- تىزىملاتقان
- 2012-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2734
- نادىر
- 2
- يازما
- 94
ئۆسۈش
  24.47%
|
بۇ رومان ئەمەلىيەتتە بەش ئايرىم ھىكايىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇلاردىن تۆرتى توردا ئېلان قىلىنغان. ئېلان قىلىنغان شەكلى بىلەن ئاخىرقى تۈزۈتۈلگەن نۇسقىدا ئاز-تولا پەرقمۇ بار. ئېلان قىلىنغانلار:
مەختەم بەنجاڭ
تاشبايېۋ
مىھرىۋان فوما فومىچ
بەختلىك يوقسۇللار
ئېلان قىلىش مۈمكىن بولماي، توربەتلەرنىڭ بىردەك رەت قىلغىنى:
«ئەجىلىدە ئۆلمەيدىغان»
كىتاپتىكى رەت تەرتىبى (مۇندەرىجە):
1. مەختەم بەنجاڭ
2. بەختلىك يوقسۇللار
3. «ئەجىلىدە ئۆلمەيدىغان»
4. تاشبايېۋ
5. مىھرىۋان فوما فومىچ
بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى، ئوخشاش بىر دەۋرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغىنى ئۈچۈن بىر رومان ھىسابىدا كىتاپ قىلىش مۇۋاپىق كۆرۈلدى. ئەمما ھەربىر كېيىنكى ماۋزۇ ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن ئالدىنقىسىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلانمايدۇ. پەقەت باشلىنىش نۇقتىسىلا ئاۋالقىسىدىن بىر ئاز كېيىن بولغاچقا مۇشۇ تەرتىپ بىلەن تىزىلدى. ئەمما ھەر ماۋزۇدىكى ۋاقىتنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسىمۇ بىر-بىرىگە جىپىسلانمايدۇ. بەزى ئوتتۇرىدىكى ماۋزۇلارنىڭ ئاخىرلاشقان دەۋرى ئەڭ كېيىن بولۇشى مۈمكىن. بۇنداق بىر قارىسا مۇناسىۋەتسىزدەك بىلىنىدىغان مۇستەقىل ھىكايىلارنى توپلاپ رومان قىلىش ھەرگىزمۇ يېڭىلىق ئەمەس. لېرمىنتوۋنىڭ «زامانىمىزنىڭ قەھرىمانى» ناملىق رومانىمۇ مۇشۇ تەقلىتتىكى روماندۇر. بۇندىن باشقا ھازىرقى زامان چەتئەل ئەدەبىياتىدىمۇ بۇنداق ئۆرنەكلەر بار.
تۆۋەندە كىتاپنىڭ ئېلكىتاپ نۇسقىسى ئۈچۈن ئۇلۇنۇش ئادرېسى بېرىلدى. ئوقۇغانلارنىڭ ئىنكاسلىرى بولسا مۇشۇ ماۋزۇ ئاستىدا ئېلان قىلىشى ئارزۇ قىلىنىدۇ.
Qiannao:
http://qiannao.com/file/uyghurmen/0dccdc9e/
بەت ئېچىلغاندىن كېيىن يوللىغۇچى ئىسمى، ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ئاستىدىكى
[ 查看该用户的所有共享(مەزكۈر قوللانغۇچىنىڭ بارلىق ھەمبەھرلىرى) دېگەن ئۇلانما ئارقىلىق تىزىملىككە ئۇلۇشالايسىز. |
|