- تىزىملاتقان
- 2012-3-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3396
- نادىر
- 0
- يازما
- 103
ئۆسۈش
  46.53%
|
ئەينى يىللاردا ھۆكىمەت ئۆينى تاۋارلاشتۇرۇپ،پۇخرالارنىڭ خەجلىمەي بانكىغا قويىۋالغان ،ئۆيىگە تىقىۋالغان پۇللىرىنى خەجلىگىلى سېلىپ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا تۈرۈتكە بولغان،ئەمدى دۆلەت باي بولدى ،تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيلەرنى سېلىپ «كەمبەغەللەرنى» ئولتۇرغۇزىۋاتىدۇ،پۇخرالارنىڭ ئېڭىدا ئۆي ئۆيدەك تۇيۇلغان بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆي پۈتۈنلەي تاۋار خاراكتىرىنى ئېلىپ بولدى.پۇلى يوقلار ئۆينى ئۆي دەپ قەرز ئېلىپ سېتىۋىلىۋاتىدۇ(سېتىۋالمىسا تالادا قالىدىغاندەك)،پۇلى جىقلار تاۋار ئورنىدا كۆرۈپ پۇل تاپىمەن دەپ سېتىۋىلىۋاتىدۇ.يىل بېشىدىكى دۆلەتنىڭ سېتاتىستىكىسىدا جوڭگودا 34مىليون يۈرۈش قۇرۇق ئۆي باركەن، بارلىق نوپوس ئۆي نىسپىت 1:1.01 بوپتۇ،يەنى1 نوپۇسقا 1.01يۈرۈش ئۆي بولىدىكەن.ئۆي كام ئەمەس ، كام نەرسە ئۆيگە بولغان توغرا كۆز قاراش،بىر قولدىن چاۋاك چىقمايدۇ،پۇخرالار ئۆي ئالمىسا ئۆي باھاسى چۈشىدۇ، ئالىدىغان ئادەم كۆپ بولغاچقا باھا ئۆسىدۇ،مەسىلە پۇخرالاردا بىردەك پىكىر تۇرغۇزماق تەس.ئۆسۈپ كىتىدۇ دەپ ئالغانسىرى ئۆسىدۇ.
ياۋرۇپا ئەللىرىدە دۆلەت پۇخرالارنىڭ ئۆي ئالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىدۇ،ئەرزان باھالىق ئىجارە ئۆيلەرنى سېلىپ بېرىدۇ.گىرمانىيەدە 30يىلدىن بېرى ئۆي باھاسى ئاران 60% ئۆستى. بىلىشىمچە ئىدارىمىزدىكى 6000دىن بەرگەن ئۆيلەر 240000گە چىقتى.
20-30يىللىق قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋىلىش مىنىڭ ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدۇ.ئۆمۈرلۈك ياتار يېرىمىز ئۆي ئەمەس.
داۋامى بار ..... |
|