- تىزىملاتقان
- 2012-12-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2013
- نادىر
- 0
- يازما
- 64
ئۆسۈش
0.43%
|
بۇ مەزمۇن 21قەۋەتتىكى seherدە2012-12-29 19:07يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ تېمىنى ئوقۇپ، ئۆتكەن ئىككى يىلىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى...مەمۇرلۇققا ئىمتىھان بەرمەسلىك ئۈچۈن شىركەتتە ئىشلەيمەن دەپ ئۆيدىكىلەر بىلەن نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەر بولۇپ كەتكەن ئىدى، ھازىر ئويلىسام ئىچىم بەك ئاچچىق بولىدۇ...ئۇيغۇرىمىز قۇرغان شىركەتلەر كۈنسېرى جىقلاۋاتىدۇ، ئەمما قولغا چىققۇدەك، سۆزى بىلەن ئەمىلى ھەرىكىتى بىردەك شىركەت ساھىپلىرىمىز جىق ئەمەس...جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىسىڭىزمۇ ئاخىرى پايدىڭىز شىركەتكە، زىينىڭىز سىزگە بولىدىغان ئىش جىق...ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىرىمىز شىركەتنى نېمىشقا ئاسان تاللىمايدۇ، مائاش ئاز، ئىش سىجىللىقى يۇقىرى، سۇغۇرتا يوق، ئىشلىگەنگە چۇشلۇق ئىرىشكىلى بولمايدۇ ھاكازالار ئۈچۈن...شۇ شىركەت ئۈچۈن ئىچكىردىكى ئىشلەش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپتىكەنمەن، گەرچە ھازىرقى ئىش ئورنۇمدىنمۇ ئۇ قەدەر مەمنۇن بولمىساممۇ لېكىن شۇ شىركەت ئۈچۈن سەرپ قىلغانلىرىمغا ئېچىنىمەن...
سالام seher,يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
سىز دىگەن بەزى ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۇت، بەزى ئۆزقېرىنداشلىرىمىز قۇرغان شىركەتلەردە ھەقىقەتەن جان كۆيۇدۇرۇپ ئىشلىسىمۇ ئىشلىگەندە چۇشلۇق ھەق ئالغىلى بولمايدىغانلىغىمۇ ئەمىليەت،ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى مۇئاش ئېلىپ ،ياخشى تۇرمۇش كەچۇرۇشنى ئويلىشىمۇ ھەممە ئادەم ئۇچۇن ئورتاق بولغان ئەھۋال ،مەن بۇ يەردە قانداقتۇر شەخسى مەنپەتتىن كىچىپ ئۇزىڭىزنى شىركەتكە ئاتاپ ،ئاز مائاش بىلەن يوقسۇل تۇرمۇش كەچۇرۇڭ دىمەكچىمۇ ئەمەس،ھەممە ئادەم ياخشى مائاش ئالسا ياخشى ئىش ئەلۋەتتە.
بىراق بۇيەردىكى بەزى شىركەتلەرنىڭ ئازراق مائاش بىرىشى ، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ بەرگۇسى يوقلىقىدىن بولغانمۇ ئەمەس،چۇنكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش -ھەققىنى ئۆستۇرۇش ئۇچۇن ئاۋال شۇ شىركەتنىڭ پايدىسى ئېشىشى،رىقابەت كۇچى كۇچىيىشى ،ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ساپاسىمۇ ماس ھالدا يۇقۇرۇرى كۆتۇرۇلىشى كېرەك،ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئۇ شىركەت تاقىلىدىغان گەپ،شىركەت تاقالسا شۇ سىز ئاز كۆرگەن مائاشلىق ئىش ئورنىمۇ يوق بۇلىدۇ ،نۇرغۇن ئادەم ئىشسىز قالىدۇ .
ئاخىرىدا دىمەكچى بولغۇنۇم ، ھازىر قۇرۇلغان ئۇيغۇر كارخانىلىرىغا نىسپەتەن مائاشى ئاز بولسىمۇ ،ئۇلارنى قوللاش يۇزىسىدە مۇئامىلە قىلساق بىر قەدەر ياخشى بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن. چۇنكى ئۇلارنىڭمۇ شۇ شىركەتلەرنى قۇرمىقى ،4 ئادەمگە مائاش بەرمىگى ئۇنداق ئوڭاي ئەمەس،يەنە بىرسى شۇ تاپقان پۇللارنىڭ كۆپ قىسىمى باژ ۋە باشقا بىر قىسىم ھەقلەر ھىسابىدا باشقىلارنىڭ چونتىكىگە كىرىدۇ،پەقەت ئاز بىر قىسىمىلا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ۋە باشقا مەبلەخ سېلىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا رىقابەت كۇچەيگەن، پارىخورلۇق ئەۋىج ئالغان ھازىرقى جەمىئەتتە ئاشۇ بخ ھالەتتىكى شىركەتلەرنىڭ ھەرخىل تۇر مەبلەخلىرىنى قولغا كەلتۇرۇپ باشقىلاردەك ‹‹ئوڭاي›› پۇل تېپىشى بەكلا قىين .
ئۆز شىركەتلىرىمىز تەرەقى قىلىپ ئىقتىسادى ئاشسا ئاز مۇئاش بىرىدىغان ئىشلارمۇ ۋە باشقا نا مۇۋاپىق ئىشلارمۇ تۇگەيدۇ ،مەنچە شۇ شىركەتلەرنە قۇرغانلارمۇ بۇلارنى ئويلاپ يىتەلەيدۇ . |
|