- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4873
- نادىر
- 0
- يازما
- 213
ئۆسۈش
  96.37%
|
ھەر ئاينىڭ 10،20،30 _كۈنلىرى راھەتباغ يېزىسىدا( قومۇلدىكى بىر يېزىنىڭ نامى) يەرمەنكە بولىدۇ .ئاۋۇ كۈنى بېرىپ بانان ،ئاپلىسىن ئالدىم .ئازراق بىر نەرسە ئالسام بىر مۇنچە پۇل بوپتۇ .ھېي تۈزەك جىڭدا گۇي دېسەم ھە نېمە دەپ مەندىن ئۆكتەم . توختا گۇينىڭ دەپ تېلفۇنۇمنى تارازىسىنىڭ ئۇستىگە قويسام 190 گىرام چىقىپ قالدى. ھېي مېنىڭ تېلفۇنۇم 140 گىرام چىقاتتى ئوڭشا ما نېمەڭنى بولمىسا چېقىۋېتىمەن دېسەم. بىر ئۆچۈرۈپ ياندۇرغانىدى شۇ 140 گىرام چىقتى . ھە بۇنىڭغا نېمە دەيسەن ئەمدى دېسەم . خاپا بولما گاڭسەي مېييوو چۈ پى دەپ تۇرىۋالدى . سەن گۇي بىر كىلونىڭ بېشىغا بىر كويدىن يېگەن بولساڭ بۈگۈن 700كىلو بانان ساتقان بولساڭ 700 كوينى ھارام يېدىڭمۇ ؟دېسەم جىم .توختا گۇي دەپ 12315 غا تېلغۇن قىلسام ئۇلار ماڭا -سەن بۇ ئىشنى 计量局گە بېرىپ ئەرز قىلساڭ شۇلار ساڭا ھەل قىپ بەرسۇن دەيدۇ .
118114 غا تېلفۇن قىپ مەزكۇر ئىدارىنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى سورىدىم .دەپ بەردى 2237250 دەپ . ئۇردۇم ئالىدىغان ئادەم يوق . بۈگۈن ئۇراي دېسەم مەندە ئىسپات يوق . خۇدا خالىسا مۇشۇ ئاينىڭ 30_كۈنى چۈشىمەن يەنە ئاشتا قىلىپ يېزىدىكى دېھقان تاغا ھەدىلەرنى ئالداپ سودا قىلىدىغان گۇيلا بولسا تېلفۇن قىلىپ ئەچۈشۈپ شۇلارغا ياسىتىمەن .قانۇن ئارقىلىق ھەل بولمىسا بۇ ئىش . مانا مۇش .
باققاللاردىن نەرسە كېرەك سېتىۋالغاندا ئامال بار تارازىسىغا ياخشى قاراڭ . بىر كىلو ئىككى كىلو دېگەننى كۆز مۆلچەرىدە بىلگىلى بولىدۇ . يا بولمىسا ماڭا ئوخشاش تېلفۇنىڭىزنىڭ ئېغىرلىغىنى بىلىۋېلىڭ . ئالىدىغاننى ئېلىپ بولۇپ تېلفۇنىڭىزنى تارازىنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويۇڭ . شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ موللام مۈشۈك بولمىغىنىنى مەن بىر كۆرەي ... بولۇپتۇ يېزىلاردىكى ئاتالمىش يەرمەنكىلەردە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ ..
مەنبە مەن .راھەتباغ يەرمەنكىسىدىكى چوشقىلار
مانىىڭغا ئوخشاش تارازىدا بەك ئاسان قويۇلۇپ كېتىمىز بىز
 |
|