يېقىندا خەنزۇچە تور بېكەتلەردە قىزىقارلىق بىر خەۋەر تارقالدى ، بۇ خەۋەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ باغداشتىكى تورداشلارغا سۇندۇم .
مەلۇم ئۆلكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقىنىڭ قىزى مەركەزدىكى داڭلىق ئۇنۋېرستىتىنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنغان بولۇپ ئۆلكە باشلىقى كاتىپى ئارقىلىق قىزىغا مەسئول ئاسپىرانت يېتەكچىسى چېڭ پىراففىسورنى تاپىدۇ ، ۋە دەرھال بېيجىڭغا كىرىپ چېڭ پىرافىسورغا تېلفۇن ئۇرۇپ : ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ، ھەمدە بۇ ئوقۇتقۇچىغا يولدىشىنىمۇ بىللە چاقىرۋېلىشىنى تاپىلايدۇ . بۇ مۇئەللىم ئۆلكە باشلىقىغا يولدىشىنىڭ بەك ئالدىراش ئىكەنلىكىنى ، چىقالمايدىغانلىقىن چۈشۈندۈرىدۇ ، بۇنى ئاڭلىغان ئۆلكە باشلىقى سەل ئاچچىقلاپ : قانچىلىك ئالدىراش بولسىمۇ مەنچىلىك ئالدىراش ئەمەس بولغىيتتتى . مەندەك بىر ئۆلكىنىڭ رەھبىرى يولدىشىڭىزنى تاماققا تەكلىپ قىلسا مېنىڭ ئىناۋىتىمنى قىلمامدا دەيدۇ .
پەقەت باشقا ئامال يوقلىنى ھېس قىلغان چېڭ پىرافىسور ئۆلكە باشلىقىغا :
- مېنىڭ يولدىشىمنىڭ راستىنلا ۋاقتى يوق ، ئۇنىڭ ئىسمى لې كېچىياڭ !
************************************************************************************************
چېڭ خوڭ ، مەركىزى ئىقتىساد -سودا ئۇنۋېرسىتىتى چەتئەل تىلى فاكالتىتىنىڭ ئىنگىلىزتىلى پىراففىسورى ، جۇڭگو ئىجدىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى ئىجدىمائىي پەن دوكتۇرى ، بۇرۇن چىڭخۇا ئۇنۋېرستىتىدا ئىنگىلىزتىلىدا بىلىم ئاشۇرغان . ئامىرىكا تەبىيلىك ئىجتىمائىي پېنىنى تەتقىق قىلغان بىرىنچى جۇڭگۇلۇق دەپ ئاتالغان ، ئامىرىكىنىڭ كىلاسسىك ئەسىرى <ئويغانغان ئورمان >،< يىراقتىكى ئۆي > قاتارلىقلارنى تەرجىمە قىلغان .
يېقىندىن تېما ئوغۇرلىرى كۆپىىپ قاپتۇ ، باغداشتىكى قادىر دولاننىڭ بىر ئىككى ئەسىرى باشقا تورلاردا باشقىلارنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنىغانلىقىنى بايقىدىم . باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىڭ ، تېما ئوغۇرلىماڭ ! |