- تىزىملاتقان
- 2010-12-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 12586
- نادىر
- 28
- يازما
- 230
  
ئۆسۈش
  100%
|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم باغداش تورىنىڭ قىزغىن كۆرۈرمەنلىرى ،
باغداش تورى ۋە شىنجاڭ ئۆزتۈرۈك شىركىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان< 2012-يىللىق ئەل رايىنى سىناش > تورداشلار ئۆزى ياقتۇرغان كارخانا ۋە شەخسلەرگە بېلەت تاشلاش پائالىيتى غەلبىلىك ئاخىرلىشىپ خۇلاسە چىقىرىلدى .
بۇ خىلدىكى پائالىيەتنى تۇنجى قېتىم ئۇيۇشتۇرىشىمىز بولغاچقا نۇرغۇن كەمچىلىكلەردىن ساقلىناملىدۇق ، شۇنداقتىمۇ تورداشلارنىڭ ۋە بىر قىسىم تور بېكەت ۋە شىركەتلەرنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن غەلبىلىك ئاخىرلاشتۇردۇق ، كېيىنكى قېتىمقى ئەل رايى سىناش پائالىيەتلىرىدە بۇ قېتىمقى تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىمىز . پائالىيتىمىزنى قوللىغان ئورۇنلارغا ، تورداشلارغا كۆپ تەشەككۈر !
بۇ قېتىمقى ئەل رايى سىناش پائالىيتىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 20000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان . مەزكور پائالىيەت بېتىنىڭ كۆرۈلۈشى 50000 ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن . زىيارەتچىلەر ئىچىدە% 95 جوڭگودىكى تورداشلار بولۇپ ،ئۇنىڭ% 85 شىنجاڭ تور ئابونتلىرى ئىكەن. شىنجاڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن زىيارەت قىلغانلار ئەڭ كۆپ بولۇپ %19.12نى ئىگەللەيدىكەن. ئابونت سانى ئەڭ ئاز شەھەر بولسا بۆرتالا بولۇپ پەقەت 3 قېتىملا زىيارەت قىلغان. پائالىيەتكە 10% چەتئەلنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى تورداشلار قاتناشقان بولۇپ ياۋرۇپا، ئامرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ پائالىيەتكە قاتناشقاندىن سىرت، بېرما، سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلار باركەن. ھەيران قالدىڭىزمۇ ؟
يەنە پائالىيىتىمىزگە %17.51 كىشى يانفۇنىدا قاتناشقان، بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر تور ئابونتلىرى ئارسىدا ئەقلىي تېلفۇن خېلى ئومۇملىشىپ قاپتۇ. بۇيانفۇن ئابۇتلىرىنىڭ ئىچىدە% 9.74 iPhone ئىشلىتىپتۇ،% 7.57 ئاندىرويد سېستىمىلىق يانفۇن ئارقىلىق بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپتۇ
بىز يەنە بۇ پائالىيەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ قىزىقارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېرىشتۇق ۋە ئېلان قىلدۇق ، قېنى بۇ سانلىق مەلۇماتلار بىزگە نىمىلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ، قېنى مەرھەمەت!
ئادىرسى : http://2012.bagdax.cn
ھۆرمەت بىلەن : باغداش تور بېكىتى ،
:شىنجاڭ ئۆزتۈرۈك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى |
|