- تىزىملاتقان
- 2013-1-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3460
- نادىر
- 1
- يازما
- 328
ئۆسۈش
  48.67%
|
بۇ ئىنتايىن ياخشى تەكلىپ بوپتۇ. بىزنىڭ ماۋۇ شاتۇتىدەك يەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزى تەييارلاپ بەرگەن تەكلىپلەرنىلا قۇرۇلتايلارغا ئېلىپ بېرىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىكارلىق تاماقنى يەپ كېلىدىغان ۋەكىللرىمىزمۇ بۇ ھەقتە دادىل پىكىر قىلسا بولاتتى. بىزنىڭ بۇياقلاردىمۇ بەك كۆپ بۇنداق رەقەمچە ئاتاش.
1. قەشقەر شەھىرىدە:
قەشقەر شەھىرى ۋە شەھەرگە قاراشلىق يېزا- بازارلاردىكى مەكتەپلەرمۇ ئۆز نامى بويىچە «ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، قوغان يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ، شامالباغ بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ...» دەپ ئاتىلىۋەرمەي، «6-ئوتتۇرا مەكتەپ، 16-ئوتتۇرا مەكتەپ، 19-ئوتتۇرا مەكتەپ...» دېگەندەك رەقەملەر بىلەن ئاتىلىپ، ئاممىغا كۆپ قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. قەشقەر شەھىرىدە ھازىر مۇشۇنداق رەقەم بىلەن ئاتالغان مەكتەپلەر 1-دىن تاكى 20 نەچچىنچىگىچە داۋام قىلىدۇ. بۇلا ئەمەس، ساقچىخانا، ئولتۇراق رايونلارمۇ شۇنداق. يەرلىك نامى بىلەن ئاتالغان بىرمۇ مەكتەپ ياكى ساقچىخانىنى تاپقىلى بولمايدۇ.
2. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە:
ناھىيە مەركىزىدىكى زور كۆپ ساندىكى مەكتەپلەر، ئولتۇراق رايونلار، مەنزىرە رايونى، سانائەت رايونى ۋە يېزىلاردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ناملىرى خەنسۇچە ئاتالغان.
3. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت، پەيزاۋات ناھىيىلىرىدە:
يېزا ناملىرى رەقەمچە ئاتالغان. ئۇلار تېخى ئۇيغۇرچە ئاتىغۇسى كەلسە، 1-يېزا، 2-يېزا... دەپ، بولمىسا. 1-گۇڭشې، 2-گۇڭشې دەپ ئاتىشىدۇ.
يەر- جاي ناملىرى ئەڭ ئالدى بىلەن شۇ جاينىڭ ئاتا- بوۋىلىرىمىز قويغان يەرلىك نامى بىلەن ئاتىلىشى كېرەك. بىلىپ قويايلى: باشقا تىل بىلەن ئاتايدىغانغا ئۇ باشقىلارنىڭ يۇرتى ياكى مەھەللىسى ئەمەس. رەقەمچە ئاتايدىغانغا ئۇ شەھەر كوچىلىرىدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان كۆچمە ئاممىۋى ئاپتوبۇس ئەمەس. ئەجىبا بىر جايىدا جىم تۇرمايدىغان كىچىككىنە شاھمات ئۇرۇقلىرىنىمۇ ئۆز نامى بىلەن ئاتايمىزيۇ، جانىجان مەنپەئەتىمىزگە تاقىلىدىغان يەر- جاي ناملىرىنى ئۆز نامى بىلەن ئاتىيالمايمىزمۇ؟ |
|