ئايال چېچىدا قامچا ياساپ، |
ئەر بولماقىنى ئىستەيدۇ، لېكىن... |
ئېتى يوق بارالمايدۇ ھېچ يەرگە! |
ئات تاقىلاش ئورنىدا يوق ئېتى! |
بىر بوۋاي ساقال سىيلاپ، ئۆتتى كوچىدىن، |
بىر ناتىۋان چىقتى ئۆيىدىن، |
قولتىقىدا يېتىلەپ ئەرنى... |
تال چىۋىق سالغان بالىلار قېنى، |
پادىچى ئالدىدا كالىلار... قېنى ؟ |
بەلۋاغ باغلىغان ئەركەك قېنى، |
موزاينى كۆتۈرگەن ئەركەك قېنى؟! |
[/table][table=100%,#ffffff] كامال تاپقان بەلۋاغ بىلەن. |
يەنىلا يەر نوقۇپ ئۆتەلەيدۇ... |
جۈمەنى خاتىرجەم كۈتەلەيدۇ! |
يۈگەن تۇتۇشقا جۈرئىتى يوق. |
بىلمەيدۇ، بىلگەندەك شەھۋەتنى... |
ئۆڭكۈر كېرەك ئەمەس، ياكى كەپە. |
شۇنداق نازلىنالايدۇ ئاچا... |
ئاتقا قۇۋۋىتى يەتمىگەن بىلەن |
ئات تۇرقىدىن ھۇزۇر تاپىسەن... |
يۈرەلمەيسەن تارىخ بېتىڭسىز... |
ئاقارغان قىيادا سارغايغان ياپراق، |
تۆشەكتە ياتىدۇ تاشقا تېڭىلىپ، |
پىچىقى يوق باشقا قويغۇدەك، |
ئەر كىشنەيدۇ،شەھۋەت دەپ... |
تارىخ بەرگەن خېتىڭ قېنى؟! |
قەرزىدارسەن ، ئەي ئەركەك، |
ئات ئۈستىدە يارالغان جاھانغا. |
تاقىسىدا كەچكەن قان دولقۇنىنى، |
قىلىچ،قالقاننى تەڭلەپ ياۋغا، |
ئايال چېچىدا قامچا ياساپ، |
ئەر بولماقىنى ئىستەيدۇ، لېكىن... |
ئېتى يوق بارالمايدۇ ھېچ يەرگە! |
چېچى يوق ياسالمايدۇ يا قامچا.. |
بارلىقىنى ئېلىپ كەتتى ئېھتىمال ، داچا!؟ |
پەيشەنبىگە مەردانە باققان شۇ بوۋاي، |