- تىزىملاتقان
- 2011-11-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7048
- نادىر
- 0
- يازما
- 391
ئۆسۈش
  40.96%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا generall تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-12 13:55
nurkongul يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 23:48 
قانداسىگە تىرىكلىكتە بازىرى،ئۆلۇكلىكتە مازىرى يۇق ب ...
سىز دېگەندەك، قازاقلارنىڭ شۇنداق پروگراممىلاردا ياكى كىتاب ۋە باشقا تاراتقۇلىرىدا مەھمۇد كاشىغەرىنى ‹پۈتۈن تۈرك مىللەتلىرىگە ئورتاق› دەپلا، ‹ ئۇيغۇر› ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمىگەنلىكى ۋە ئېتىراپ قىلماسلىقتەك پوزىتسىيىسىنى قانداق چۈشەنسەك بولار؟...
يەنە بىر گەپ:
مەلۇم مىللەتنىڭ مەدەنىيەتلەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى _ 1.يېزىق ئىجاد قىلىش 2. شەھەرلىشىش 3. ...
كۆچمەن چارۋىچىلىقتىن قول ئۈزۈپ شەھەرەشكەن ئىكەن چوقۇمكى دېھقانچىلىق ياكى سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىش لازىم. شۇڭا ئۇمۇ مەدەنىيەتنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.
قەشقەرنىڭ تارىخى موسكۋانىڭ تارىخىدىن مىڭ يىللار ئۇزۇن. بىز رۇسلار ياكى سىلاۋىيانلار موسكۋا شەھىرىنى بەرپا قىلىپ ئەمدىلا ئورمان ھاياتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سىلاۋىيان دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان ۋاقتىمىزدا ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان شەھەرلىشىپ بولغان، شانلىق يۇقۇرى مەدەنىيەت ھاياتىدا ئىدى.
ـــــ ۋاسىلېيىف (روسىيە)
ئۇيغۇرلارنىڭ زور بىر قىسمى باشقا تۈركىي (تىللىق) خەلقلەرگە قارىغاندا بالدۇر ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا كىردى ھەم ھەممىدىن بۇرۇن شامانىزىم بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، ئاۋال مانى دىنىنى، كېيىن بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلدى. تۈركىي ( تىللىق) خەلقلەر ئىچىدە ئەڭ بالدۇر يېزىق ئىجاد قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ماۋرائۇننەھىر ئارىسىدىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك خەلققە ئايلاندى.
ـــ ئا.يۇ.ياكوبوۋىسكىي ( روسىيە)
موڭغۇللار ( چىڭگىزخان دەۋرىدە) ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسى دەپ قاراپ، بۇ يېزىقنى ئۆگىنىشنى ئۆزلىرىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئىران خەلقلىرىنىڭ ئۆگىنىشىنىمۇ تەشەببۇس قىلغان. ئىلخانلار دەۋرىدە ئۇيغۇر يېزىقى دۆلەت مەمۇرى ئاپاراتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىرانلىق مەمۇرلارمۇ ئۇيغۇرتىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولغان، ھەتتا ئەينى دەۋرلەردە ئىلىم - پەن يۈكسەك تەرەققىي قىلغان خۇراساندىمۇ قىرغىندىن ساق قالغان ئالىملار ۋە پۇقرالار ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى ئۆگەنگەن.
ــــ جۈۋەينى ( ئىران)
كىشىلەر ئېلىمىزنىڭ قەدىمقى زاماندا ئۆتكەن دېڭىزچىلىرىنى تىلغا ئالغاندا، ئالدى بىلەن مىڭ سۇلالىسى دەۋرى( 1644-1368) دە ئۆتكەن غەربىي ئوكيانغا يەتتە قېتىم سەپەر قىلغان خۇيزۇ دېڭىزچى جىڭ خېنى تىلغا ئېلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن 130 يىل ئىلگىرى يۈەن سۇلالىسى دەۋرى ( 1368-1206) دە ئۆتكەن ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش بولسا ھىندى ئوكيانغا سەپەر قىلىپ زور ئاتاق قازانغانىدى. ئەلئۇقمىش ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى دېڭىزچى.
ـــ ۋاڭ شياۋجيەن << ئۇيغۇر دېڭىزچىسى ئەلئۇقمىش توغرىسىدا قىسسە>> شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى 1987-يىل 1-سان
ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيا ئىنسان تۈركۈملىرىدىن ھاسىل بولغان قەدىمقى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى خەلقلەر ئىچىدە ئاق تەنلىك ۋە قىسمەن سېرىق تەنلىك ئىرقلارنى بىرلەشتۈرگەن، يەرلىك يايلاق مەدەنىيىتى بىلەن بوستان مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۈرگەن، يەرلىك تىجارەت بىلەن خەلقئارا << يىپەك يولى>> سودا ئالاقىلىرىنى بىرلەشتۈرگەن، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىلەن يازما كىلاسسىك ئەدەبىياتنى بىرلەشتۈرگەن، كۆپ قېتىم سەلتەنەت سۈرگەن مەشئەلچى مىللەت بولغان.
ـــ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن << ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى >> 1-بەت
1974-يىلى باھاردا بىر ياپونىيىلىك مۇخبىر دۇنيا تارىخ تەتقىقاتىدا ئۆزگىچە تەپەككۈرى بىلەن تارىخ تەتقىقاتىنى يېڭى مېتود بىلەن تەمىنلىگەن ئەنگلىيىلىك مەشھۇر تارىخچى ئارنولد تويىنبى دوكتۇردىن: << تۇغۇلۇش پۇرسىتى بولغان بولسا، قايسى دۆلەتتە تۇغۇلۇشنى خالايتتىڭىز؟>> دەپ سورىغاندا، 85 ياشلىق تويىنبى ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ: << مىلادى 1-ئەسىردە بۇددا دىنى تارىلىپ بولغان شىنجاڭدا تۇغۇلۇشنى ئارزۇ قىلغان بولاتتىم>> دەپ جاۋاب بەردى.
ـــ << 21-ئەسىرگە نەزەر>> دېگەن كىتاب 295-بەت
گېنېرال ھەربىي ئىشلار مۇنبىرىدىن نەقىل ئېلىندى.
http://www.blogbus.com/generall-logs/233054593.html |
|