- تىزىملاتقان
- 2011-3-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-7
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 735
- نادىر
- 2
- يازما
- 21
ئۆسۈش
47%
|
ئوماق مەلىكەم، قانداق ئەھۋالىڭ؟ بىلەمسەن،مەن كۈندىن-كۈنگە تۈگۈشۈپ كېتىۋاتىمەن.نىمىشقا دىسەڭ سېغىندۇرشىڭ كاتالىزاتۇر بولۇپ مېنىڭ يېرىم يىمىرلىش دەۋرىمنى بەكلا قىسقارتىۋەتتى.مۇشۇنداقلا كېتىۋەرسەم يەنە قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيمەن بۇنىسى ماڭا نامەلۇم!
ئېسىمدە قېلىشچە سېنى قوغلاشقان چاغلىرىمدا مەنمۇ ساڭا كاتالىزاتۇر ئىشلەتكەن ئىدىم.ئەلۋەتتە،ئككىمىزنىڭ بىركىش رىئەكسىيسىگە تەرەددۇت قىلۋاتقىنىمىز ساڭىمۇ سۈزۇك ئىدى.ئەمما سەن ئىنرىت گازى تۈرىگە تەۋەمىدىڭمىكىنتاڭ،مەن بىلەن رىئەكسىيەگە كىرشىشكە شۇنچىلىك پاسىپ ئىدىڭ.شۇ چاغ تۇرۇپ ئەنسىرەپ قالدىم.ئۇ راستىنلا ئىنرىت گازى بولۇپ قالسا...ئاخىرنى ئويلاشقا پېتنالمىدىم. ھەم ئويلاپ ئولتۇرمايلا<ئۆلمىگەن جاندا ئۈمۈد بار>دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىپ باشقا ئامال-چارە ئىزدىدىم. ساڭا ئىشلەتكەن مۇھەببەت كاتالىزاتۇرىمنىڭ مېھرىم ھارارىتى ۋە ساداقەت بېسىمىم ئارقىلىقلا ساڭا تەسىر كۆرىستەليدىغانلىقىنى بەزى ھەركەتلىرىڭدىن سېزىپ قالدىم. دىگەندەك رىئەكسىيەگە كىرىشتۇق. نەدىن بىلەي ئۆزۈمنىڭ قايتىلما رىئەكسىيە دوقمۇشىدا سەن بىلەن مۇۋازىنەت چىگرىسى ھاسىل قىلشىمنى!؟
ئككىمىز تونۇشقاندىن بېرى دۇنيادىكى ئككى نوقتىۋى زەرەت بولۇپ شەكىللەندۇق. ئككىمىزنى قارمۇ-قارشى زەرەتلەر دەپ قارايتىم،ئەمما ھازىر گۇمان قىلىپ قالدىم. قارمۇ-قارشى زەرەتلەر ئۆز-ئارا تارتىشىشى كېرەكىدى،ئەمما ھازىر ئوتتۇرمىزدىكى تارتىشىش كۈچى پەقەت سېنىڭ سېغىندۇرۇش كۈچۈڭلا بولۇپ ئىپادىلنىۋاتىدۇ. ئۆزۈڭ تارتىسەنۇ يەنە قانداقكىن بىر كۈچ ئارقىلىق تېپىسەن. پەقەت يېقىن يولاتمايسەن. ئامالسىز ئەتراپىڭدا چەمبەر بويلىما تەكشى ھەركەت قىلمەن. سېنىڭ مەركەزگە ئىنتىلمە مەپتۇن كۈچۈڭ مېنىڭ مەركەزگە ئىنتىللمە سەۋدا تىزلىنىشىمنى تەمىللەپ بەردى. چەمبەر بويلىما ھەركەت قىلىپ بېشىم بەكلا قېيىپ كەتتىمىكىن،مەقسەتسىزلا مەركەزدىن قاچما ھەركەت قىلدىم.مەركەزگە ئىنتىلمە سېغىندۇرۇش كۈچۈڭدىن قۇتلۇپ،دەسلەپكى تاقەت تىزلىك بىلەن مۇھەببەت ماگىنىت مەيدانىڭغا كىرىپ قالدىم. مۇھەببەتلىك ماگىنىت مەيدانىڭدا لورىنتىسلىق سېغىنىش كۈچۈم،سېنىڭ مەركەزگە ئىنتىلمە سېغىندۇرۇش كۈچۈڭنى تەمىللەپ پۇشايمان تىزلىنىشى بىلەن ئەتىراپىڭدا يەنە چەمبەر بويلىما ھەركەت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.
مېنىڭ سېغىنىشىم كۈندىن-كۈنگە كۈچۈيىۋاتىدۇ. بۇ كۈچەيگەن سېغىنىش ئېقىمىنىڭ تەسىردە،دوس-دۈشمەن گىرەلەشكەن ئادىميلىك كاتۇشكاڭدا ئىندوكسىيلىك ئەخلاقى توك ھاسىل بولۇپ،ھاسىل بولغان بۇ ئىندوكسىيلىك توكۇڭنىڭ ماگىنىت مەيدانى ھەرۋاقىت كۈچۈيۋاتقان سېغىنىش ئېقىمىنىڭ كۈچۈيشىگە توسقۇنلۇق قىلۋاتىدۇ.
ئوماق مەلىكەم،نىمىشقا ماڭا ئىچىڭدىكىنى بىلدۈرمەيسەن؟ ئەمىليەتتە،ئىچكى ئالىمىڭنىڭ مەيدان كۈچۈنىشنىڭ نۆل ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن. بەلكىم ئالدىمىزدىكى ئالى مەكتەپ ئىنتاھانى سېنى ئېلىكتىرسىتاتىك دالدىلاپ قويغاچقا، سۆيگۈ مەيدان كۈچنىشىڭ نۆلدۇ. خاتىرجەم بول،بۈگۈندىن باشلاپ سۆيگۈ كۈچى غايە ئىنتىلشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلدىغان سۈركۈلىش كۈچى بولمايدۇ.
سەن ھېس قىلدىڭمىكىن،بىزنىڭ مۇھەببەت لەززىتىمىز دولقۇنسىمان كېتىۋاتىدۇ. بۇ دولقۇنلۇق مۇھەببىتىمىزنىڭ چاستوتىسى سېغىنىش،دەۋرى كۆرشۈش ،ئامپولتوتىسى خۇشال قايتىش ياكى بڭر دۆۋە رەنجىش بىلەن قايتىش. دولقۇن تىزلىكى كۈتۈش، دولقۇنلۇق خۇسۇسىيتى ئارلىق ساقلاش، تارقىلىش مەنبەسى ئىشەنچ. تارقىلىش موھىتى قۇرۇق پاراڭ ،تارقىلىش يۆلنىشى ئۆز-ئارا چۈشۈنۈش. بۇ دولقۇننىڭ ئىنتىرفىرىنسىيە ھادىسسىنى مەن تېخى كۆرمىدىم،بلكىم ئككىمىزدىكى سۆيگۈلەززەت دولقۇنىنىڭ چاستوتىسى تەڭ ئەمەستۇ.ئەمما دىفراكسىيە ھادىسسى ناھايىتى رۇشەن. چۈنكى ئككىمىز كىشى نەزىردىن قېچىپ تاغ ئارىسىغا كىرىپ كەتسەكمۇ باشقىلار بىلىپ قالدۇ.
مەن سېنىڭ ئەتىراپىڭدائاددى گارمونىك ھەركەت قىلغىلى توققۇز ئاي بولدى.تەڭپۇڭلۇق ئورنۇم پەقەت سەن! ئوڭ-سول قاتىراپ ۋىسال تاپالماي تولىمۇ زېرىكتىم. سەن تۇرغان تەڭپۇڭلۇق ئورنىغا كەلگەندە،سەن خەختىن بەك قورقىغاچقا ئەڭ چوڭ تىزلىك بىلەن ئۆتۈپ كېتىمەن.كۆڭلۈم گاھى قىيماسلىق كۈچىدە تىزلىنىش ئېلىپ ساڭا يۈزلەنسە، گاھى سېنى بىركۆرۋىلىشقا تاقەتسىز ئىنتىلدۈرگەن ۋىسال كۈچىدە تىزلىنىش ئېلىپ ساڭا يۈزلىنىدۇ. مېغىزىنى ئېيتقاندا كۆڭۈل تىزلىنىشىمنىڭ يۆلنىشى ھەرۋاقىت سەن!
سەن كۆڭلۈمدىكى ئانتىگىن سەن. مېنى<ئۆزۈڭىزنى تۇتالمىدىڭىز،ياخشى ئۈگۈنۈش قىلمىدىڭىز>دەپ دائىم قاقشايسىز.سىزگە نىسبىتەن مېنىڭ كۆڭلۈمدە ھېچقانداق ئانتىتىنلار ھاسىل بولمىدى. شۇڭا سىز قەلبىمدە يىلتىزلاپ،يامراپ پۈتكۈل ۋۇجۇ ئالىمىمنى چىرماپ بولدىڭىز.خىيالىمنى ئېغىر يۇقۇملاندۇرۇپ مېنى مەجروھ قىلدىڭىز. خۇددى سىز ماڭىلا يارالغان خاس ئېنىزىمدەك مېنى ئېرىتىپ سىماپ قىلدىڭىز. مەندە ھېچقانداق ئانتىتىنلار بولمىسا ،قانداقمۇ سىزنى قوغلاپ چىقىرالاي؟!
مىكروئورگانىزىملاردەك ئالەمگە تۈۋرۇك غايىللىرىمنى پارچىلاپ كاربۇن تۆت ئوكسىد قىلىپ تۇزتىۋەتتىڭىز،ئىكولوگىيلىك تەڭپۇڭلۇق ئۈچۈن قوشقان تۆھپىڭىزمۇ ئۇ؟! ئىتىراپ قىلىڭ ،بەزى چاغدا ئچىتقۇ زەمبۇرغى بولۇپ،ئوكسىگىنسىز نەپەسلىنىش ئېلىپ بېرىپ،ئىسپىرىت ھاسىل قىلىپ ئىچىمنى پىجو قىلىپ قويدىغان ۋاقتىڭىزمۇ بار. خەيىر،شۇندىمۇ ساڭا بىلدۇر مەكچى بولغۇنۇم شۇكى،ئىشقار رادىكاللىرنىڭ جۈپ تۈزۈش پىرىنسىپى بويۇنچە ئككىمىز تېپىشتۇق.مۇھەببت مۇساپىمىزدە، ھۆجەيرە بولنىشنىڭ ئارلىق دەۋرىدە خىرومۇسۇملارنىڭ نۇسخىلنىشىغا ئەگىشىپ تالاي نۇسخىلانساقمۇ، گىنلار تاسادىبى ئۆزگەرسىمۇ، قايتا گۇرۇپلىنىپ جۈپ تۇزسىمۇ ئككىمىز ئايرىلمايمىز...
مەنبە:ماكانىم مۇنبىردىن ئېلىندى |
|