قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1036|ئىنكاس: 7

ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ بىر زىياپەتتە سوزلىگەن نۇتىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

1014

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13965
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 203
تۆھپە : 185
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 10:02:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                         ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ بىر زىياپەتتە سوزلىگەن نۇتىقى






مەن ئەسلىدە ئۆز مۇددىئايىمنى ئەرىز قىلىش ئۈچۈن ھەر بىرلىرىنىڭ ئۆيىگە بىر بىرلەپ بارسام بولاتتى. ئەپسۇسكى بارالماي قالدىم. ئەپۇ قىلىشالا! ھالا بۈگۈن ئۇشبۇ سورۇنغا جەم بولىدىغانلىقىمىزنى غەنىمەت بىلىپ بۇيان كەلدىم. مۇددىئا نىمە؟ دەپ سورالسا، شۇنداق جاۋاپ بېرىمەنكى، مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك چاي- زىياپەتلەر ئىچىدە مەست- مۇستەغرەق بولۇپ ئۆتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلىرىمىزگە زادىلا رازى ئەمەسمەن! چۈنكى مەست- مۇستەغرەقلىق ئارقىسىدا ۋەتەن، مىللەتنىڭ كۈنى ئېغىر، ھالى تەس ۋە نەس ئۆتمەكتىدۇر. خەلق نادانلىق، جاھالەت ئىچىدە ئازاب چەكمەكتە. ھەممە ئىش كونا قېلىپ، كونا ئىزغا چۈشۈپ، يېڭىلىققا يول بەرمەي، ھالاكەتكە قاراپ ماڭماقتا. ۋاقتىمىز، دەۋرىمىز، ئوبدان پۇرسەتلىرىمىز قولدىن كەتمەكتە .بۇ ياخشى ھادىسە ئەمەس. بۇ مىللى خارابەت، مىللى مۇنقەرزلىكتىن بىشارەت بېرىدىغان خەۋپلىك ھادىسە. ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ مۇنداق خەۋپلىك ۋەزىيەتتە قانداقمۇ جىم تۇرغۇسى كەلسۇن! بۈگۈنكى داستىخاندا جەم بولغان قازى- مۇددەرىسلىرىمىز، داموللىلىرىمىز، ساخاۋەتلىك بايلىرىمىز بۇ خەۋپلىك ئەھۋالغا كۆزىنى ئەما، قۇلىقىنى گاس قىلىپ قانداقمۇ بىپەرۋالىق قىلالىسۇن! شۇنى چۈشىنىشىمىز لازىمكى، ۋەتەن، مىللەتنىڭ غېمىنى يىيىش، خەلقنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ، بەخت-سائادەتكە باشلاپ مېڭىش مۇشۇ داستىخاندا جەم بولغان ھەممە كىشىنىڭ گەردىنىدىكى پەرز ھەم قەرزدۇر.

ئىنساپ تارازىمىز بىلەن ئۆلچەپ كۆرىدىغان بولساق، بولۇپمۇ بىز ئۇلۇغلارنىڭ خەلقنى نادانلىق، جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ ، سائادەتلىك كۈنلەرگە ئېرىشتۈرۈشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىمىز باردۇر. ئەگەر ئۇشبۇ ۋەزىپىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان بولساق، ئۇ چاغدا «بىز زادى نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق» دىگەن سوئالغا ھېچقانداق جاۋاپ بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئىككىنجى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، خەلق ئۈچۈن، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ئىلىمنىىڭ يەنە قانداق پەزىلىتى ھەم ئەھمىيىتى بولسۇن! بۇ تەرەپلىرىنى ھەربىر ئۆلىما ئوبدان ئويلىنىپ، مۇھاكىمە قىلىپ كۆرىشى كىرەك!... بىز ھەممىمىز قانچە يىللار غۇربەتچىلىكتە رىيازەت چېكىپ ئىلىم تەھسىل قىلغانلارمىز، نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق؟ خەلقنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، جاھالەتتىن مەرىپەتكە باشلايمىز دەپ ئوقۇدۇق. خۇداغا شۈكرى، ئوقۇغانغا يارىشا بىرىمىز قازى، بىرىمىز داموللا، بىرىمىز مۇددەرىس كەبى ئۇنۋان دەرىجىلەرگە تەيىنلىنىپ، يۇرت- خەلقنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدۇق. ئەپسۇسكى، بىز بۇ ئىززەت- ھۆرمەتلەرگە ئىگە بولىۋېلىپلا ئەسلىدىكى مەقسەت- مۇددىئالىرىمىزغا ئاسىيلىق قىلىپ، نوقۇل ھالدا ھوزۇر- ھالاۋەت، راھەت- پاراغەتكە بېرىلىپ، مەسىت-مۇستەغرەق بولۇپ يېتىۋالدۇق. يۇرت بولسا نادانلىق، جاھالەتتە، خەلقىمىز خار- زەبۇنلۇقتا قالدى. يۇرتىمىزنىڭ ئاقىۋىتى، خەلقىمىزنىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا قايغۇرمىدۇق. يۇرت ۋە خەلقنىڭ غېمىنى قىلش، يۇرتنى تەرەقىياتقا، خەلقنى ئىلىم- مەرىپەتكە باشلاشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپىمىز بارلىقىنى بىز ئۆلىمالار ئېسىمىزدىن چىقاردۇق. تۆر-ئابرۇي تالىشىشتەك قېلىپلاشقان ئادەت ئىجراسىدﯨن باشقا ياخشى ئەمەللىرىمىز بارلىقىنى ئىنكار قىلدۇق. بىز نىمە ئۈچۈن بۇ قەدەر بۇزۇلۇپ كەتتۇق؟ نىمە ئۈچۈن ئىنساپ قىلمايمىز؟ نىمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىنىپ، ئۆز خاتالىقىمىزنى تۈزەتمەيمىز! بۇ توغرىسىدا بىر ئاز سۆز قىلساق، چېچىلغانلىق بولامدىكەن؟... نىمىشقا قاينىمايدىكەنمەن؟ ئۆلىمالارنىڭ خۇددى شاپاققا ئولاشقان چىۋىندەك، مەدرىسلەردىكى ئەۋقاپقا، مۆھۈر ھەققىگە، نەزﯨر- چىراقتىكى سەدىقە- ئىھسانغا، ئىش قىلىپ قەيەردە نەپ بولسا، شۇ يەرگە توپلىنىۋالغانلىقىغا، ئىنساپ ھەۋزىنى قۇرۇتۇپ، تەمەخورلۇقنىڭ سېسىق پاتقاقلىرىغا بوغۇزى بىلەن تەڭ چۆكۈۋالغانلىقىغا، ۋەتەن، مىللەتنىڭ، خەلقنىڭ داد-پەريادى، نالە- پىغانلىرىغا قۇلاق سالماي، كۆز يۇمۇپ گاس- ئەما بولىۋالغانلىقىغا قانچە قاينىسام شۇنچە ياخشى ئەمەسمۇ! قېنى، نىمە ئۈچۈن قاينىمايدىكەنمەن؟ ھازﯨرقى ئەھۋال قانداق بولىۋاتىدۇ، قېنى؟... بىز بۇ يەردە پولۇ يەپ، تاۋاق بىكارلاپ ئولتۇرۇپتىمىز. بىزنىڭ ئەزىز باللىرىمىز گۈلەختە كۈلگە بۇلغىنىپ، ئاچ- يالىڭاچلىق ئازابىنى تارتماقتا. بىز كۈندە داستىخان ئۈستىدە مەئىشەت قىلىپ، توقلۇقتىن كارىلداپ يۈرىمىز. ئۇنىڭ ھىسابىغا كوچىدىكى تىلەمچى سائىللار شۇنچە كۆپەيمەكتە. ھالبۇكى بىز ئۇلارغا قانچىلىك خەيرىخاھلىق كۆرسەتتۇق؟ ئۇلارنىڭ بېشىنى قانچىلىك سىيلىدۇق؟ ياق، ھېچنىمە قىلمىدۇق. بەلكى ئۆشرە-زاكات ۋە ئەۋقاپ كىرىملىرىنى ئۆز نەپسىمىزگە تارتىپ كەتتۇق. شۇ سەۋەپتىن يېتىم- يېسىر، تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللار خەيرىخاھسىز قالماقتا. نىمە ئۈچۈن ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلمايمىز؟ مەكتەپلەر ئېچىپ، دارىلتام- دارىلئاجىزىلەرنى قۇرۇپ، كوچىدا ئاچ- يالىڭاچ، خارۇ- زارلىقتا قالغان بالىلارنى، ئاجىز- مىسكىنلەرنى نىمە ئۈچۈن تەربىيە قوينىغا ئالمايمىز؟ ئۇلارنىڭ بېشىنى سىيلاپ غەمخورلۇق قىلساق بۇنىڭ نىمە يامىنى؟ ئۆزىمىز يۇرتنىڭ كۆزى، خەلقنىڭ بېشى بولۇپ تۇرۇقلۇق، خەلقنى بەخت- سائادەتكە باشلاپ ماڭماستىن، پۈتۈن ئىشتىياقىمىز بىلەن شەخسىي تاپاۋەت يولىغا ماڭساق، قولغا كىرگەن تىللا- تەڭگىلەرنى ئەۋرەزگە كۆمۈپ خاتىرجەم ياتساق، ئىستىقبالىمىز توغرىسىدا زەررىچە قايغۇرمىساق، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىمىز؟ قېنى، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاسىي گۇناھكار بولۇپ قالماسمىزمۇ...!

ئەپسۇسكى، بىز غەمخورلۇق قىلماي كوچىغا تاشلىۋەتكەن بالىلىرىمىزنى ياۋرۇپادﯨن كەلگەن مۇخالىپەتچىلەر ئۆز قوينىغا تارتماقتا. ئېنگىلىز- شىۋىتلار قانداقتۇر شىپاخانا قۇرۇپ، داۋالاش يوللىرى بىلەن ئەقىدە ئوغۇرلىماقتا .ئۇلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا بىر مىسقال تەسىر كۆرسىتىشكە كۆزى يەتسە، ئايانماستىن يۈز سەرلەپ تەڭگە سەرپ قىلماقتا. بىز بولساق بالىلىرىمىزنى كوچىلارغا تاشلاپ ئۆزىمىزدﯨن يىراقلاشتۇرماقتىمىز. ھەدىسە دەررە ئۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دىلىنى جاراھەتلەندۈرمەكتىمىز، ئەل رايىنى چېكىندۈرمەكتىمىز. بۇ ئىشلىرىمىز مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىمەسمۇ؟ ھېلىمۇ كەچ ئەمەس، پۇرسەت بار، ئەگەر ۋاقتىدا قايغۇرۇپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىزنى قىلمايدىغان بولساق، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ لەنەت- نەپرەتلىرىگە كۆمۈلۈپ كېتىشىمىز مۇقەررەر!...

ئىنگىلىز- شىۋىتلار قانداق يول بىلەن بىزگە مېھمان بولۇپ قالدى؟ ئۇلارنى كىم چىللاپ كەپتۇ؟ ئۇلار ھېچ ۋاقتىدا بىزگە مېھمان ئەمەس، مېھمان بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار جاھانگىر، تاجاۋۇزچى. ئۇلار ئوغرى، بۇلاڭچى. باشتا قۇيرۇق ئوينىتىپ كەلگەن بىلەن، ئاستا- ئاستا پېيىمىزنى قىرقىپ، بايلىقىمىزنى ئوغۇرلايدىغان، گىلەملىرىمىزنى ئېلىپ، بىزنى داق بورىغا تاشلاپ داغدا قويىدىغان بۇلاڭچىلاردۇر. بۇ مۇخالىپەتچىلەر بەلكى بېشىمىزغا چۈشكەن بالايىئاپەت! ئۇلار بىزنى خۇراپاتلىقنىڭ قارا خالتىلىرىغا قاچىلاپ، ئەخلەت دۇۋىسىگە چۆرﯨۋەتكۈچى ۋاپاسىزلاردۇر. ئۇلار بىزگە ئىتتىپاقسىزلىق ۋاباسىنى چېچىپ، ئۆز قولىمىز بىلەن قېنىمىزنى تۆككۈچى خۇنخورلاردۇر. ئۇلار بىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا بىھۇش قىلىپ ھالاك قىلغۇچى قارا نىيەتلىك ياۋۇزلاردۇر...

قېرىنداشلار، ۋەتەنداشلار! بىز ئەزەلدﯨن قابىل، باتۇر خەلق ئىدۇق. تاكى پامىردﯨن ئۇزاق ئالتايغىچە چىدىر- بارىگاھ تىكىپ، سەلتەنەتلىك ئوردا- تەختلەرنى قۇرۇپ دەۋران سۈرگەن ئەل ئىدۇق. قاچانكى بىزگە جاھالەت، نادانلىق، خۇراپاتلىق، ئىتتىپاقسىزلىق، ھەسەتخورلۇق، مەنمەنلىك، شەخسىيەتچىلىك ئىللەتلىرى چاپلاشتى، شۇ كۈندﯨن باشلاپ زاۋاللىققا، خار- زەبۇنلۇققا يۈزلەندۇق .ھازﯨرقى ئەھۋالىمىز بۇنىڭ جانلىق دەلىلى.
قېرىنداشلار، ۋەتەنداشلار! ئويلاپ كۆرەيلى، مۇلاھﯩزە قىلايلى! ھازﯨرمۇ ۋاقىت كەچ ئەمەس، غەپلەت ئۇيقۇسىدﯨن ئىرغىپ تۇرۇپ،كۆزىمىزنى ئاچساق، ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئاسارەت كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىساق، پەلەكنىڭ چاقىنى ئوڭغا بۇراپ، ئىستىقبالىمىزنى يورۇتۇشقا، ۋەتەن، مىللەتنى سائادەتلىك كۈنلەرگە يىتىشتۈرۈشكە ھېلىمۇ كېچىكمەيمىز!!!....





مەنبە-: ‹ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە›

0

تېما

0

دوست

1239

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   23.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10287
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 320
تۆھپە : 166
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 13:24:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتنى سوزلەپتۇ، ئەزىمەت!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

7

تېما

4

دوست

3905

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12464
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 429
تۆھپە : 920
توردىكى ۋاقتى: 381
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 13:44:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنساپ تارازىمىز بىلەن ئۆلچەپ كۆرىدىغان بولساق، بولۇپمۇ بىز ئۇلۇغلارنىڭ خەلقنى نادانلىق، جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ ، سائادەتلىك كۈنلەرگە ئېرىشتۈرۈشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىمىز باردۇر. ئەگەر ئۇشبۇ ۋەزىپىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان بولساق، ئۇ چاغدا «بىز زادى نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق» دىگەن سوئالغا ھېچقانداق جاۋاپ بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئىككىنجى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، خەلق ئۈچۈن، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ئىلىمنىىڭ يەنە قانداق پەزىلىتى ھەم ئەھمىيىتى بولسۇن!

بىر ئەسىر بۇرۇن سۆزلەنگەن بۇ نۇتۇق ھازىرقى ئەمەلىيتىمىزگىمۇ ماس كەپ تۇرۇپتۇ.
مەن زىيالى دىگەن قانداق بولۇشى كىرەك دىگەننى چۈشەنگەندەك بولدۇم.

0

تېما

0

دوست

264

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14595
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 70
تۆھپە : 41
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 15:22:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتونوم رايونلۇق يېمةكلصك بېخةتةرلصك كومېتصتص ئصشخانصسص ۋة ئۇرۇمچص سايباغ رايونلۇق 阿里生 يېمةكلصك زاۋۇتصنصڭ ئةۋةتكةن ئةسكةرتصش ۋة ئصستصمالچصلاردصن كةچۇرۇم سوراش يانغون ئۇچۇرصغا ئاساسلانغاندا،مةزكۇر زاۋۇت ئصشلةپچصقارغان 彩丽虹 ماركصلصق يېمةكلصكتة سۇپةت ۋة بصخةتةرلصك مةسلصسص بار بولۇپ،يۇقارقص يېمةكلصكنص سېتصۋالغانلار،يةنص 彩丽虹 ماركصلصق بادام مېغصزص،ئۈرۇك مېغصزص،مۇقاتصلص(腰果)قاتارلصقلارنص سېتصۋالغانلار ھةرگصز ئصستېمال قصلماسلصقص كېرةك.
خەلق ئۈچۇن

baxkilardin hapa buluxtin bur

4

تېما

0

دوست

1736

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13417
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 431
تۆھپە : 237
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 16:31:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى uqunدە2013-02-11 15:22يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاپتونوم رايونلۇق يېمةكلصك بېخةتةرلصك كومېتصتص ئصشخانصسص ۋة ئۇرۇمچص سايباغ رايونلۇق 阿里生 يېمةكلصك زاۋۇتصنصڭ ئةۋةتكةن ئةسكةرتصش ۋة ئصستصمالچصلاردصن كةچۇرۇم سوراش يانغون ئۇچۇرصغا ئاساسلانغاندا،مةزكۇر زاۋۇت ئصشلةپچصقارغان 彩丽虹 ماركصلصق يېمةكلصكتة سۇپةت ۋة بصخةتةرلصك مةسلصسص بار بولۇپ،يۇقارقص يېمةكلصكنص سېتصۋالغانلار،يةنص 彩丽虹 ماركصلصق بادام مېغصزص،ئۈرۇك مېغصزص،مۇقاتصلص(腰果)قاتارلصقلارنص سېتصۋالغانلار ھةرگصز ئصستېمال قصلماسلصقص كېرةك.  

بۇ مەزمۇن بڭر تېما سۈپىتىدە يوللانغا بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەن. 
 ئەمدى تېمىغا كەلسەك. بۇ نۇتۇق ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەڭ ئىسىل نۇتۇقلار قاتارىدىن ئورۇن ئالسا بولغىدەك. يەنە مۇشۇنداق ئىسىل نۇتۇقلىرىمىز بولسا يوللاپ قويساڭلار.

0

تېما

0

دوست

199

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   66.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14352
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 50
تۆھپە : 27
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 01:09:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام تورداشلار،ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىسلام ئىدىيەسى ۋە جەدىزىم ھەركىتى ئىدى،سىلەردە ماتېريال بولسا تەمىنلىسەڭلار بوپتىكەن،تەشەككۈر
بىسمىللاھ ھەر ياخشى ئىشنىڭ بېشىدۇر

0

تېما

0

دوست

238

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   79.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14652
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 65
تۆھپە : 29
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 14:28:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن قايغۇرۇش ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان  قەرزى،بىراق  نەق شۇلار سېتىلما بولسا بۇ خەلقنىڭ تەقدىرى بەك خۇنۈك  ،ئەھۋالى خاراپ ئۆتىدۇ.خەلق قانچە نادان ،ئەخلاقسىز بولسا باشقۇرۇش باستۇرۇش ،يوقۇتۇش شۇنچە ئاسان بولىدۇ ،ئەكسىيەتچىل ھۆكۇمرانلار بۇ نۇقتىنى بىلگەچكە  بىزنى نادان ،نامرات قالدۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن  ،ياڭ ، شىڭ دېگەنلەر بۇنى  ياخشى ئىجرا قىلغان ،بۇنىڭغا دىيانەتسىز ،ئىتىقادى سۇس  مۇناپىق ئەمەلدار ،موللىلار ماسلاشقان .ئېسىت-ئېسىت ھەسرەتلىك كەچۈرمىشلەر ،ھەسرەتلىك تارخ.........مىللەت تارخىدىن چوقۇم خەۋەردار بولۇش كېرەك ،مەيلى ئۇ   ،قانداق شەۋكەتلىك ۋە قاباھەتلىك بولسۇن ،كۆڭۈلنى بىر قىسما قىلىپ قويىدىكەن دېمەسلىك كېرەك . شۇنداقلا ئۆتكەن ئىشلار دەپ قارماسلىق كېرەك . ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ : <<بالىلارنى  ئوقۇتماي خوپ ياخشى چوڭ قىلىدۇق  ئېسىت بۇ بالىلار بىر پارچە نانغا سېتىلغايمۇ >> دەپ ھەسرەت چەككەن . شۇڭا ئوقۇش موھىم ،ئورنىغا  ،جايىدا ئىشلىتىش ، ئۆگىنىشتىنمۇ موھىم  .بىلىم ئالغۇچىدا ئەخلاق ، دىيانەت  بولۇشى كېرەك ،بولمىسا  ،ئاپپاغ غوجا دېگەن  دىنى ،مىللى مۇناپىقمۇ  دىنى بىلىمنى كۆپ ئالغان  ئوقىسا بەك ئوقۇۋېتەتتى ، شۇڭا   ، ئوقۇۋەتكىنى ھېساپ ئەمەس ،ئەمەلدە خەلققە پايدىلىق يۇسۇندا ئىشلەتكىنى  ھېساپ بولۇشى  كېرەك .

7

تېما

4

دوست

3905

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12464
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 429
تۆھپە : 920
توردىكى ۋاقتى: 381
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 16:22:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىندىشىم دىشات،سىز بىۋاستە يالقۇن روزىنى ئىزدىسىڭىز بولارمىكى،ياخشى يول كۆرسىتىشى مومكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )