لالما ئىتتەك ئىنكاسچى
ھەر مۇنبەردە بىر تالاي لالما ئىتتەك ئىنكاسچى،
ئۇچۇپ يۈرەر گىدىڭشىپ بۈرگە-پىتتەك ئىنكاسچى.
شىپاڭشىتىپ قۇيرۇقىنى ماختاپ مۇنبەر باشلىقىنى،
ماراپ يۈرەر قىزلارنى خۇمسى غىتمەك ئىنكاسچى.
دۇرۇسلارغا يوق ئارام ئەقىللىققا يوق ئارام،
قاۋاپ يۈرەر مۇنبەردە لالما ئىتتەك ئىنكاسچى.
تىما چىقماس بىر ئۆمۈر سۆڭەك غاجاش ئادىتى،
ئىسمى بارۇ جىسمى يوق خۇددى جىندەك ئىنكاسچى.
تاشلىمىساڭ بىر سۆڭەك قاۋاپ يۈرەر ئارقاڭدىن،
توختىمايدۇ قاۋاشتىن لالما ئىتتەك ئىنكاسچى.
تۈكى باركەن بىر غىرىچ مەينەت قېلىن يۈزىدە،
نۇمۇس قىلماس بىر ئۆمۈر مەلئۇن بەزگەك ئىنكاسچى.
تىما چىقسا مۇنبەرگە چاپلىشىدۇ ۋاششىدە،
جىن چاپلاشماس ئۇ كەبى لالما ئىتتەك ئىنكاسچى.
ساقلاپ ياتار تىمىنى يولاتماستىن ياخشىنى،
شامال چىقسا كۆرۈنمەس خۇددى پاختەك ئىنكاسچى.
ئەسلى ئىسمى نىمىكەن؟ ھېچكىم بىلمەس ئسمىنى،
نام نىشانسىز بىر مەخلۇق يۈزى داپتەك ئىنكاسچى.
ئانىسىغۇ بار لىكىن دادىسى كىم؟ نائېنىق؟
نەدىن كەلدى دۇنياغا لالما ئىتتەك ئىنكاسچى؟
داد پەندىيات ئېيتىشتى مۇنبەردىكى ئادەملەر،
تاتلىق ئىنكاس بۇلغاندى لالما ئىتتەك ئىنكاسچى!
تىللىسىمۇ ئۇرسىمۇ يوقالمىدى مۇنبەردىن،
نە ئامال بار نە چارە ساڭا شۇمتەك ئىنكاسچى؟ |