- تىزىملاتقان
- 2012-2-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2663
- نادىر
- 2
- يازما
- 102
ئۆسۈش
  33.23%
|
بۈگۈن يەنى 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8.30 دا كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى مەخپىزە ۋە ئۇنىڭ قۇرسىقىدىكى 9 ئايلىق ھامىلىنىڭ كورلا قوياش نۇرى دوختۇرخانىسى، كورلا شەھەرلىك خەلىق دوختۇرخانىسى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلىق دوختۇرخانىسىنىڭ داۋالاشتىكى سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان جىسمانى زىياننى تۆلىتىش ھەققىدىكى ئەرزىگە قارىتا سوتچى ئەھمەتجان قادىرنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەنھا سوت تەرتىپى بويىچە سوت ئاچتى، سوتتا : 1.قۇرساقتىكى ھامىلىگە قارىتا ئۆلۈم تۆلەپ پۇلى تەلەپ قىلىشنىڭ قانۇنى ئاساسىي بارمۇ؟ 2.تۆلەم جاۋاپكارلىقنىڭ نىسپەت ئايرىمىسى مەسىلىسى، 3. روھى تۆلەم مەسىلىسى، 4.قانۇننى تەدبىقلەش قاتارلىق تۆت نوقتا ھەققىدە بەس مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى، سوت جەريانىدا تەرەپلەر ئۆزلىرىنىڭ تالاش-تارتىش بولىۋاتقان مۇشۇ تۆت نوقتىدىكى قانۇن ئاساسلىرىنى ۋە مۇنازىرە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى، قوياش نۇرى دوختۇرخانىسىنىڭ ۋاكالەتچىسى سوتقا ۋاقتىدا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن سوت تەرتىپى بويىچە سوتقا كىرگۈزۈلمىدى، سوت 4 سائەت داۋاملىشىپ ئاخىرلاشتى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «قانۇن ۋە پۇقرا» پروگراممىسى مۇخبىرلىرى نەق مەيدان سوت جاريانىنى سۈرەتكە ئالدى. سوتنىڭ ھۆكۈمى پات ئارىدا چىقىرىلىدىغانغا بېكىتىلدى. بىز سوتنىڭ ھۆكۈمىنىڭ ئادىل، لىللا چىقىشىنى كۈتمەكتىمىز! |
|