ئوت كەتمىسۇن يانفۇنلىرىڭغا ...
ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۇھرەت
تەخەللۇسى : ئەلرازى
مەن بۇ شىئىرنى قولىدىن تېلفۇن چۇشمەيدىغان بەزى بىر قىزلىرىمىزغا بىغىشلايمەن .....
1
ئۇچۇرتىمەن كۆندە نەچچىرەت ،
ھېچ تېلفۇن چۇشمەس قولۇڭدىن .
پاراڭلىشىپ باشقىلار بىلەن ،
ئېزىپ قالما ماڭغان يولۇڭدىن .
2
باشقا ياققا سالمايسەن نەزەر ،
ئېغىزلىرىڭ پەقەت تۇرماس جىم .
قاراپ سېنىڭ سۆزلەشكىنىڭگە ،
قارشى تەرەپكە ئاغرىدى ئېچىم .
3
كۆلكە چاقنار دائىم يۇزۇڭدە ،
راست كۆلكىمۇ ياكى يالغانمۇ ؟.
ئابۇنتلارمۇ سۇزلەشمەس سەندەك ،
سەن ئۇرغانمۇ ياكى ئالغانمۇ ؟.
4
سۈزلىشەمسەن پەقەت بىر بىلەن ؟،
ئۇردىغانلار ئۆچىرەتمۇ ياكى .
ھېچبىر قوياي دىمەيسەن قىزچاق ،
توكى تۇگەپ كەتكۇچە تاكى .
5
بولدى قويغىن تېلفۇنلىرىڭنى ،
زىيان قىلار قۇلاقلىرىڭغا .
پاراڭلىشىپ بىر كۆنى قىزچاق ،
ئوت كەتمىسۇن يانفۇنلىرىڭغا .
ئاپتۇرى : دىلاۋۇر شۇھرەت
تەخەللۇسى : ئەلرازى
ئەسكەرتىش : گەرچە ئەسەرلىرىم ياخشى چىقمىغان بولسىمۇ روخسەتسىز كۆچۇرۇشكە بولمايدۇ ....ئاپتۇرىدىن .... |