مۇئەللىم بوپ قالسام مەنمۇ ناۋادا
- ئەركىم
مۇئەللىم بوپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
يارلىقلار يەلكەمدىن باسارمۇ تاغدەك.
سەبىيلەر تۇرقىغا قاراپ بىناۋا،
كۆز يېشىم توختىماي ئاقارمۇ سەلدەك.
مۇئەللىم بوپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
مۇدىرغا سۈڭگىتىپ بىرەمدىم سوۋغات.
ئۇنىۋان ئالالماي پىتنە -پاساتتا،
بارامدىم يۇقىرغا ئەرز قىلىپ ۋاي دات.
مۇئەللىم بوپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
تۈگىمەس يىغىنغا بولامدىم مەھكۇم.
تەتىلسىز ئىشلەمدىم قىشتا، باھاردا،
ۋەياكى سەھراغا كېتەمدىم سۈرگۈن.
مۇئەللىم بوپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
چېھرىمدە پارلىغان قۇياش ئۆچەرمۇ.
بېسىمنىڭ دەردىدە ئىچىپ قاۋاقتا،
كۆكىمدە چاقنىغان يۇلتۇز كۆچەرمۇ.
مۇئەللىم بوپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
نەتىجە قوغلۇشۇپ بەرسەم تاپشۇرۇق.
گېپىمنى چۈشەنمەي ئولتۇرسا بالا،
دەيمەنمۇ دۆتلەرگە شۇنچە كاپشىدۇق.
مۇئەللىم بوپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
مەيلىمنى تارتامدۇ ئالىي دەرىجە.
ھىجىيىپ باشلىققا ھەربىر دوقمۇشتا،
كۆرەمدىم ئەجرىمگە ئۇندىن زەرىچە.
مۇئەللىم بوپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
قەلبىمنى بىر ئۆتمەس پىچاق تىلغارمۇ.
ھېچكىمدىن بىر خۇۋلۇق كۆرمەي دۇنيادا،
شۇم ئەجەل بۇ توپتىن مېنى ئىلغارمۇ،
مۇئەللىم بوپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
يۈرەكتە تاش بولۇپ ياتارمۇ سۈكۈت.
نە ئامال بىزگىمۇ دەمدىم دائىما،
داتلاشسا ئىچىمدە قۇترىغان ئۈگۈت.
مۇئەللىم بوپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
تاڭلارغا ئۇلامدىم ئاتماس تاڭلارنى.
دەيمەنمۇ بالامغا مۇئەللىم بولما،
ئويلىساڭ بىچارە ئاتا-ئاناڭنى...
مۇئەللىم بوپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
ئەپەندىم قەۋەتتە* بولارمۇ ئۆيۈم.
پىخسىق، ھېساپچى ئاتىلىپ توۋۋا،
غەزەپتىن يېرىلىپ كېتەرمۇ ئۆتۈم.
مۇئەللىم بوپ قالسام مەنمۇ ناۋادا،
پەرۋاسىز ئۆتكۈزەي ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن.
ئەۋلادلار ئاخىرى نە بولسا بولا،
ياشامدىم ئۆلگىچە بىر ئۆزەم ئۈچۈن...
مۇئەللىم بوپ قالسام مەنمۇ ناۋادا...
...........................................
2011-يىلى12-ئاينىڭ28-كۈنى قومۇل
مۇئەللىم چىرىقى دىلىمنىڭ نۇرلۇق،
مۇئەللىم مەشئىلى ئىلىمنىڭ يورۇق.
مۇئەللىم شەربىتى تىلىمنىڭ تۈزۈك،
مۇئەللىم شۆھرىتى ئېلىمنىڭ بۈيۈك.
مۇئەللىم ھۆرمىتى تاغلار بىلەن تەڭ،
مۇئەللىم شەرىپى تەرىپلەنگەن ئەڭ.
مۇئەللىم مېھنەتكەچ پىداكار ئىنسان،
مۇئەللىم زۇلمەتكە زۇلپىقار چاپقان.
مۇئەللىم ئۇ قۇياش پارلايدۇ مەڭگۈ،
مۇئەللىم ئالەمگە تاراتقان سۆيگۈ... |