- تىزىملاتقان
- 2012-11-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4406
- نادىر
- 17
- يازما
- 94
ئۆسۈش
80.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-4 19:20
يۇرتىمىزدا قالون بار قادىر روزى دولان
1992-يىلى 8-ئاي مەزگىلى ئىدى، ئەينى ۋاقىتتىكى مەملىكەتلىك خەلق قورۇلتىيىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى مەرھۇم مامۇتىپ قۇربان ئەپەندى « جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دىھقانلارنىڭ سېلىقى ئېغىر بولۇش »مەسىلىسىنى تەكشۇرگىلى كەلگەندە، مەكىت ناھىيەسىدىكى خىزمەتلارنى تەكشۇرۈپ بولۇپ كەچلىك تاماقتا مۇنداق دىگەن ئىدى ( مەن ئۇ ۋاقىتتا ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەيئىتى بۇلوپ تەكشۇرىشتە بىرگە بولغان ).
-دىھقانلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشى ھەقىقەتەن قىيىن ئەھۋالدا قاپتۇ، بونداق ھالەت ھاكىمىيەت يۇرگۇزگىچى پارتىيە ئۇچۇنمۇ خەتەرلىك، پارتىيەمىز خەلقنى ئويلايدىغان پارتىيە، ھازىرتۆۋەندىكى ھۇقۇق يۈرگۈزگىچى « لەببەيچىلەر » ئاۋامنىڭ شىللىسىگە مىنىۋېلىپ ئۆز خەلقىنى بەكلا قىيناپ كىتىپتۇ، بۇ ئىشلارنى مەركەز بىلمەيدۇ، مەن قايىتقاندىن كىيىن ئەينەن ئەھۋالنى مەركەز رەھبەرلىرىگە ئىنكاس قىلىمەن، بۇنداق ھالەت چۇقۇم ئۆزگىرىدۇ.سىلەر ئىشىنىڭلار-دىدى ۋە.
-مارالبىشدا مەلۇم يىزىنى كۆرگەندە مۇنداق ئەھۋالنى كۆردىم-دىدى ئۇ ۋەزمىن ئاھاڭدا، ھەممىمىز جىمجىت مەرھۇم رەھبەرنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالدۇق.
-يىراق باياۋاندىكى بىر مويسىپىت بۇۋاينىڭ ئۆيىگە كىردىم، ئۆينى ئۆزى سوقما تام قىلىپ سېلىۋالغان ئىكەن، ئالدىمغا بىر چىنە قىتىق بىلەن زاغرا قويدى، ئەسلى بۇ ئۆينى يەرلىك « لەببەيچىلەر » كۆرسىتىشكەتەييارلىغان ئەمەس مەن ئۆزەم بارغان ئىدىم، ئائىلە شارائىتى شۇنداق ناچار ئىدى .
مەن بۇۋايدىن.
-تاغا قانداق بولۇپ بۇ ئادەسىز جاڭگالغا كىلىپ قالدىلا؟ سىلىنىڭ تىرىلغۇ يەرلىرى يوقمۇ؟-دەپ سورىسام بوۋاي.
-ۋاي باشلىق ئەپەندى نىمىسىنى سورايلا، مەن ئەجدادىمدىن تارتىپ تۇغما دىھقان، مىنىڭ ئەسلى مارالبىشىنىڭXX يىزا XXكەنىتتە 42 مو يىرىم ۋە ئولتۇرۇشلۇق ئۆيىممۇ بار ئىدى، مىنىڭ بەش بالام بار،ھەممىسى ئۆيلىك-ئۇچاقلىق بولۇپ بولدى، مەن مەزلۇمۇم بىلەن ئىككىمىز يەرلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى بالىلارغا بىرىپ بەش مو يەر ئەپ قالغان، يەرمۇ مۇنبەت يەر ئىدى، ئىككى مويەرگە ئاشلىق تېرىپ، ئۇچ مو يەرگە كىۋەز تېرىغان، قاچان پەيدا بولدى بۇ « بەشتەبىر تۇتاش » دىگەن گەپ، بەش مو يەر ئۇچۇن ھەر يىلى 20 نەچچە خىل سېلىق تۆلەپ، ئۇچ مو يەرنىڭ كىۋىزىنىڭ پۇلى يىتىشمەي، ئۆيدىكى قوي، كالا، ئىشەكنى سېتىپ سېلىق تۆلىدۇق، ئاخىرى ناننى ئۆيدە يەپ ئىشلەپمۇ قەرىزدىن قۇتۇلالماي « ھەممەبالا قازانىڭ مەنبىيى مۇشۇ يەر ئىكەن » دەپ يەرنى تاشلاپ بىرىپ، مۇشۇ ئادەمسىزجاڭگالدا كەپە ياساپ ئىككى مو يەر ئېچىپ جان ساقلاۋاتىمىز، بۇ يەرگە « شودىيجاڭمۇ ئىزدەپ كەلمەيدىكەن » قۇلىقىمىزمۇ خەلى تىنجىپ، خاتىرجەم بولۇپ قالدۇق- دىدى، مەن
-تاغا مۇشۇنداق ناھەقچىلىققا ئۇچرىغاندا قانۇن ئارقىلىق ئۆزەڭلارنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدىمىدىڭلارمۇ؟-دەپ سورىسام بۇۋاي كۇلۈپ كىتىپ.
-ھەي باشلىق ئەپەندى،مەن بۇيىل 76 ياشقا كىردىم، بۇ ئۆمرىمدە قانۇن دىگەننى ئاڭلىدىم كۆرۈپ باقمىدىم،لىكىن بىزنىڭ يۇرىتتا قالۇن بار-دىدى.
مەن قالۇن دىگەننى ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن، شۇڭا بۇۋايدىن.
-قالۇن دىگەن نېمە ئۇ-دەپ سورىسام، بوۋاي
-باشلىق ئەپەندى بىزنىڭ بۇ دولان يۇرتىدا قالون دىگەن بىر چالغۇ ساز بار، ئۇنى كىم قولىغائالسا شۇ ئۆزى بىلگەن پەدىگە چالىدۇ، بىرسى تۇزگەن پەدىگە يەنە بىرسى چالمايدۇ،سىلى دىگەن « قانۇن » ئاشۇ « قالۇن » شۇمىكى دەيمەن-دىدى.
-مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتتىم، بىزئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسا « دىھقاننىڭ مەدىنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن » دەيمىز،قاراڭلار ئاشۇ بۇۋاي « جەنۇپتىكى ھەقىقى ئەھۋالنى ناھايىتى ئوبرازلىق سۈرەتلەپ بەردى » دىمىسىمۇ يەرلىكتىكى « لەببەيچىلەر » خۇجايىنىغا چىرايلىق كۆرىنىش ئۇچۇن خەلقنى بەك قىيناپ كىتىپتۇ ، قىنى ئۇلاردىكى ئادىمىيلىك؟، قىنى ئۇلاردىكى ئىمان-ئىتىقاد؟، ئۆز خەلقىنىڭ بىشىدا ياڭاق چاقسا، پارتىيە، ھۆكۇمەتمۇ، ئەڭ مۇھىمى ئاللا راۋا كۇرەرمۇ؟، ئۇلار ئۆلمەسمۇ؟ ئۆلسە جىنازىسىنى ئاشۇ قېرىنداشلىرى كۆتىرىدىغۇ؟-دىدى مامۇتوپ ئەپەندى رەنجىگەن ھالدا.
........
بۇ قالۇن ئۇشبۇ يۇرىتلاردا ئىزچىل تا بۇگۇنگىچە چېلىنىۋاتىدۇ.
قادىر روزى دولان
ئادرىس: مەكىت ناھىيەلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسى
ئەسكەرتىش: ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار،سىللەرنىڭ مەن يوللىغان ۋە باشقىلار يوللىغان ھەرقانداق ئەسەرگە ئالدىراپ ئىنكاس يىزىشىڭلار مۇھىم ئەمەس، مەن سىلەرنىڭ ھەرقانداق ئەسەرنى كۇرۈپ سۇغۇق قانلىق بىلەن ئەقىل كۇزىڭلاردىن ئۆتكۇزۈپ ، بىر-ئىككى قىتىم كۆرۈپ ئاندىن ئىنكاس يىزىشىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن.
|
|