- تىزىملاتقان
- 2011-1-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4293
- نادىر
- 0
- يازما
- 151
ئۆسۈش
  76.43%
|
ئەنگىلىيەدىكى پارچە سېتىش زەنجىرسىمان كارخانىسى << دېرىنھام >> نىڭ يېقىندا 1000 ئادەم ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسدە مۇنداق دېيىلدى : << خىزمەت ئورنى بار ئاياللار ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئەڭ گۈزەل بولىدۇ ، چۈنكى بۇ كۈنى ئۇلار ئاز بولغاندىمۇ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈشكە 76 مېنىۇت ۋاقىت سەرەپ قىلىدۇ ، مۇددىئاسىنىڭ باشىلىقى بىلەن خىزمەتداشلىرىدا ياخشى تەسىر قالدۇرۇش ئىكەنلىدە شەك يوق . بۇ ياسىنىشقا كەتكەن 76 مېنۇتنىڭ 3/1 ى ( تەخمىنەن 25 مېنۇت ) چېچىنى ئوڭشاشقا ، 18 مېنۇتى گىرىم قىلىشقا ، 16 مېنۇتى كىيىملەرنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىشنى سىناق قىلىشقا ، قالغان ۋاقتى يۇيۇنۇش ۋە باشقا جابدۇقلىرىنى پۈتتۈرۈشكە سەرىپ بولىدۇ . سەيشەنبە كۈنى بۇ ۋاقىت 40 مېنۇتقا تۆۋەنلەيدۇ ، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر بىر كۈندە داۋاملىق تۆۋەنلەپ ، جۈمە كۈنىگە بارغاندا بىراقلا 19 مېنۇتقا چۈشۈپ قالىدۇ >> .
بۇ تەتقىقات دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى : << بۇ خىل ئەھۋال ئاياللار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ ، دائىم كاستۇم - بۇرۇلكىسىنى قاتۇرۇپ كىيىپ ، سالاپەتلىك يۈرۈشكە ئامراق ئەرلەرمۇ نۇرغۇن ۋاقتىنى ياسىنىشقا ئاتايدۇ . ئەرلەر ئادەتتە دۈشەنبە كۈنى 28 مېنۇت چىقىرىپ ئۆزىنى ياسايدۇ ، بىراق سەيشەنبە كۈنىگە كەلگەندە بۇ ۋاقىت بىراقلا تۆۋەنلەپ 14 مېنۇتقا چۈشۈپ قالىدۇ ، جۈمە كۈنىگە بارغاندا ياسىنىشنى ئۇنتۇپ قالدىغانلىقى ئېنىق >> .
|
|