- تىزىملاتقان
- 2011-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7546
- نادىر
- 0
- يازما
- 498
ئۆسۈش
  50.92%
|
گىرمانىيە ۋە روسىيە ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىك كېرەك دېدى
مەنبە : news.xinhuanet.com
شىنخۇا تورى مىيۇنخېن 2-فېۋرال تېلېگراممىسى: روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى رافۇلۇف ۋە گىرمانىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى ۋىستىۋېل 2-فېۋرال مىيۇنخېن بېخەتەرلىك يىغىنىدا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىران يادرو مەسىلىسىدە ھەربىي ئىشلار ۋاستىسى قوللانماسلىق كېرەك.
رافولوف شۇ كۈنىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېدى: ئىران يادرو مەسىلىسىدە ھەربىي ئىشلار تاللىشى بىر خاتالىق، چوقۇم سۆھبەت ئۇسۇلى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك. قورال كۈچى ئىشلىتىپ ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش روسىيە قوبۇل قىلالمايدىغان تاللاش. رافولوف مۇنداق دېدى: ئىرانمۇ مۇۋاپىق بېخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ئىگە.
رافولوف مۇنداق دېدى: ئىران يادرو مەسىلىسى رايون بېخەتەرلىكى ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك. روسىيە ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ئىران مەسىلىسى ئالتە دۆلەت ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىرانغا خوشنا دۆلەتلەر ۋە ئىران بىر ئورتاق بېخەتەرلىك يىغىنى ئېچىشنى ئويلىشىش تەكلىۋىنى بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ تەكلىپ يەنىلا ئۈستەل ئۈستىدە تۇرماقتا. بىز چوقۇم ئىرانغا ئىشىنىشىمىز كېرەك، ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىراننىڭ ھازىرىقى ھاكىمىيىتىنى ئۆزگەرتىش ھېسابلانمايدۇ.
ۋىستېۋىلمۇ شۇ كۈنى باياناتىدا مۇنداق دېدى: سىياسىي ۋە دېپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىش ئۇسۇلى زۆرۈر، بارلىق تەرەپلەر ھازىر چوقۇم دېققىتىنى بۇ تەرەپكە قارىتىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىنىشىغا قارىتا، 2013-يىل قارار بەلگىلەش خارەكتىرلىك يىل ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئىران ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بايدىن ئوتتۇرغا قويغان ئىران بىلەن بېۋاستە ماھىيەتلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتىگە قوشۇلۇشقا دەۋەت قىلدى.
بايدىن شۇ كۈنى مىيۇنخېن بېخەتەرلىك يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئىران بىلەن ئىران يادرو مەسىلىسى توغرىسىدا بېۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ، توپ ئىران ھۆكۈمىتى تەرەپتە، ئەمما ئىران ھازىر چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن ياخشى نىيىتى بىلەن ئالتە دۆلەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ھازىر يەنە ۋاقىت ۋە بوشلۇق بار، ئىران ئۆزىنى بېسىۋېلىپ دېپلوماتىيە ۋاستىسى ئارقىلىق ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك. بايدىن يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى ئىراننى چەكلەش ئەمەس بەلكى ئىراننىڭ يادرو قورالغا ئىگە بولۇشىنى توسۇشتىن ئىبارەت.
غەرىپ دۆلەتلىرى ئىزچىل ھالدا ئىراننى ئوران قويۇلدۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ دەپ گۇمان قىلغان شۇنداقلا ئىراننىڭ يادرو قورالى تەتقىق قىلىپ ياسىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ئىران تەرەپ بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلىپ، تىنچلىق ئۈچۈن يادرو ئېنىرگىيىسىگە بولۇش ئىراننىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى دەۋاتىدۇ.
مىنىڭچە ئامېركا ئىرانغا بىۋاستە ئۇرۇش قوزغىمسىمۇ ، ئاستىرىتتىن سۈيقەست قىلىپ ئىقدىسادىي كىرىزىس ،ئىچكى ئۇرۇش ،ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن . |
|