گۈزەللىك تولغىنىشى (نەسىر) ئەھمەد مۇتەللىپ
قەترە-قەترە شەبنەملەر گۈل ياپراقلىرىنى سۆيمەكتە،بۇلبۇل رىياسەتچىلىك قلغان‹‹سۈبھى›› ئوپىراسى باشلاندى. گۈزەللىك دېرىژور بولۇپ ‹‹كائىنات›› سىمفونىيىسى ئورۇنلىماقتا...... سەھەردە سابا بولۇپ ،بۇلبۇل ئېغىزىدا ناۋا بولۇپ گۈزەللىك ئۈچۈن نامايىش توۋلايمەن!!!! نوتىسىدىن ئايرىلغان ئىرسىيەت مۇزىكىسى بارخانلار ئۈستىدە تەمتىرىگەن چاغدا تىراگدىيەگە تەڭكەشمەن....
(2) رئىاللىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇنۋانى بولغان قەبرە تاش ئالدىدا ‹‹ھىكمەت›› بىلەن قولداشمەن،ئۆلۈم بىلەن سىرداشمەن!! تۇغۇلماق بار ئىكەن ئۆلمەك ھەقىقەت، ۋەلىكىن‹‹ گۈزەللىك›› ئۆلمەيدۇ پەقەت. (3)
ئىرسىيەت ئاجىز چىرگەن يىلتىز، ‹‹گۈزەللىك››نەدە دەپ قاينايدۇ دېڭىز.
ئەجدادلار ياتار ئۈنسىز قەبرىدە، ئەۋلادلار دىۋانە ‹‹نۇپۇس››غەلبىدە.
(4) چۈپىرەندە كېپىنەكلەرنىڭ جۇلدۇر قاناتلىرى بىلەن گۈلزارلىقنى ئاۋاتلاشتۇرۇش ،گۈزەللىككە قىلىنغان ئاسىيلىقتۇر!!!
(5) دەز كەتكەن ئەينەك ئالدىدىكى گىرىم قۇتىلىرىنىڭ ،گۈزەللىكە رەندە سېلىشقا مەڭگۈ قۇربى يەتمەيدۇ!!!
ئەسكەرتىش: چۈشەنمىگەنلەر ئىنكاس يازماڭ.
2013-يىل 1-ئاي 4- كۈن |