- تىزىملاتقان
- 2011-1-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-9
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 6568
- نادىر
- 3
- يازما
- 178
  
ئۆسۈش
  100%
|
1-ئاينىڭ 26-كۈنى قومۇل دىيارىدا باشلانغان <ئەلفا-پەرھاد لوڭقىسى>زال ئىچى بەش كىشلىك مۇسابىقىسى 10 كۈن كەسكىن ۋە يوقىرى كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلىپ 2-ئاينىڭ 5-كۈنى غەلبىلىك ئاخىرلاشتى .
ئەزەلدىن زال ئىچى پوتبول مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ باقمىغان قومۇل دىيارىدا بۇ قېتىمقى مۇسابىقە پوتبولچىلارغا ۋە پوتبول مەستانىلىرىگە خوشاللىق ئاتا قىلدى . گۇرۇپپىلار مۇسابىقىسى، شاللاش مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئالدىنقى ئۈچ كوماندا تاللاپ چىقىلدى .
ئىۋىرغول A پوتبول كوماندىسى چىمپىيونلۇققا . ئايشەم تورتخانىسى كوماندىسى ئىككىنچىلىككە ، <قومۇل كېرەم قۇتار ئىمپورت - ئېكىسپورت شىركىتى> تارمىقىدىكى قۇتار كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى ،
نەتىجىگە ئېرىشكەن كوماندىلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى ،3000 يۈەن ، 2000 يۈەن ،1000 يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى .
مۇسابىقە ئاياقلاشتى ، لېكىن پوتبول قىزغىنلىقى ئاياقلاشمىدى ، يېڭىلا پۈتكەن مەرىفەت زال ئىچى پوتبول كۇلۇبىدا نۇرغۇن ئەسلىمىلەر قالدى . قومۇل پوتبولچىلىقى قايتا بىر دەۋرگە قەدەم قويدى ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق كوماندىلار ۋە پوتبول مەستانىلىرىغا ۋاكالىتەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغان قارلۇق خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ، قومۇل يىلتىز پوتبول جەمئىيىتى ، مەرىفەت زال ئىچى پوتبول كۇلۇبىغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز .
مەدەنىيەت بۆشىكى بولغان قومۇل دىيارىنىڭ تەنتەربىيە جۈملىدىن پوتبولچىلىقىنىڭ كۈندىن - كۈنگە تەرەققى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
ھۇررا ، قومۇل ، ھۇررا يىلتىز ، ھۇررا جەسۇر ، ھۇررا ئىۋىرغول ، ھۇررا قۇتار ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،!!!!!
|
|