- تىزىملاتقان
- 2012-12-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3003
- نادىر
- 0
- يازما
- 41
ئۆسۈش
  33.43%
|
بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى تارخاندە2013-02-01 22:42يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كازافى بىلەن سادامنى ۋاي رەھمەتلىك دەپ كەتكەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي............
سادامنىڭ خىمىيە قوراللىرىدا ئۆلگەن كوردلار ئادەم ئەمەسمىكەن؟
كازافى ئىككى سائەتتە تۈرمىدە قىرىپ سالغان 1000دىن ئارتۇق قارشى پىكىردىكىلەر ئادەم ئەمەسمىكەن؟؟؟؟
تېخى ۋەتىنىدىن قېچىپ كەتمىگەنلىكىنى <قەھرىمانلىق>قا كۆتۈرگەنلەر بار ئىكەن...شۇنچە كىشىنىڭ قان قەرزىگە بوغۇلغان زالىملار قېچىپ نەگە بارالايدۇ؟؟؟ھامىنى قان قەرزلىرىنىڭ سورىقىنى بېرىدۇ....
سۈرىيەنىڭ زۇڭتۇڭ جەمەتى بەسر ئاسادمۇ ۋاقتىدا قورال تاشلاپ ياخشىلىقچە تەسلىم بولمىسا ،ئۇنىڭ كۈنىمۇ ئاۋۇ ئىككى <قەھرىمان>دوستىنىڭكىدەك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر بولىدۇ...ئۇ ھېلىمۇ سۈرىيەدە يۈزمىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى... توغرا دەيسىز تاخان قېرىندىشىم. بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىز نېمىشقا ئاشۇ ئاتالمىش قەھرىماننىڭ ئىسمىنى توغرا ئاتاپ بېرەلمەيدۇ؟ كازاڧڧڧفىي ئەمەس قەززافى. قوشتىللىق بولدۇق دەپ ئەمدى ئەتە ئۆگۈن ئۆزىمىزنىڭ ئىسمىمىز بولغان ئابدۇرېشىت دېگەننى ئابۇدۇرېشىتى، مۇھەممەد نى مەيمەيتى، سەمەت نى سەمەيتى، ئالىم نى ئالىمۇ.... نېمە دېگەن بىمەنىلىك!!! ما تېلېۋىزىيە ئىستانىسىدىكى قارا قورساق تەرجىمان، دىكتورلار قاچاندا قارىسا ئاشۇنداق بۇززۇۋانچە گەپ قىلىپ بىزنىڭ تىلىمىزنى ئەبجەش قىلىۋەتتى. ئاپتونوم رايون دەيدۇ، قايسى دۆلەتتىكى، قايسى مىللەتنىڭ ئاپتونوم رايونى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىماستىنلا ئاپتونوم رايونىمىز دەپ چۈشۈشلىرى... شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېسە تىلى كېسىلىپ كېتىدىغاندەك!!! ئېغزى مايماقلار . ئۈچ يىل بولغىلى تۇردى، مۇشۇ كۆرگۈ(تېلېۋىزور) دېگەننى تازا كۆرۈپ كەتمىدىم، ئادەملىرىمىزنىڭ تىلى ئاشۇنداق كەمتۈك، ساز بولغاچقا... مۇشۇ مەركىزى خەلق رادىيو(_ئۈنتارت) ئىستانىسىدىكى دىكتور رىياسەتچىلەرگە قاتتىق ھۆرمىتىم بار. ئۇلار زېرىكمەي شىنجڧڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتايدۇ. شۇڭلاشقىمىكىن ئۈنتارتقۇ بىلەن كومپيۇتېر مېنىڭ ئۇچۇر مەنبەيىم بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. |
|