- تىزىملاتقان
- 2011-10-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 20035
- نادىر
- 0
- يازما
- 1661
ئۆسۈش
  25.09%
|
شەيتان لۇغەت
1. ئەپسانە
يەرشارىدىكى تۇنجى مېكيان تۇققان تۇنجى تۇخۇم ياكى تۇنجى تۇخۇمدىن چىققان تۇنجى چۈجە .
2. ئەتە
ھورۇننىڭ لۇغىتىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سۆز .
پۇشايمان قىلىدىغان كۈن
3. ئەركىنلىك
تويدىن بۇرۇنقى تۇرمۇش
ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق
4. ئەۋلىيا
بۇ تۈزىتىش ۋە تەھرىرلەش ئارقىلىق پىششىقلانغان ، ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بىر جىنايەتچى .
5.بانكا
قەغەز پۇل يىغىۋېلىنىدىغان ۋە تارقىتىدىغان ئورۇن .
دۇنيانى باي كۆرسىتىدىغان جاي
6. بانكىر
مەخسۇس رەقەملەر بىلەن شېئىر يازىدىغان كاتتا شائېر
ئۇ بىرخىل مېكيان بولۇپ ، پۇلدىن چۈجە چىقىرالايدۇ .
7. بەش بۈرجەكلىك بىنا
ئامېركىدىكى سىياسىئونلار بىلەن قىزىقچىلار شىشخال ئوينايدىغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى . ئۇلار شىشخال تاشلاش ئارقىلىق ، ئىتتىپاق تۈزۈشنى ياكى تۈزمەسلىكنى، جازالاش ياكى قامال قىلىشنى، ئۇرۇش قىلىش ياكى مۇداپىئەدە تۇرۇشنى قارار قىلىدۇ .
بۇ مەخسۇس قىرغىنچىلىقنى توپ سېتىش تىجارىتى قىلىدىغان جاي .
8. بوغالتىر
دىرىكتۇرنىڭ خوتۇنىدىن قالسىلا ، قانۇنلۇق ھالدا ، دىرىكتۇرنىڭ پۇل قاپچۇغىنى رازۋېتكا قىلالايدىغان ئادەم .
مەنبە ـ ‹‹ شەيتان لۇغە ›› دىگەن كىتابتىن
|
|