- تىزىملاتقان
- 2012-9-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2568
- نادىر
- 0
- يازما
- 141
ئۆسۈش
  18.93%
|
بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى koygandengizدە2013-01-05 15:41يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ قېتىم ئۈرۈمچىگە بارغاندا بىر دوستۇمنىڭ بالىسىنىڭ سۈننەت توي رىياسەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنىپتىكەن ، شۇ يەردە كۆرۈش شەرىپىگە ئېرىشىپتىمەن بۇ «داڭلىق رىياسەتچى» نى . بۇرۇندىن ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، مەنمۇ باشقىلار بىلەن بىللە داڭلاپ يۈرگەن . بۇلارنىڭمۇ بىزدىكى ئىسراپچىلىق ، بۇزۇپ - چېچىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان شۇنداق سورۇنلاردا سۆرىلىپ رىياسەتلچىلىك قىلىپ يۈرىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن.
مېنىڭچە خەلق ئارىسىدا كىچىككىنە ئىززەتلىنىپ ، نامى چىقىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق ئىش ھەركىتى باشقىلارنىڭ دىققەت مەركىزىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالىدىغان گەپكەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىززەت - ئابرويىنى ساقلاپ ئۆتمىگى ھەقىقەتەن زۆرۈردۇر ........
ئاغىنە مەۋلۇت ئىبراھىم توي-تۆكۈنلەردە رىياسەتچىلىك قىلىپ پۇل تېپىپ يۈرىدىغان ئادەم ئەمەس،پەقەت يېقىن دوستلىرىنىڭ،خىزمەتداشلىرىنىڭ مەرىكىلىرىدە تەكلىپ بىلەن ئازتولا رىياسەتچىلىك قىلىپ بېرىدۇ.ئىسراپچىلىق سورۇنلىرىدا سۆرۈلۈپ يۈردى دېگىنىڭىز ئېنىقلا بۆھتانغۇ دەيمەن.سورۇننىڭ ئىسراپچىلىغىنى مەۋلۈت كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بولغان ئىش يوققۇ.ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدى خالاس.توي دېگەنگە ئالىم ئۆلىمامۇ،ئىشچى دېھقانمۇ،بايمۇ گادايمۇ ھەرقانداق ئادەم كېلىدۇ.ئەنە سىزمۇ شۇ تويغا كەپسىز، ئەجىبا سىز باشقىلارنى سۆرۈلۈپ يۈرگەندەك ھىس قىلغاندا،ئۆزىڭىزنى قانداق قىلىپ يۈرگەندەك ھىس قىلدىڭىز؟!
مەن مەۋلۇتنى پەقەت ئۇنىڭ ئاۋازىدىن،سۈرەتلىرىدىن تونۇيمەن،ئۇنىڭ بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتىممۇ يوق!لېكىن سىزنىڭ سەل ئاشۇرۋېتىلگەن گەپ-سۆزىڭىزگە ئىنكاس قايتۇرغۇم كەلدى.ئۆزىڭىزنىڭكىنى توغرا دەپ قارىسىڭىز ئىنكاس قايتۇرۇپ ئاۋارە بولماڭ. |
|