ئىككىگە ئىككىنى قوشسا بەش بولىدۇ
دەرسكە كىرىش قوڭغىرىقى چېلىندى. 1-يىللىق 1-سىنىپتىكى رەتلىك كىيىنگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلاپ ھۆرمەتكە تۇردى. دەرستىن بۇرۇن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ياڭراتقۇدىن چىققان ئاۋازى ئاڭلاندى:
-بۈگۈندىن باشلاپ مەكتەپ ئوقۇتۇش تۈزۈلمىسىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. ھەرقايسى ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىڭلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلىڭلار، كىمكى ئوقۇتقۇچىسىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىدىكەن، ئېغىر جازا قوللىنىدۇ...
قاپاقلىرى تۈرۈلگەن ۋە چىرايىدىن قانداقتۇر بىر شۇملۇق يېغىپ تۇرىدىغان يېڭى ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئولتۇرۇڭلار دېگەندەك بىر ئىشارە قىلىپ قويدى دە، كىتابلىرىنى ئۈستەل يۈزىگە قويۇپ دوسكىغا بۇرۇلدى. سىنىپ تىپتېنچ، ئوقۇتقۇچىنىڭ دوسكىغا يېزىۋاتقاندىكى بور ئاۋازىدىن باشقا ھېچ تىۋىش يوق ئىدى. ئۇ دوسكىغا بىرىنچى دەرس: ئىككى قوشۇلغان ئىككى بەش بولىدۇ دەپ يازدى. شۇنداق، بەش دەپ يازدى. ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا بۇرۇلۇپ ئۇنى قايتا قايتا ئوقۇدى ۋە ئەگىشىشكە بۇيرىدى. سىنىپ ئىچىدە بىر پەس ئەۋج ئالغان پىچىرلىشىش ئوقۇتقۇچىنىڭ:
-ماڭا ئەگىشىپ ئوقۇڭلار! ئىككىگە ئىككىنى قوشسا بەش بولىدۇ! دېگەن ئاۋازىدىن كېيىن جىمىدى. دەسلەپ ئوقۇغۇچىلاردىن تىۋىش چىقمىدى، قايتا قايتا تەكرارلانغاندىن كېيىن پەس ئاۋازدا ئەگەشكەنلەر بولدى. ھەممىنىڭ چىرايىدىن بىر خىل ئەجەبلىشىش چىقىپ تۇراتتى. ئۈچىنچى گۇرۇپپىنىڭ ئىككىنچى پارتىسىدا ئولتۇرغان مۇرات قولىنى كۆتۈردى. ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭغا ئىجازەت بەردى.
-مۇئەللىم، ئىككىگە ئىككىنى قوشسا تۆت بولىدىغان تۇرسا، نېمە ئۈچۈن بەش دەپ يازىسىز؟
- مەن بەش بولىدۇ دېدىم بەش بولىدۇ. بۇرۇن تۆت بولغان بولسا ئەمدى بەش بولىدۇ.
- لېكىن مۇئەللىم، مەن ئويلايمەن...
- سوئالىڭ تۈگىگەن بولسا ئولتۇر، ئىككىگە ئىككىنى قوشسا بەش بولىدۇ، ماڭا ئەگىشىپ ئوقۇڭلار. خاتىرەڭلەرگە كۆچۈرۈپ يېزىشنى مەشىق قىلىڭلار.
مۇراتنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل نارازىلىق تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ لېكىن ئوقۇتقۇچىنىڭ سۈر بېسىپ تۇرغان چىرايىدىن ئەيمىنىپ يەنىلا پەس ئاۋازدا ئوقۇشقا باشلىدى. ئەگىشىپ ئوقۇش يەنە بىر ئاز داۋاملاشتى، كەينىدىرەك ئولتۇرغان ئۆتكۈر ئورنىدىن تۇردى دە
-مۇئەللىم، ئىككىگە ئىككىنى قوشسا تۆت بولىدۇ، بەش ئەمەس. سىز زادى نېمە دەۋاتىسىز؟
- مەن ساڭا سوئال سوراشقا ئىجازەت بەردىممۇ؟ كىم ساڭا ئىجازەت بەردى؟ ئىككىگە ئىككىنى قوشسا بەش بولىدۇ!
-ياق مۇئەللىم، نېمە ئۈچۈن بەش بولىدۇ؟ نەتىجىسى تۆت بولىدىغان تۇرسا! – ئاندىن ئۆتكۈر بالىلارغا قاراپ سۆزلەشكە باشلىدى- دوستلار، ئىككىگە ئىككىنى قوشسا بەش ئەمەس تۆت بولىدىغان تۇرسا، سىلەر نېمە ئۈچۈن ئەگىشىپ ئوقۇۋېرىسىلەر؟ بەش ئەمەس تۆت بولىدىغۇ؟
- ئاغزىڭنى يۇم! ئىككىگە ئىككىنى قوشسا بەش بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن تۆت بولغۇدەك! – ئوقۇتقۇچى شۇنداق دېدى دە ئۆتكۈرنىڭ يۇمران يۈزىگە بىرنى ئۇردى –ئەمدى ئېيتە؟ ئەمدى ئۇششۇقلۇق قىلامسەن؟ ئىككىگە ئىككىنى قوشسا زادى قانچە بولىدۇ؟ مەن بىلەن تاكالاشقۇدەك بولدۇڭما تېخى؟
قاتتىق تەگكەن كاچاتتىن ئۆتكۈرنىڭ يۈزىدىن ئوت چىقىپ كەتتى، ۋىلىلداپ ئاغرىۋاتقان يۈزىنى سىلاپمۇ قويمىدى، كۆزلىرىدىن ياشمۇ چىقمىدى. ئەگەر ئۇنىڭ دادىسى ئۇنى ئۇرغان بولسا ئاللىقاچان يىغلاپ ئالەمنى مالەم قىلغان بولاتتى. لېكىن ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش چىقمىدى، بېشىنى ساڭگىلىتىپمۇ تۇرمىدى. مۇئەللىمىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ يەنە تەكرارلىدى:
-تۆت بولىدۇ مۇئەللىم. ئىككىگە ئىككىنى قوشسا تۆت بولىدۇ.
ئوقۇتقۇچى ئاچچىقلانغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئۆتكۈرنى سەن توختاپ تۇر ھە دېگەندەك قىلىپ دۈشكەللەپ قويۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. سىنىپ ئىچىدە يەنە غۇلغۇلا كۆتۈرۈلدى.
-ئۆتكۈر، نېمە ئۈچۈن ئەپەندىم بىلەن قارشىلىشىسەن؟ بەش بولىدۇ دېسەڭلا بولمىدىمۇ- دېدى ئالدىدىراق ئولتۇرغان ئەلى.
-تۆت بولىدىغان تۇرسا ئەلى، نېمە ئۈچۈن بەش دېگۈدەكمەن؟! مېنىڭ توغرا تۇرسا!
- ئەپەندىم ئاچچىقلاپ قالدى، ئۇ قايتىپ كىرسە كۆرگىلىكىڭنى كۆرسىتىدۇ!-دېدى ئەلى ئۆتكۈرگە.
ئۆتكۈر ئويلايتتى، ئەسلىدىنلا تۆت بولىدىغان تۇرسا، ئۇ نېمە ئۈچۈن بەش دېگۈدەك؟ نېمە ئۈچۈن بالىلار ئەپەندىمگە قوشۇلۇپ بەش دەيدۇ؟ ئۆتكۈرنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل نارازىلىق، تېڭىرقاش تۆكۈلۈپ تۇراتتى. شۇ ئارىدا ئوقۇتقۇچى يېتىپ كىردى، ئۇ يوقۇرى يىللىقتىكى ئۈچ ئوقۇغۇچىنى ھەمراھ قىلىۋالغانىدى، قوللىرىغا توقماق كۆتۈرىۋالغان بۇ ئۈچەيلەن قاتۇرۇپ قويغاندەك ئىشىك تۈۋىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇيرىقىنى كۈتۈپ تۇراتتى.
-بۇ شۇمتەك ماڭا ئەقىل ئۆگەتكىدەك بولىۋاتىدۇ. ئۆزىچە مەندىن كۆپرەك بىر نەرسە بىلىمەن دەۋاتقان ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا دەپ بېرىڭلار، ئىككىگە ئىككىنى قوشسا قانچە بولىدۇ؟
-بەش، ئەپەندىم! ئۈچەيلەن ياڭراق ئاۋازدا جاۋاپ بەردى.
ئاندىن ئوقۇتقۇچى سىنىپتىكى باشقا ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ ئۈنلۈك سورىدى ۋە :
-بەش بولىدۇ ئەپەندىم -دېگەن ياڭراق جاۋابتىن رازى بولۇپ كۈلۈمسىرىدى. ئاندىن ئۆتكۈرگە بۇرۇلۇپ قايتا سورىدى:
-ئۆتكۈر ، ئېيتقىنە، ئىككىگە ئىككىنى قوشسا قانچە بولىدۇ؟
ئۆتكۈر بىر ئوقۇتقۇچىسىغا ،بىر ساۋاقداشلىرىغا قاراپ قوياتتى. لېۋىنى قاتتىق بىر چىشلىدى، ئەگەر يەنە ئازراقلا قاتتىق چىشلىگەن بولسا قان چىققان بولاتتى. ئۇ قەتئى قارارغا كەلگەندەك قىلاتتى، دېدى:
-تۆت بولىدۇ ئەپەندىم!
ئۇنىڭ ئاۋازى سىنىپنى تىترىتىۋەتتى. ئوقۇتقۇچى قاتتىق ئاچچىقلاندى. ئۇنى مۇنبەرگە چىقىشقا بۇرۇلدى ۋە يېزىلغان ئىپادىنىڭ نەتىجىسىنى ئۆچۈرۈپ بولۇپ، قولىدىكى بورىنى ئۆتكۈرگە تەڭلىدى.
-بۇ سېنىڭ ئاخىرقى پۇرسىتىڭ، قېنى يازە، ئىككىگە ئىككىنى قوشسا قانچە بولىدۇ؟
ئۈچ ئوقۇغۇچى تاياق توقماڭلىرىنى ئۆتكۈرگە تەڭلەپ تۇراتتى، خۇددى ھازىرلا ئېتىلىپ ئۇنى يەيدىغاندەك پەيلى يامان ئىدى. ئۆتكۈر بورنى قولىغا ئالدى. سىنىپ ئىچىدە ئۆتكۈرنىڭ ئېغىر ئېغىر ئالغان نەپىسىدىن باشقا ھېس شەپىنى ئاڭلىغىلى بولمايتتى. ساۋاقداشلىرىنىڭ كۆزى ئۇنىڭدا ئىدى. ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كۆزى ئۇنىڭدا ئىدى. ئۆتكۈر لېۋىنى يەنە بىر چىشلىدى-دە ئوقۇتقۇچىسىغا غەزەپ بىلەن تىكىلدى. دوسكىغا بۇرۇلۇپ ئىپادىنىڭ تەڭلىكى ئارقىسىغا كىچىككىنە تۆتنى يازدى. ئەسلى يوغانراق يېزىش ئويى بار ئىدى، لېكىن بويى يەتمەي قالدى. ئۇ يەنە تەكرارلىدى،
- ئىككىگە ئىككىنى قوشسا تۆت بولىدۇ مۇئەللىم.
ئۇنىڭ گېپى ئاخىرلاشمايلا ئۈچ گەۋدىلىك ئوقۇغۇچى ئۇنى ئۇرۇشقا باشلىدى. قاتتىق تەگكەن مۇشتتىن بۇرنىدىن ئېتىلىپ چىققان قان ئۆتكۈرنىڭ يۈز كۆزىنى بويىدى. ئۇ ئىككىگە ئىككىنى قوشسا تۆت بولىدۇ دېگەننى تەكرارلايتتى. ئۇلار ئۇنى تاكى ھوشىدىن كەتكۈچى ئۇردى. ئاندىن مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ سورىدى:
-ئىككىگە ئىككىنى قوشسا قانچە بولىدۇ؟
-بەش!
-قانچە ؟!
-بەش ، ئەپەندىم!
سوئال جاۋاب بىر قانچە قېتىم داۋاملاشتى، بالىلارنىڭ ئاۋازى سىنىپنى كۆتۈرىۋېتەيلا دېگەنىدى، ئاندىن ئۇ دوسكىدىكى ئۆتكۈرنىڭ جاۋابىنى ئۆچۈرىۋېتىپ ناھايىتى چىرايلىق بەشتىن بىرنى يازدى دە، ھېلىقى ئۈچەيلەنگە ئۆتكۈرنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە ئىشارە قىلدى. ئۇنىڭ يۈز كۆزلىرى ئىششىگە، قان بىلەن بويالغان ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ كۆزلىدىن ياش چىقمىغاندەك قىلاتتى، لەۋلىرىنى مەھكەم چىشلىۋالغانىدى.
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى بۇ ئىپادىنى ئون قېتىم كۆچۈرۈش بۇيرىدى. ھەممەيلەن يېزىشقا باشلىدى. پۇتلىرى تىترەيتتى، بىر نەچچەيلەن ئىشتىنىغا ئازراق چىقىرىۋەتكەن بولسا كېرەك، پۇچقاقلىرىدىن ئاچچىق سۈيدۈك تامچىيتتى. ئەلى دەپتىرىگە قارىدى، ئىككى قوشۇلغان ئىككى دەپ يېزىپ بولۇپ توختاپ قالدى. تۆت دەپ يازماقچى بولاتتى، لېكىن يەنە جۈرئەت قىلالمايتتى. بەش دەپ يازدى. شۇنداق، بەش دەپ يازغانىدى، ئاندىن تۇرۇپ كەتتىدە، لەۋلىرىنى چىشلىگىنىچە بەشنى بويىۋېتىپ تۆت دەپ ئۆزگەرتتى. ئۇ پارتىدىشى مۇراتنىڭمۇ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆردى... بەلكىم باشقىلارمۇ شۇنداق قىلغان بولسا كېرەك. لېكىن ئۇنىڭ كارى يوق ئىدى. دېمىسىمۇ ئىككىگە ئىككىنى قوشسا تۆت بولاتتى. شۇئان دەرستىن چۈشۈش قوڭغىرىقى چېلىندى. ئوقۇتقۇچى سىنىپتىن چىقىپ كەتتى. بىر ئازدىن كېيىن باشقا سىنىپلاردىنمۇ ئاۋازلار، ئۈنلۈك ئاۋازلار ئاڭلىنىۋاتاتتى.
- ئىككىگە ئىككىنى قوشسا بەش بولىدۇ... ئىككىگە ئىككىنى قوشسا بەش بولىدۇ.
ھەتتا مەكتەپ رادىئوسىدىمۇ شۇنداق دېيىلىۋاتاتتى. لېكىن ئەلى ئىچىدە تەكرارلايتتى، تېشىغىمۇ چىقىرىۋېتەتتى بەزىدە، ئىككىگە ئىككىنى قوشسا تۆت بولىدۇ. ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئۆتكۈرنىڭ "تۆت" دېگەن ياڭراق ئاۋازى جاراڭلىماقتا ئىدى...
ۋىدىئودىن ھېكايىلەشتۈرگۈچى مەشئەل20 |