- تىزىملاتقان
- 2010-12-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 12604
- نادىر
- 28
- يازما
- 230
  
ئۆسۈش
  100%
|
قومۇل تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەر ناملىق كىتاپنىڭ 17-بېتىدە مەرھۇم ئۇلۇغ بوۋام توغۇرلۇق مەلۇمات باركەن .
مانجۇ يۈسۈپ
مانجۇ يۈسۈپ 1867-يىلى قومۇلنىڭ شەھەرئىچى يېزىسىدا تۇغۇلغان ، 1900-يىللاردا قومۇل ۋاڭ ئوردىسى تەرىپىدىن شەھەر ئىچىدىكى كۆسۆ خەلىپە دىگەن كىشىنىڭ ھويلىسىدا ئېچىلغان مانجۇچە تەرجىمانلار مەكتىپىدە ئوقوتقۇچى بولغان ، شاھ مەخسوت بىلەن ئىككى قېتىم بېيجىڭغا بىللە بارغان ۋە بېيجىڭدا تۆت يىل مانجۇ تىلى ئۆگەنگەن . 1915-يىللاردىن ئىلگىرى ئوردىنىڭ مانجۇ تىلى تەرجىمانلىقىنى قىلغان ، 1930-يىلى 63 يېشىدا قومۇلدا ۋاپات بولغان .
كىچىك چېغىمدا بوۋامنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە دادىسى (مېنىڭ ئۇلۇغ بوۋام ) شاھ مەخسوت ۋاڭغا ھەمرا بولۇپ بېيجڭغا ئۈچ قېتىم بارغان ئىكەن.
يەنە بىر مەسىلە <شاھ مەخسوت> نىڭ ئالدىغا قومۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇت دەپ ئېلىنسا ياخشى ھەم چۈشىنىشلىك بولار ئىكەن ، چۈنكى بىزدىن كېيىنكىلەرنىڭ شاھ مەخسوتنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ كېتىشى ناتايىن .
ئۇلۇغ بوۋامنىڭ ئوردىدا مانجۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولىشى ۋە قومۇل ۋاڭىغا تەرجىمانلىق قىلىپ نەچچە قېتىم بېيجىڭغا بىللە بېرىشىلىرىدىن كېيىن بىزنىڭ جەمەت لەقىمىمىز مانجۇ بولۇپ قالغان ئىكەن .
ئاخىرىدا بۇ كىتاپ ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلغان ئەخمەت ھەمدۇل ئاكىغا كۆپ تەشەككۈر ، جاپا چەكلە ، سالامەت بولسىلا ! |
|