ھىندىستان ئورۇشى ۋە جەنۇبى تىبەت ( 1 ) دەن جىچاڭ دولان تەرجىمىسى
لاداخ-جوڭگولۇقلار بەك ئىنتىلىدىغان، بىراق ناھايىتى تەستە يىتىپ بارىدىغان جاي. لاداخ بىلەن تىبەتتە خالىغان جايدا قويۇق بولغان دىنىي مەنزىرىنى كۆرەلەيسىز، ھەرئىككىلىسىنىڭ تارىخى مەدىنىيەت جەھەتتە ۋاستىلىق مۇناسىۋىتى بار. لاداخ مەمۇرىي تەۋەلىك جەھەتتە جوڭگوغا تەۋە، بىراق ھىندىستانغىمۇ تەۋە بولۇپ، ھىندىستان ئېزچىل بۇنىڭغا قايىل ئەمەس، يەنە تېخى جوڭگو چىگرىسى ئىچىدىكى ئاقسايچىن رايۇنىمۇ ھىندىستانغا تەۋە دەيدۇ، مۇشۇ سەۋەپتىن جوڭگو ۋە ھىندىستاننىڭ چىگرا تۇقۇنىشى تۇگىمەيۋاتىدۇ.
ھىندىستان ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان جەڭچىللىرىمىزنىڭ بىر قىسمى گۇماناھىيەسى ۋە لاداختىكى قاراقۇرۇم تاغ باغرىدا مەڭگۈلۈك كۆز يۇمماقتا.
ئاپئاق قارلىق تاغ ۋە قويۇق ئورمان بىلەن قاپلانغان ھىمالايا تېغىنىڭ جەنۇبىي يان باغرىغاجايلاشقان، ئىلگىرىكى شىجىن بەگلىگى دېڭىز يۇزىدىن 8586 مىتىر ئېگىز بولۇپ، نەچچەمىڭ يىلدىن بىرى تىبەتكە قاراشلىق بولسىمۇ، بىراق 1975-يىلى ھىندىستان ئىشغال قىلىپ، شىمالىي ھىندىستاندىكى بىر شىتات قېلىۋالدى.
2012-يىلى جوڭگو-ھىندىستان ئۇرىشىغا دەل 50 يىل بولىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا جوڭگو بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا قىسقا مۇددەتلىك زېمىن تالىشىش ئۇرىشى يۈز بەرگەن بولۇپ، كىيىنكىلەرنىڭ ئاشۇ تارىخنى ئۇنتىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
1962-يىلدىكى جوڭگۇ- ھىندىستان ئۇرۇشىدا، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ ھىندىستان ئاۋال مۇش ئاتتى دەپ قارايدۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى ھىندىستان زوڭلىسى نىھرو ھىندىستان ئارمىيسىگە « چىگرىدىكى جۇڭگو قوشۇنىنى يوقۇتۇش » بۇيرىقى چۈشۇرگەن، بىراق ھىندىستان ئارمىيەسى جوڭگونىڭ رەقىبى بولالمايدۇ، ئارمىيەيىمىز تۇسالغۇسىز يۈرۈش قىلىپ، بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ كۆپلىگەن ئېستىھكامىنى بىتچىت قېلىپ، جوڭگو-ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋى چىگرىسىغا يىتىپ بارىدۇ. بىراق ھىندىستان ئارمىيەسى روھىي جەھەتتىن بوشىشىپ، پۈتۈن مەملىكەت دەككە-دۇككىگە چۈشكەندە، جوڭگۇ تەرەپ تۇيۇقسىز شەرتسىز قوشۇن چىكىندۈرگەنلىكىنى ئېلان قېلىدۇ. چەتئەل ئاخباراتى جوڭگو ھىندىستاننىڭ « چوڭ دۆلەت چۈشى » نى ئۇزۈل-كىسىل بىتچىت قىلىۋەتتى دەپ باھا بىرىدۇ. بىراق جوڭگونىڭ نىمە ئۇچۈن قۇشۇن چىكىندۇرگەنلىكى بۈگۇنگىچە بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا.
نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، مەن شىنجاڭ-تىبەت تاشيولىنىڭ قاغىلىقتىن تىبەتكە باردىم. بۇ تاشيول ئاقسايچىن رايۇننىڭ كاڭشىۋا دىگەن جايىدىن ئۇتىدىغان بولۇپ، ئۇ يەردە1962-يىلىدىكى جوڭگو-ھىندىستان ئورۇشىدا قۇربان بولغان جەڭچىلەرنىڭ قەۋرىسى بولۇپ،تۆت تەرىپى تام بىلەن قورشالغان، ئىشىكتىن كىرگەندىن كىيىن بىر خاتىرە ئابىدىسى بولۇپ، قەۋرىلەر ئابىدىنىڭ كەينىگە رەتلىك سىمۇنت بىلەن قاتورۇلۇپتۇ، مەن قەۋرىلەرنى ئارىلاپ، قەۋرە تېشىغا ئويۇلغان ئىسىمنى ئوقۇپ چىقتىم.
لو دىچىڭ7972-قىسىم جەڭچىسى، خۇنەننىڭ چاڭشادىن، 1962-يىلى 10-ئايدا قۇربان بولغان،1-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن؛
شاڭ ۋېنخاۋ 7971-قىسىم جەڭچىسى، سىچۇەن لېيجىدىن، 1962-يىلى11-ئايدا قۇربان بولغان، 2-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن؛
كازىگې 7972-قىسىم جەڭچىسى، گەنسۇ گەننەندىن، 1962-يىلى 11-ئايدا قۇربان بولغان، 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن؛
جۈمە ئېلى 7994-قىسىم جەڭچىسى، شىنجاڭ ئاقسۇدىن، 1962-يىلى 10-ئايدا قۇربان بولغان؛
لىئۇ چاڭفا، 7978-قىسىم جەڭچىسى، شەنشى چىڭگۇدىن....
بۇجايدا جۇڭگو-ھىندىستان ئۇرۇشىنىڭ غەربىي لىنىيىسىدە قوربان بولغان 106 نەپەرجەڭچىنىڭ قەۋرىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى 20 نەچچە ياشلىق ياشلار ئىكەن، ئۇلاريۇرتىدىن نەچچە مىڭ چاقىرىملىق يىراقتىكى چىڭخەي-تىبەت ئېگىزلىگىدىكى ئادەمسىز دالىدا مەڭگۇلۈك كۆز يۇمغان.
جوڭگو-ھىندىستان چىگرىسىنىڭ غەربىي بۆلىكى، ئەنئەنىۋى جەھەتتىن قار اقۇرۇم تاغلىرىنى چىگرا قېلىدۇ، بىراق ھىندىستان ئەنگىلىيەگە قارام ۋاقىتتا، يۇھانسۇن دىگەن ئەنگىلىيەلىك چارروسىيە شىنجاڭنىڭ غەربىنى بېسىۋىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تىروتىرىيىسىگە قۇشۇۋالىدۇ دەپ قاراپ، ھىندىستان چىگرا سىزىقىنى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىغا يۆتكەپ سىزغان بولۇپ بۇ چىگرا سىزىقى « يۇھانسۇن سىزىقى » دەپ ئاتىلىدۇ.مۇشۇنداق قېلىپ قۇرۇم تېغى ۋە قارا قۇرۇم تېغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قاراسايچىن رايۇننى ھىندىستانغا قۇشۇپ قويىدۇ، بىراق بۇ بىر خەرىتىدىكى سىزىق بولۇپ، ئەمىلىي ئەھمىيىتى بولمىسىمۇ، بىراق ھىندىستان ئاشۇنى باھانە قىلىپ، بۇ جايدا ئەسكەرتۇرغۇزىۋاتىدۇ.
قاراسايچىننىڭ دېڭىز يۇزىدىن ئوتتۇرىچە ئىگىزلىگى 6000 مىتىر ئەتراپىدا بولۇپ قورۇم تېغى ۋە قارا قورۇم تېغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، جەنۇبىدىكى قاراقورۇم تېغىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى 8000 مىتىردىن ئىگىز بولۇپ قارمۇزبىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ، شىمالىدىكى قورۇم تېغىمۇ قارمۇز بىلەن قاپلانغان،قاراسايچىن ئېككى تاغ ئارىسىدىكى ئايرىش بەلۋىغى بولۇپ دېڭىز يۇزىدىن پەس، قەدىمدە شىنجاڭدىن تىبەتكە كېرىشتىكى كوڭۈلدىكىدەك يول بولغان.
1956-يىلى 4-ئايدا ئاقسايچىننى كېسىپ ئۆتىدىغان شىنجاڭ-تىبەت تاش يولى ياسىلىپ، 1957-يىلى 10-ئايدا قاتناش باشلىنىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستان ھۆكۇمىتى« خەلق رەسىملىك ژورنىلى » دىن، بۇ يولنىڭ قاتناش باشلانغانلىق خەۋىرىنى كۆرۈپ،دەرھال جوڭگۇغا نارازىلىق بىلدۇرۈپ، ئاقسايچىننىڭ شەرقىي بولىكىگە ئەسكەر تۇرغۇزىدۇ، جوڭگو ھۆكۇمىتى سۆھبەتلىشىشنى مۇراجەت قىلغان بولسىمۇ ،بىراق ھىندىستان جوڭگۇنىڭ ئاقسايچىندىن چىقىپ كېتىشنى سۆھبەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىدۇ.
جوڭگۇنىڭ ئاقسايچىندىن ۋاز كىچىشى، شىنجاڭ بىلەن تىبەتنىڭ ئالاقېسى ئۈزۇلگەنلىگى ۋە ھىندىستاننى چىڭخەي-تىبەت ئىگىزلىگىگە باشلاپ كەلگەن بىلەن باراۋەر بولۇپ، قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟
ھىندىستان جوڭگونى تۇيۇق يولغا قىستىسا،جوڭگونىڭ ئۇرۇش قىلىشتىن باشقا تاللىشى بولمايدۇ. ئاقسايچىن تالاش-تارتىشى جوڭگو-ھىندىستان ئۇرۇشىنى كەلتۇرۈپ چىقىرىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇرۇشمۇ ئاقسايچىننىڭ غەربىي، ئوتتۇرا، شەرقېي بۆلىكىدە بىرلا ۋاقىتتا باشلانغان. بىز شەرقىي بۆلەكتە زور غەلبىنى قولغا كەلتۇرگەن بولساقمۇ، بىراق ئەڭ كۆپ زىمىندىن مەھرۇم قالغان جايمۇ يەنىلا شەرقىي بۆلەك. ئەنگىلىيە بىلەن ھىندىستان شەرقىي بۆلەكتە « يۇھانسۇن سىزىقى » نى، غەربىي بۆلەكتە « مىكىماخۇن سىزىقى » نى سىزىپ چىقىپ، دەسلەپتەمەخسىدىگە يىتەلمىگەن بولسىمۇ كېيىن مەخسىدىگە يەتتى.
بۇ قېتمقى ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا باشقىچە قاراشمۇ بار، يەنى بەزىلەر 1959-يىلدىكى تىبەت توپىلىڭى كەلتۇرۈپ چىقارغان دەپ قارايدۇ.
مەن ھۆججەت ماتىرىيالنى كۆرۇپ ناھايىتى ھەسرەتلەندىم، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيەكۆچمەنلىرىنىڭ مۇتىھەم يولسىزلىغى كىشىنىڭ غەزىۋىنى قوزغايدۇ. ئەگەر ئۇلار بولمىسا،جوڭگو ھىندىستان بىلەن قانداق خوشنا بولۇپ قالسۇن؟
چۈنكى ئىككى دۆلەتنى ئايرىپ تۇرىدىغان ھىمالايا تاغلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋە قەبىلىلەر بولغان، مەسىلەن لاداخ، نىپال، شىجىن، بۇتان يەنە نۇرغۇن غەيرى ھىندى قەبىلىسى.
كىش ىقوبول قىلالمايدىغېنى شۇكى، ئاشۇ مۇستەملىكە دۆلەتلەر مۇستەقېل بولۇپلا،مۇستەملىكىچىلەردىن ئۆگۈنۈپ، ھەممىگە ئېرىشىشنى ئويلىدى، بۇ ئاڭلىماققا بىمەنەبولسىمۇ بىراق جوڭگۇنىڭ ئەتراپىدا بۇ خىل ئويۇن ئىزچىل ئوينىلىۋاتىدۇ. ئەنگىلىيە،فىرانسىيە ۋە سېۋىت ئىتىپاقىنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەر، كونا خۇجايىندىن ئۆگىنىپ جوڭگۇنىڭ زىمىنىنى زورلۇق بىلەن بېسىۋالماقچى بولىۋاتىدۇ، بۇنداق بىمەنە مەنتىقە خەلقئارادا ناھايىتى ئاز ئەيىپلىنىپ، بەزىدەتېخى ئېلھاملاندۇرىلىشىنى كىم ئويلىسۇن ؟ .
نۇرغۇن كىشىلەر 1962-يىلدىكى جۇڭگو-ھىندىستان ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىنى چۇشەنگىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئەنگىلىيەلىك داڭلىق ئالىمى ماكىسۋېل « 印度对华战争 »دىگەن كىتابىدا، « جۇڭگو قوشۇنى زور غەلبىگە ئېرىشكەن ۋاقىتتا، جوڭگو ھۆكۇمىتىنىڭ شەرتسىز قوشۇن چىكىندۈرىشى، پۇتۇن دۇنيانى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى، غەلبە قېلغۇچى مەغلۇپ بولغۇچىنىڭ ھېچقانداق ۋەدىسىنى ئالمىغان ئەھۋالدا، ئۆزئالدىغا شەرتسىز قوشۇن چىكىندۇرىشى، نۇرغۇن قانلىق بەدەلگە ئېرىشكەن غەلبە مىۋىسىنى قولدىن بىرىپ قويغانغا باراۋار » دىدى.
تىبەتنىڭ باشقا جايلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، جەنۇبىي تىبەت دېڭىز يۇزىدىن تۇۋەن، نەمخوش-يامغۇرلىق، ئۆسۇمۈك زىچ ئۆسكەن، تۇپرىقى مۇنبەت، ئىنسانلار ياشاشقا ناھايىتى ماس كىلىدىغان رايۇن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، جوڭگو قوشۇنى شەرتسىز چىكىنگەندىن كېيىن، ھىندىستان قوشۇنى قايتا ئىگەللەپ، 1987-يىلى ئالۇنچار شىتاتى قۇرۇپ، ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 1 مىليۇن 300 مىڭ ئائىلە كۆچۈرۈپ كەلدى.
ھىندىستان ئالىمى بەيمىيا « 中国世界与印度»دىگەن كىتابىدا « ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ 1962-يىلدىكى مەغلۇبىيىتىنى چۇشەنگىلى بولمايدۇ، تېخىمۇ چۇشەنگىلى بولمايدىغىنى شۇكى جوڭگو غەلبە قىلغان تۇروقلۇق زىمنىنى زىيان تارتىپلا قالماستىن بەلكى ھىندىستان ئۈچۇن ئېستىراتىگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان شەرقىي بولەك چىگرا زىمىننى ساقلاپ قالالمىدى » دىدى.
جوڭگۇنىڭ ھەربىي يازغۇچىسى جىنخۇي « 西藏墨脱的透惑 »دىگەن كىتابىدا ئۇچۇق قىلىپ « 1962-يىلىدىكى جوڭگو-ھىندىستان چىگرا ئورۇشىدا غەلبە قىلغۇچى بىلەن مەغلۇپ بولغۇچى ناھايىتى ئېنىق بولسىمۇ، بىراق 30 يىلدىن كېيىن ئاشۇ ئۇرۇشقا نەزەر سالساق باشقىچە ئەھۋالنى بايقايمىز، غەلبە قىلغۇچى مەغلۇپ بولغۇچىغا، مەغلۇپ بولغۇچى غەلبە قىلغۇچىغا ئۆزگىرىپ قالغان. بۈگۇنكى كۈندە بەزىلەر ئاشۇ ئۇرۇشتا غەلبە قىلغان جوڭگۇغا ‹ مەڭگۈ ئېچىنىشلىق › دەپ باھا بەرسە،يەنە بەزىلەر بۇ ئۇرۇشنى ئېنسانىيەت ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ‹ بىمەنىلىك › دەپ قارايدۇ » دىدى.
http://www.newsus.com.cn/junshi/DoNewsList.Asp?lable=19921
‹ داۋامى بار ›
|