۈمنىڭ خىزمەت ئورۇنۇم بىلەن دۇكىنىمنىڭ ئارىلىقى 10 كىلومىتىردىن ئاشىدۇ. دۇكىنىمنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە كۆزىتىش ئاپىراتى (تىلكامىرا) ئورناتقان. كۆزىتىش ئاپىراتى ئورنىتىشتا مۇستەققىل قاتتىق دىسكىغا سىن ئالغۇچ (硬盘录像器) ئىشلىتىلگەن. بۇ ئۇسكىنىنى تورغا ئۇلاش ئېغىزى ئارقىلىق (تورغا ئۇلاش ئېغىزى بار) تورغا ئۇلاپ، خىزمەت ئورنۇمدىكى ياكى ئۆيۈمدىكى ۋاقىتتىمۇ خالىغانچە كۆزىتىپ تۇرۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىدىم. تورداشلار ئىچىدە مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىدىغانلار ياكى تەڭشەشنى بىلىدىغانلار بولسا قانداق تەڭشەيدىغانلىقىمنى ياكى قانداق قىلسام يۇقارقى مەخسەتكە يەتكىلى بولىدىغانلىقى دەپ بەرگەن بولسا تولىمۇ مىننەتدار بولغان بولاتتىم.
(دۇكاندا 8M لىق نۇر كابىل بىلەن تارتىلغان تور بار روتىر (路由器)ئارقىلىق 4 كە چاتالغان، ئىشلىتىلگەن روتىر 腾达 ماركىلىق، ئۆيۈمدە ۋە خىزمەت ئورنۇمدا 4M سۈرئەتتىكى تور بار، ئۇلارمۇ 腾达 ماركىلىق روتىر (路由器) ئارقىلىق چاتاپ ئىشلىتىلۋاتىدۇ)
تورداشلارغا رەھمەت! |
|