بۇندا تولا شائىر، ئەدىبلەر،
قەلەم بىلەن ئاتلانغان جەڭگە.
قەلەم ھەققى __ ماختاش، تەرىپلەر،
مۇنبەرلەردىن تارقىتار تەڭگە.
بۇ تەڭگە ھەم مەۋھۇم تەڭگىدۇر،
مىڭ تەڭگىگە كەلمەيدۇ بىر نان.
مۇنبەرلەرگە خۇمار بەڭگىدۇرـ
مەيلى كونا يا يېڭى مېھمان!
مۇنبەرنىڭمۇ بولغىنى ياخشى،
ئۇ ئەمەسمۇ تېمى يوق مەكتەب.
ئەزانىڭمۇ تولغىنى ياخشى،
خېرىدارسىز قالغاندىن ئەسنەپ!
باشقۇرغۇچى ــ جاپاكەش ئىنسان،
ھەق، سىتاژسىز بىكارلىق كادىر.
لايىق ئەمەس ئاڭا دۆت، نادان،
مەلۇم ساپا قىلمىسا ھازىر!
ۋالاقلىما چاچرىتىپ كۆپۈك،
بولمىساڭلا تولمىغان چېلەك؛
ئىنكاس قوپال، قاپاقلار تۈرۈك،
شۇنچە كېبر قىلماق نە كېرەك؟
ئەزا ئۈچۈن ئىللىق ھەم سىلىق ـ
بولماق كېرەك، چىقارماي پۇتاق؛
سەن گويا سۇ، ئەزالار بېلىق ـ
بوپ ئۆز-ئارا ئۆتەيلى ئېناق!...
مۇنبەر دېگەن دەۋەت سورۇنى،
ئېمان-ئىسلام بىزنىڭ غايىمىز!
قورققانغا كۆرۈنىدۇ قوش،
خەتەرلىكتۇر ھەتتا سايىمىز!...
توشقانچىلىك يۈرەككە ئېگەـ
ئەمەس توۋا، لېكىن گاھىمىز.
قورققانغا ئۆلمىسەك ئىدۇق،
پەقەت قەبرە بارار جايىمىز!...