گۈل
ئۆمەرجان ئوبۇل قەلبىمدە بىر گۈلسەن شۇنچە جۇلالىق
ۋە لېكىن بىر مەرتەم پۇرىيالمىغان.
قەلبىمدە شۇ تاپتا تولا تارتىنىش
سەن تالىق گۈلزارنى سورىيالمىغان. شاماللار ئەركىلەپ سۆيسە لېۋىڭگە،
تۇغۇلار دىلىمدا ئالەمچە ھەسەت.
ھەتتاكى توزانلار قونسا تېنىڭگە
بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن تۇيۇلار لەھەت. تىلىكىم: بىر ماڭا بەرگىن ھىدىڭنى،
تاڭدىكى شەبنەمدەك بەرگىڭگە قوناي.
گەر بايان ئەيلىسەڭ يۈرەك سىرىڭنى،
زارىقىپ تەلمۈرگەن ۋەسلىڭگە قاناي. تاڭدىكى شەبنەمدەك بەرگىڭگە قوناي،
زارىقىپ تەلمۈرگەن ۋەسلىڭگە قاناي. شىنجاڭ گېزىتى |