- تىزىملاتقان
- 2013-5-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 39
- نادىر
- 0
- يازما
- 3
ئۆسۈش
  13%
|
ساۋاقداشنى سېغىندىم ئەجەپ،
دوسلار سىلەرمۇ سېغىندىڭلىمۇ؟
چۈشۇڭلەرگە كىرەمدۇ دائىم،
ئىسمىنى ئاتاپ جۆيلىدىڭلىمۇ؟
ئىسمىڭلارنى ئاتاپ بالامغا
ئېيتىپ بەردىم بىر بىرلەپ بىردىن،
تۇنۇشتۇردۇم بىر بىرلەپ بىردىن.
كونىرىدى ئەلبۇملار رەت رەت
ئالماشتۇردۇم يېڭىلاپ داىم،
لېكىن مەزمۇن ئاشۇ سۈرەتلەر
يۆتكەلمىدى ئىزىدىن داىم.
قىران بولدۇق مانا ھازىر بىز
پەرزەنتىمىز بويىن تەڭلەشتى،
ئاكا ھەدە ئىدۇق شۇ چاغلار
ئەمدى تاغا ،ھامما ئاتاشتى.
لېكىن بىزلەر ئۇچراشساق قاچان
يەنىلا شى جۇشقۇن ياش پېتى،
قورۇق ئاقچاش كۆرۇنمەس بىزگە
ساۋاقداشلار ياشلىق ئىزناسى.
دەيمەن يەنە ئۆتسە 40يىل
ساۋاقداشلار قىران قەلبىمدە،
بالىلىقتىن ياشلىققا قەدەر
ساۋاقداشلار بولغاچ ئۆمرۈمدە.
ساۋاقداش ھەي ساۋاقداش ،قەلبىمىزدۇر بىر تۇتاش! |
|