- تىزىملاتقان
- 2012-6-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1030
- نادىر
- 1
- يازما
- 18
ئۆسۈش
  3%
|
بۇ يىل 2013-يىل بىز ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن قۇتلۇق يىل
مەرھۇم مەخسۇت مۇھىتىنىڭ تۇرپان ئاستانىدە يېڭىچە مەكتەپ ئاچقانلىقىنىڭ 100 يىللىقى(1913-يىل تۇرپاندا ئاچقان).
مەرھۇم ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تۇرپاندا قەتلى قىلىنغانلىقىنىڭ 80يىللىقى(1933-يىل 3-ئاينىڭ 11-كۈنى).
مۆھىترەم ئاتىمىز مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى (1923-يىل لەنجۇدا تۇغۇلغان).
مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى (1933-يىل).
قانداق خاتىرلىسەك بولار. ھەمىڭلار مەسلھەتىڭلارنى ئايمىغان بولساڭلار. دوستلار ئارا كىچىك كۆلەمدە تەبرىكلەش بىلەن مۇراسملىق تەبرىكلەش ئۇسۇللىرى ھەققىدە ئويلغانلىرىڭلار بولسا قويساڭلار. بار مەسىلھەت ئىش كۆرسەك.
مەن ئېسىمگە كەلگەننى دەپ باقاي.
1.كىچىك دائىرىلىك: بىرەر ئۆيگە يىغلىپ ياغ پۇرىتپ، دوستلار ئارا قۇرئان ئوقۇپ، ئەسەرلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇش ئارقىلىق ئەسلەش.
2.كىچىك دائىرىلىك: ئايرمخانىلاردا ئەسەرلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق تەبرىكلەش.
3. ئاتۇشتا، تۇرپاندا، قۇمۇلدا بۇ زاتلارنىڭ خاتىرە ساريىنى قۇرۇشنى كۈنتەرپتىكە ئەكىلىش(نېمشقا غۇلجىدا زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيى بار، باشقا يۇرتلاردا ئۇ زاتلارنىڭ يوق؟
4. ژۇرناللاردا، مۇنبەرلەردە "تۆتزات سەھپىسى ئېچىپ ماقالىلەرگە ئورۇن بېرىش.
5. مەكتەپلەردە ئەدەبيات دەرسخانىسدا خاتىرىلەش.
6. ئەدەبيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىلىرى مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ تەبرىكلەش.
ۋاھاكازالار.
سىلەرمۇ دەپ بېقىڭلار.
ئەسكەرتىش: ئۇيغۇرنىڭ روھىغا ئايلىنىپ كەتكەن ھۆرمەتلىك ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىنىڭ قەتلى قىلىنغان مەنزرىسىنى ئەسلەپ ئۆزۈمنى نوقۇپ تۇرۇش، بۇ زاتنى داۋاملىق ئەسلەش مەقستىدە تور ئسىمىم مۇشۇنداق قويۇلدى. بۇ ھەرگىز ئۆزۈمنى ئا.ئۇيغۇرى بىلەن تەڭلەشتۈرگىنىم ئەمەس ھەم ھەددىم ئەمەس. ئۇقۇشماسلىق كېلىپ چىقمىسا. |
|