نۇرۇزنى سېغىنىش
(مۇختار سۈپۇرگى)
نۇرۇز
تۇيۇپ تۇردى كۆڭلۇم ھەر قاچان،
مېنى شۇنچە سېغىنغىنىڭنى.
پارە-پارە قىلىپ ئۆزۇڭنى ،
ھىجرانلارغا يېلىنغىنىڭنى .
ئۇزۇن كېچە ئاچچىق زىمىستان،
نەپسىڭنى بوغۇپ تۇرسىمۇ ،
توختىمىدىڭ سۆيۇشتىن مېنى ،
مۇزلار خەنجەر ئۇرۇپ تۇرسىمۇ .
تۇنەپ چىقتى كىرپىكىڭدە قار ،
لەپىلدىدى تېنىڭدە ھەسرەت .
كۆز يۇممىدىڭ بىراق بىر دەقىق،
سېغىنىشتىن ئېلىپ ھارارەت .
نۇرۇز
سېغىنمىدى دەيدۇ مېنى كىم ،
مەن دەردىڭدە ئايلاندىم ئوتقا .
ئاتەشداندا يۇرۇگۇم ئەنە ،
كۆز ياشلىرىم سىڭدى بۇلۇتقا .
نوتىلارغا ياتتىم چىرمىشىپ ،
چېچەك بولۇپ ئېچىلارمۇ دەپ .
شاماللارغا ئاتتىم ئۆزۇمنى ،
تونۇش ھىدىڭ تېپىلارمۇ دەپ .
كېچىلىرى كۆرەلمىدىم چۈش ،
كۆزۇم يولدا ئۇيقۇدىن بىزار .
گاھ قىزلارغا ئوخشاتتىم سېنى ،
مېنىڭ بولسا ئەشۇ گۇل نىگار .
نورۇز
سەن سېغىندىڭ كۆڭلۇمدە تۇرۇپ ،
مەن سېغىندىم قوينۇڭدا تۇرۇپ .
نېسىپ بوپتۇ بىزگىمۇ ۋىسال ،
قالغىن بۈگۈن باغرىمدا قونۇپ ! ...
|