- تىزىملاتقان
- 2012-7-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1899
- نادىر
- 2
- يازما
- 54
ئۆسۈش
  89.9%
|
بۈگۈن بىلىمخۇمارنىڭ مەزكۇر تېمىسىنى ئوقۇپ بىر مەسىلە كاللامدا ئېنىق بولدى. ئۇ بولسىمۇ «ئۇيغۇردا زىيالىينىڭ كەم ئەمەسلىكى، ئەمما يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان شاراھىتنىڭ كەملىكى» بولدى.
شاراھىتنىڭ ھازىرلىنىشىدىكى ئالدىنقى شەرتنى يەھۇدىلارنىڭ كەچىشىدىن ئىزدەش مەنتىقىغە ئۇيغۇنمۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلىش مەنتىقىلىق بولسا يەنىلا مائارىپ دەپ توۋىلاش زۆرۈر بولىدىكەن، بۇنى بىلىمخۇمارمۇ تەكىتلەپتۇ «باشقا يول يوق» دەپ. ئەمما، مائارىپ دەپ توۋىلىغان ئېغىزلار «توۋاقلاندى» ياكى «توۋاقلىنىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت مودا ئېيتىملار زىيالىيدىن باشقا ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىن ئاسانلىقچە چىقمايدۇ (مەن بىر ئادەمنىڭ كەچمىشىم ئاساس قىلىنغان بولغاچقا، بەلكىم بۇ دېگىنىم ئاساسسىزدۇر، ) ، ئەگەر مەنمۇ ئۆزۈمنى زىلالىي ھېسابلىسام، ئەشۇ مودا ئېيتىملارنى سۆزلەشنى داۋام قىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەنمەن. بۇنىڭ سەۋەبى پەقەت بىرلا بولىدىكەن، ئۇ بولسىمۇ «ئاۋامدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، غورۇرنى ئىپادىلەش» ئۇچۇن. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مىللەتنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ھەققىدە بىر نېمە دېيىشتە چوقۇم يەھۇدىلارنىڭ كەچمىش - تەجرىبىلىرىدىن نەزەرىيىۋى ئاساس ئىزدەش مەنتىقىلىقمۇ؟ ئەگەر مەنتىقىلىق بولسا، ئەشۇ مودا ئېيتىملاردىن ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسىنى دەھشەتلىك قىسمەتلەر كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. گەرچە دەھشەتلىك قىسمەتلەر يەھۇدىلارنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدايەھۇدىينىڭ قىسمىتىدەك قىسمەتنىڭ ئاكتىپ رول ئوينىشىنى يەنىلا مەنتىقىلىق دېيىشكە ئىشەنچىم يوق. بۇنداق قىسمەتنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەسەۋۋۇر قىلىش بىلەنلا چەكلەنسە، مېنىڭچە بۇ قىسمەتلەرنى رازىلىىق بىلەن كۈتۈۋېلىشتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ. ئۇيغۇر ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن چوقۇم ئېزىلىشى، قوغلاندى بولۇشى كېرەكمۇ؟ ئەگەر كېرەك بولسا، بىز يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا باراۋەرلىك تەلەپ قلىمىز؟ باراۋەرلىك تەلەپ قىلىشنىڭ ئۆزى (ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان «باراۋەر مۇئامىلە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن قاراشنى ئىپادىلەيدىغان بايانلارغا ئاساسلانغاندا) ئەجىبا ئاسسىمىلياتسىيەنى رازىلىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز دېگەنلىك بولماسمۇ؟ ئۇيغۇر ساقلىنىپ قالماقچىمۇ ياكى ئاسسىمىلياتسىيە بولماقچىمۇ؟ بۇ سوئالغا بېرىدىغان جاۋابنى ئوقۇرمەنلەر ھەر خىل مەيداندا تۇرۇپ بىلىمخۇمارنىڭ يازمىسىدىن تاپقان بولۇشى مۇمكىن. |
|